لى خۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز 27– يانۋار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە جايلار، تارماقلاردىن سەگەكلىكنى ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

نۇر بەكرى يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياڭ گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 2009 – يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ››ئۈچنى بىرلا ۋاقىتتا‹‹ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى تولۇق بېجىرىشى، بىخەتەرلىك جەھەتتىن باھالاشقا تېگىشلىكلەرنى تولۇق باھالىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ھالقىسىنى چوقۇم مەنبەدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇشتا قاتتىق قول، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزام بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى قانۇننى چوقۇم قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. بايقالغان قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىك مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇشى ھەم مۇناسىپ جازالاش، ئۆزگەرتىشكە ئۇنىمىغانلاردىن توختىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى توختىتىشى، تاقاشقا تېگىشلىكلىرىنى تاقىشى، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكتىن ھادىسە يۈز بېرىپ تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
نۇر بەكرى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىن چوقۇم رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ، بىيۇروكراتلىق، پۇلپەرەسلىك خاھىشىنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ھازىرقى قېلىن قار يېغىپ، قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان ھاۋارايى توغرىسىدا، نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر بۇ پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تاشيول قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كان، تاشيول، تۆمۈريول، ئۇزۇن مۇساپىلىك تۇرۇبا لىنىيەسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە تاغلىق رايونلاردا مەشغۇلات قىلىدىغان ئورۇنلار قار كۆچكۈنىنىڭ زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھاۋارايى ئۆزگىرىشگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال، ئالدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار رايونلار قار ئېرىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئاممىنى ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.