باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-12 16:27

    — ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقىنى زىيارەت

    فېڭ جىن ، لى شىڭ

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى 11 – مارت 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن ‹‹جىڭشى›› مېھمانسارىيىدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مەركەز بىزدىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىزنىڭ كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، بوشاڭلىق قىلماي، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى، ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشىمىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ! دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ئاخىرقى يىلى، شۇنداقلا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ قوش تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يىل. مەركەز بۇ يىل مۇۋاپىق پەيتتە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوللاش توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر تۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى. مەركەزنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە غەنىيمەت تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

    ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: بىز بۇ خىل غەمخورلۇق، قوللاشتىن ھەسسىلەپ روھلاندۇق، ئىلھاملاندۇق. مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىمىزغا قويۇلغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى قىلىپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تاللاپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار ئاتا قىلىنغان خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تېگىشىلىك تۆھپە قوشىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇن – نىزاملارنىڭ قاراتمىلىقى، تەتبىقلىنىشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزامنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇكەممەل قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز. ئىككىنچىدىن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتكوم قارار قىلغان، خەلق ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئىشلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتكومنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قوللاپ، نازارەتچىلىكنى قاراتمىلىقىبولغان ھالدا كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك .

    ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىشىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ جان تومۇرنى ئاسراش، قەتئىي قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئېڭىمىز، پۇقرالىق ئېڭىمىز، قانۇنچىلىق ئېڭىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۇستەھكەم، بىرلىككە كەلگەن، ئايرىلماس مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز، ئىش – ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئەركىن ئىمرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ، خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئەڭ كۆپ ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرىدۇ، قوغدايدۇ ۋە يۈكسەلدۈرىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى تاللاپ نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇن – نىزاملارنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىغا، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ھەققانىيەت تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختكە، ئىززەت – ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىناق قىلىشىمىز كېرەك.

    ئۇ: مەركەز ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمىنى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى ئارقىلىق ئىدىيەۋى تەييارلىق، تەشكىلىي تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زور قۇرۇلۇشى، كەڭ ئېچىۋېتىلىشى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىدەك مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك، دېدى. 

    

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىقتىسادتا مۆجىزە يارىتىپ، مەدەنىيەتتە شان-شەرەپ قازىنايلى

جاھان ئەھلىگە شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىش

خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن بولايلى

100مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرەيلى

ئاقىلانە ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

شىنجاڭنىڭ چوڭقۇرۇلۇشى ، زور تەرەققىياتى ، كەڭ ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر بىر نەچچە مىزانى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ، شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号