باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئىتتىپاقلىقنى قانۇن–تۈزۈملەشتۈرۈش يولىغا سېلىش كېرەك

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-01-05 16:05

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى››2009– يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئۇ 2010– يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹نىزام››نىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلۇشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەملىشىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاق ۋە جەمئىيەت مۇقىم بولغان ناھايىتى ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بىزگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىمىيلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇتتى. چېگرا سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، راۋاجلىنىشتەك باش تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلەرنى پائال تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى››نى تەييارلىدى ۋە چىقاردى. ‹‹نىزام›› ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، كوللېكتىپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.

    نىزامنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش، شۇنداقلا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. نىزامدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئەمەلىي ئېھتىياجى ئاساس قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە بېكىتىلدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئەتراپلىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنگەن بولۇپ، كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش ئومۇمىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى››نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىل يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنى قىلچە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بۇرچ سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. نىزامنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نىزامنى ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈپ، ھەممە ئادەمنى نىزامدىن خەۋەردار قىلىش كېرەك.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما نىزامنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، نىزامنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نىزامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر زىممىسىدىكى شەرەپلىك بۇرچى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نىزامدىكى ئاساسلىق بەلگىلىمىلەرنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق ساقلىشى كېرەك.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىتتىپاقلىقنى قانۇن–تۈزۈملەشتۈرۈش يولىغا سېلىش كېرەك

رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ، يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگانلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم

دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىدىكى يېڭى نەيرەڭ

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان 2009-يىللىق جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قەدىرلەيلى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغدايلى

بۇيىل 400 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ياكى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

يېڭى ‹‹ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ›› كېلەر يىل 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号