باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

چەتئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمايدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-15 10:35

    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى:

    دالاي بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – مارت تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ يېقىندا بەزى دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ چەت ئەلدىكى ئاپپاراتلىرىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغانلىقىغا قارىتا 11 – مارت مۇنداق دېدى: چەت ئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۇيىقەستى ئىشقا ئاشمىدى، ھازىرمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ.

    10 – مارتنىڭ ئالدى – كەينىدە، ھىندىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە چەت ئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ئەھۋاللىرى يۈز بەردى. چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش قەرەللىك يىغىنىدا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە: بۇ، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتى ۋە زوراۋانلىق خاھىشىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى ھەم ئاشكارىلىدى، دېدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – مارت تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 11 – مارت دالاينى بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلىشىشكە شارائىت ھازىرلاشقا دەۋەت قىلدى.

    چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش قەرەللىك يىغىنىدا دالاينىڭ بايانات ئېلان قىلغانلىقىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى. چىن گاڭ: دالاي 10 – مارت يەنە ئاتالمىش بايانات ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىقى يوق، دېدى.

    ئۇ: بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دالاي بۇنىڭدەك باياناتلارنى ھەر يىلى دېگۈدەك ئېلان قىلىپ، شىزاڭنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىزاڭدىكى سىياسەتلىرىگە قەستەن ھۇجۇم قىلىپ ۋە قارا چاپلاپ، ‹‹مۇستەقىللىق››، ‹‹يېرىم مۇستەقىللىق››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ باياناتىدا ھېچقانداق يېڭى مەزمۇن يوق، دېدى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چەتئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمايدۇ

ئىقتىسادتا مۆجىزە يارىتىپ، مەدەنىيەتتە شان-شەرەپ قازىنايلى

جاھان ئەھلىگە شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىش

خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن بولايلى

100مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرەيلى

ئاقىلانە ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

شىنجاڭنىڭ چوڭقۇرۇلۇشى ، زور تەرەققىياتى ، كەڭ ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر بىر نەچچە مىزانى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号