باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

‹‹ 8–مارت ›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-08 10:36

    خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ،

شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – مارت تېلېگراممىسى. ‹‹ 8 – مارت ›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 7 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

   پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

                                                        

      پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاياللار ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

    يىغىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار ‹‹ مەملىكەتلىك 8 – مارت قىزىل بايراقدارى ›› ۋە ‹‹ مەملىكەتلىك 8 – مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇكاپاتلىدى.

    خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى ۋە ئاياللار ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك ئايال قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى ئايال مۇھاجىرلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئېلىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كەلگەن خەلقئارا تەشكىلات ۋە دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، دۇنيادىكى ئەمگەكچى ئاياللاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەك تىلىدى.

    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئەمگەكچى ئاياللار 100 يىلدىن بۇيان، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،ئاياللار ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقى، قەيسەرلىكى، ئىخلاسمەنلىكى بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيا ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ تىللاردا داستان بولغىدەك يارقىن سەھىپىسىنى پۈتتى. 100 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ئاياللار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز ئىستىقبالى، تەقدىرىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، جاپالىق، شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى باشلاپ، ئاياللار ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئېلىمىز تارىخى ۋە ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، كۈچلۈك دەۋر خاسلىقى ۋە روشەن جۇڭگو ئالاھىدىلىككە ئىگە يولىنى تېپىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتتى، دۇنيا ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يارقىن سەھىپە پۈتتى. ئاياللار ‹‹ يېرىم دۇنيا ›› دەپ تەرىپلەش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئېلىمىزدىكى ئاياللارنىڭ مۇھىم رولى ۋە گەۋدىلىك تۆھپىسىگە بەرگەن ئالىي باھاسى.

    خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئېلىمىز ئاياللىرى قەلبىگە ۋەتەننى پۈكۈپ، يۈكسەك ئىرادە تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايە – ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، دەۋر يۈكلىگەن ئالىي بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى؛ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەتلىك، تىرىشچان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە ››يېرىم دۇنيا‹‹ لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرى ۋە پائال ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشى؛ مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ھالدا زىممىسىگە ئېلىپ، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، ھەممە كىشى ئۆز ئارا كۆيۈنىدىغان، ھەممە ئائىلە بەختىيار، تىنچ بولغان، جەمئىيەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپا مۇشەققەتكە چىداپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇدىغان دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە چىن مۇھەببىتىنى بېغىشلاش جەريانىدا، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئېھتىياجلىق جايلاردا چېنىقىپ، كىشىلىك ھاياتىنى ئارمانسىز كۈرەش جەريانىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.

    خۇ جىنتاۋ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە ئېلىمىز ئاياللىرى تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى چوقۇم قىلالايدۇ، ئېلىمىز ئاياللار ئىشلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ.

    يىغىندىن ئىلگىرى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ‹‹ مەملىكەتلىك 8 – مارت قىزىل بايراقدارى ›› ، ‹‹ مەملىكەتلىك 8 – مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ ›› ۋە ھەرقايسى دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاياللار ۋەكىللىرى شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئاياللار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چىن جىلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقىلانە ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

شىنجاڭنىڭ چوڭقۇرۇلۇشى ، زور تەرەققىياتى ، كەڭ ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر بىر نەچچە مىزانى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ، شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك ، دەپ تەكىتلىدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا ئائىت بىر قانچە مىزانى ›› نى بېسىپ تارقاتتى

چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك ، دەپ تەكىتلىدى

خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىدە كىچىك ھالقىلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号