باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قەدىرلەيلى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغدايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-12-30 10:24

    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

    ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى ساقلاشنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاقىنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلغانىدى. ئالاقە ئىدارە قىلىنىپ بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئالاقە كەسىپلىرىنى تەدرىجىي ئېچىۋېتىشنى قارار قىلدى. 28 – دېكابىردىن باشلاپ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئابۇنىچىلار ‹‹خەلق›› تورى، ‹‹شىنخۇا›› تورىغا چىقىپ، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغان بولدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور ئەھلى زارىقىپ كۈتۈۋاتقان ئىش، 20 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئۈچۈنمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇشخەۋەر.

    5 – ئىيۇلدىكى ئاشۇ قاباھەتلىك كېچە شۇنداقلا ‹‹يىڭنە سانجىش›› ۋەقەسىنىڭ قارا تۇمانلىرى تارقالغاندىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ قارار كىشىلەرگە خۇشخەۋەردىن دېرەك بەردى، ئۇنىڭغا ئالاھىدە مەنا يوشۇرۇنغان. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىلگىرىكى تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىقنىڭ،خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئەمىنلىك، خاتىرجەملىكنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ تەدرىجىي مۇقىملىشىۋاتقانلىقىدىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    تەستە قولغا كەلگەن بۇ ۋەزىيەت كىشىنى شادلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىزغا موھتاج، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بىخەتەر، ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

    ھەممىگە مەلۇم، تور قوش بىسلىق خەنجەرگە ئوخشايدۇ، ياخشى پايدىلانسا، ئۇنىڭغا كارامەتلەر ۋە ئاجايىباتلار مۇجەسسەملەنگەن، ياخشى پايدىلانمىسا، ئۇنىڭغا خەتەر ۋە ئاپەت يوشۇرۇنغان. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە، تورنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئاممىۋى تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي قوزغاش كۈچىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى. رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› توردا گەپ ئويدۇرۇپ، ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈپ، ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆچمەس جاراھەت ئىزناسى قالدۇردى.

    ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، مەركىزىي كومىتېت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئاساسەن، شىنجاڭ دائىرىسىدە ئالاقە تورى، يانفون قىسقا ئۇچۇرى ۋە خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالاقىلىشىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە پىلانلاش يولى ۋاقتىدا ئۈزۈپ تاشلاندى. ئەمەلىيەت ئالاقىنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا، ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ تەدبىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەزىيەتنى تىنچىتىشىدىكى خەۋپ ۋە كاشىلىلارنى ئازايتتى، زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى. ‹‹ 5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ تەدرىجىي مۇقىملىشىشىنىمۇ ئالاقىنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا، ئالاقە تورى ۋە يانفون قىسقا ئۇچۇرى، خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون قاتارلىق كەسىپلەرنى تەدرىجىي ئېچىۋېتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەدبىر خەلق رايىغا باققانلىق، خەلق كۆڭلىگە ياققانلىق بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەشكە ئىشەنچىسى بارلىقى، قۇربى يېتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

    ‹‹ئېچىۋېتىش›› سىگنالى كىشىنى خۇشاللاندۇرىدۇ، ئەمما ‹‹ئېچىۋېتىش›› جەريانى تەدرىجىي بولىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىيىتى ئاساسەن مۇقىم، ۋەزىيەت داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سەل قاراشقا بولمايدىغىنى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى ۋە چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ھەرخىل مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. دۈشمەنلەرنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش تىرىشچانلىقى توختاپ قالغىنى يوق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تەدرىجىي ھالدا قەدەممۇ قەدەم ئېچىۋېتىش زۆرۈر. بۇ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلاشتىكى ئىلمىي، ئاقىلانە تەدبىر بولۇپ، يەنىلا ھەرمىللەت ئاممىنىڭ داۋاملىق چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور تەدرىجىي ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، تور ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بىخەتەر، ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش – بىز ھەربىر پۇقرانىڭ ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. توردا مەسئۇلىيەتسىز سۆز ۋە ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز، تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى ئاڭلىق توسۇپ، ئىجابىي سادايىمىز، ئىجابىي ئوبرازىمىز بىلەن تور بازىسىنى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۈكسىلىدىغان تور ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ساغلام، بىخەتەر تور مۇھىتى بەرپا قىلالايمىز؛ مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تورنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىشى، شۇنداقلا ئالاقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق كۈتۈۋېلىپ، نورمال، تىنچ، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قەدىرلەيلى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغدايلى

بۇيىل 400 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ياكى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

يېڭى ‹‹ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ›› كېلەر يىل 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

كىلىماتقا ئالاقىدار مۇھىم خەلقئارا كېلىشىملەر

ئىران ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ 5–ئىيۇل ›› ۋەقەسىدىكى يەتتە دېلوغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

پۇقرالار ئىستېمال قىلالايدىغان، شۇنداقلا دادىل ئىستېمال قىلالايدىغان بولسۇن

كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号