شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
باش باھاردا، يولداش جۇ يۇڭكاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىنى ئېلىپ كېلىشى شىنجاڭدىكى 21 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇلار بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى ھەم روھلاندى.
ھەممىگە مەلۇمكى، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە زور كۈچ قوللاپ، مۇھىم ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر شىنجاڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسى ۋە شەرتىنى تولۇق ھازىرلىدى.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2009 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ قىيىن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر يىل بولدى. بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسى پەيدا قىلغان پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، خىرىسلار ئىنتايىن كەسكىن بولغان ۋەزىيەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى يەنە ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەندە، مەركەز بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر تۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركەز دۆلەتنىڭ 40 نەچچە ئالاقىدار تارمىقىدىكى 500 نەچچە كادىردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىغا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىپ، نۇرغۇن بىرىنچى قول ماتېرىيال ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەر ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشىش تارىخىي پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ!
شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئەھمىيەت بېرىشىدىن ، مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىشىغا تايىنىش كېرەك. بىز مەركەزنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى، غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىنۇت، سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىي قىلغان، ئەبەدىي ئەمىن بولغان، ھەر مىللەت خەلق ئامان – ئېسەن، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!