باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-01-26 18:16

    چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 22 – ، 24 – يانۋار ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى.

    بۇلتۇر يىل ئاخىرى، بولۇپمۇ بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇدا قېلىن قار ياغدى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، بوران چىقتى، شۇنداقلا قىسمەن جايلاردا سوغۇق ھاۋا بىلەن ئىسسىق ھاۋا ئالمىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن كېلىپ، ئاز ئۇچرايدىغان بىرىكمە ئاپەت يۈز بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىز زىيان سالدى. ئاپەت ئېغىر بولغان ئالتاي ۋىلايىتىدە 570 مىڭ كىشى(قېتىم)، 2 مىليون 270 مىڭ چارۋا ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋا قوتاندىكى چارۋىنىڭ %83.5ىنى ئىگىلىدى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 250 مىڭ كىشى(قېتىم) ۋە 1 مىليون 700 مىڭ چارۋا ئاپەتكە ئۇچرىدى.

    ئاپەت ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. ئاپەت رايونىدىكى ئامما ۋە چارۋىلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغانمىدۇ؟ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى قانداق كېتىۋاتقاندۇ؟ بۇ ئىشلار ھەر ۋاقىت ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىيالىدىن نېرى كەتمىدى. ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 22 – يانۋار ئايروپىلان بىلەن ئالتاي شەھىرىگە بېرىپلا، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، ئاپتوموبىل بىلەن 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ خۇرت يېزىسى سۇپتى كەنتىگە بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى.

    سۇپتى كەنتى قازاقلار ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق كەنتى بولۇپ، يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 1.6 مېتىرغا يېتىپ، كەنتتىكى 126 ئائىلىلىكنىڭ 21 ئېغىز ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان، قىسمەن قوتانلار بۇزۇلغان، بەش ئات ئۆلگەنىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئاپەتكە ئۇچرىغان چادېننىڭ ئۆيىگە كىردى. قېلىن قاردا چادېننىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنىڭ ئارقا تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، كەنت كادىرلىرى ۋە يۇرتداشلارنىڭ ياردىمىدە، تامنى تېزلا قوپۇرۇۋالغانىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئۇنىڭ ئۆيى، زاپاس يەم – خەشىكى ۋە قوتىنىنى بىرمۇبىر كۆردى، ئۇنىڭغا ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ھال سوراش بۇيۇمى بەردى.

    ۋاڭ لېچۈەن يەنە 56 ياشلىق يەھيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. يەھيا ۋاڭ لېچۈەنگە: ‹‹ قوتانلىرىم پۇختا، يەم – خەشەك زاپىسىم يېتەرلىك بولغاچقا، بۇ قېتىمقى قېلىن قار ئاپىتىدە 260 نەچچە چارۋا مېلىمدىن ئارانلا ئىككىسى ئۆلدى؛ ئائىلىدىكى ھېچقايسىمىز تالاپەتكە ئۇچرىمىدۇق، ئاشلىق، كىيىم – كېچەك، يوتقان – كۆرپىلىرىمىز تولۇق ›› ، دېدى. ۋاڭ لېچۈەن خۇشال بولۇپ: ‹‹ بۇ قېتىم نەچچە ئون يىلدا بىر ئۇچرايدىغان قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، ئەمما دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بولغاچقا ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىڭلار ئاشقاچقا، ئاپەتنى چوقۇم يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن ›› ، دېدى.

    24 – يانۋار، ۋاڭ لېچۈەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى دۆربىلجىن ناھىيەسى، تولى ناھىيەسىگە كېلىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. قار يېغىپ، شىۋىرغان چىققاندا سارغۇسىن رايونىنىڭ قاتنىشى راۋان بولمايدىغانلىقىغا قارىتا ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹ ئاپتونوم رايون مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ رايوننىڭ تاشيول قاتناش ئەسلىھەلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ،كۆپ يىللاردىن بۇيانقى سارغۇسىن تاشيولىدا قار يېغىپ، شىۋىرغان چىققاندا ئاپەت يۈز بېرىدىغان ئەھۋالنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى ›› .

    كۆزدىن كۆچۈرۈشتە، ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ھازىرقى تەخىرسىز ۋەزىپە دەپ بىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار باشتىن – ئاخىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، بۇ خىزمەتكە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار داۋاملىق يېقىندىن ماسلىشىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا كۈچلۈك بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىمۇ ساقلاپ تۇرماي، يۆلىنىۋالماي، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاپەتكە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. بالدۇر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەي جىجيې، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىنرەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى چى باۋۋېن كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولدى

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم

60 يىلدا بىر ئۇچرىغان قېلىن قار ئاپىتى ئالدىدا

بۇ يىلقى مەركەزنىڭ ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› دىكى يېڭىلىق نەدە؟

بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىش كېرەك

2009 – يىلى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تەھدىتلەر

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئېغىشماي داۋاملىق ئىلگىرى سۈرەيلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号