باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، يېزا ئىگىلىكى ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-02-03 11:51

    ( 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى )

    2009 – يىلى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ قىيىن بولغان بىر يىل بولدى. تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسى، كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلمىگەن تەبىئىي ئاپەتنىڭ زور سىنىقى، ئىچكى – تاشقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ بىنورمال داۋالغۇشنىڭ پايدىسىز تەسىرى ئالدىدا، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. ئاشلىقتىن يەنە مول – ھوسۇل ئېلىپ، مەھسۇلاتنى ئۇدا ئالتە يىل ئاشۇردۇق؛ دېھقان ئىشلەمچىلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تېز كۆپەيتتۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۇدا ئالتە يىل بىر قەدەر تېز ئاشۇردۇق؛ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، يېزىلارنىڭ سۇ، توك، يول، گاز، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تېز ياخشىلىدۇق؛ يېزىلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق؛ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېزا جەمئىيىتىنى ئىناق، مۇقىم قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋاقىتلىق مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى، ئېشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىنى ئاساسىي تىرەككە ئىگە قىلدۇق.

    نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شەھەر، يېزا ئىقتىسادىنىڭ باغلىنىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، كىلىمات ئۆگىرىشىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۈنسايىن زورىيىۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت ۋە ئاكتىپ ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەر خىل ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خىرىسمۇ كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تەرەققىيات مۇھىتىدا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى چەكلەيدىغان ئامىللار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى بىر قەدەر تېز ئاشۇرۇش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋەزىپىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر چوقۇم تىنچ شارائىتتا خېيىم – خەتەرنى ئويلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە سەل قاراش ۋە ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش خاھىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقى، يېزىلارنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ كەينىگە يېنىپ كەتمەسلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىگە بولغان ئاساسىي تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈپ يېزا سىياستىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، سانائەتلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    2010 – يىلى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرى، مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يغىنىنىڭروھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى تۈپ تەلەپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مىللىي دارامەتنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم مەزمۇن، يېزىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ۋە بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىقتىسادنى مۇقىم، بىر قدەر تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش يولى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلنى پۇختىلاش يولى بىلەن زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش ئاساسىي تەسەۋۋۇرى بويىچە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنى بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا داۋاملىق يېڭى تۆھپە قوشۇش.

1   2   3   4   5   下一页  

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، يېزا ئىگىلىكى ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

2010 – يىلى مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : يېزا ئىگىلىكى ، يېزا ئاساسىنى پۇختىلاش

نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

دىنلار ئىناقلىقى دىن خىزمىتىدىكى يېڭى مەنزىل

پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى چىڭىتىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق ساقلاندى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق نامايەندىسى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号