باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

بۇ يىلقى مەركەزنىڭ ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› دىكى يېڭىلىق نەدە؟

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-01-23 12:01

    بۇ يىلقى مەركەزنىڭ ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› ھەر قايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىۋاتقان ‹‹قىزىق نۇقتا›› بولۇپ قالدى. يىلنىڭ بېشىدا، باش شۇجى خۇجىنتاۋ خېبېي ئۆلكىسى سەنخې شەھىرىنىڭ يېزا – بازارلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەركەز 2010 – يىلى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت›› تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ، بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت›› نىڭ يەنىلا ‹‹يېزا، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار›› مەسىلىسىگە چىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا، مەركەزنىڭ بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› دىكى ‹‹يېڭىلىق›› زادى نەدە؟

    بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش يەنە بىر قېتىم ئاساسىي نىشان قىلىندى، بۇ گەرچە تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان كونا گەپ بولسىمۇ، مەزمۇنىدا نۇرغۇن يېڭىلىق بار. شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئاساسىي زىددىيەتلەر 1 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىگە چېتىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگىمۇ چېتىلدى. بۇ كىشىلەر توپى ئاز دېگەندىمۇ نەچچە 10 مىليونغا يېتىدۇ. ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ شەھەردە چوڭ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ‹‹يېزىلىق›› ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، لېكىن شەھەرلىكلەر ئۇلارنى ‹‹شەھەرلىك›› دەپ قارىمايدۇ. بۇ مەسىلىدە ‹‹12 – بەش يىل›› دا چوقۇم بىر بۆسۈش بولىدۇ، بۇ، ھازىر زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان يېڭىچە يېزا ھەمكارلىقى ۋە يېڭىچە دېھقانلار ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەھەرلىشىش تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، شەھەر، بازار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى شەھەر، بازار قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئىشلەمچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، نوپۇسنىڭ شەھەر، بازارلىشىشى بولۇپ، يېزىدىكىلەر يېزىلاردىن شەھەر، بازارلارغا يۆتكىلىدۇ. بۇ قېتىمقى شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا بۇ ئىككى قاتلامنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

    يېڭى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت›› تە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يېزا ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ يادروسى قىلىنىدىكەن. مەسىلەن: يېزىلارنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بەزى يېڭى نىشانلار بار ئىكەن. بۇلتۇر دۆلەت %10 (320) ناھىيە (شەھەر)نى سىناق نۇقتىسى قىلغانىدى، بۇ يىلقى سىناق نۇقتىسىنىڭ دائىرىسى %30 ناھىيە (شەھەر) گە كېڭەيتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار داۋاملىق قوللاشقا ئېرىشىدىكەن.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى مەركەزنىڭ ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› دىكى يېڭىلىق نەدە؟

بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىش كېرەك

2009 – يىلى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تەھدىتلەر

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئېغىشماي داۋاملىق ئىلگىرى سۈرەيلى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس خۇجىنتاۋنىڭ تەستىقى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە قىسىم پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقاتتى

ئىتتىپاقلىقنى قانۇن–تۈزۈملەشتۈرۈش يولىغا سېلىش كېرەك

رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号