ئوباما ھاۋاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق جەڭ قىلىش بازىسىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە
شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 28 – دېكابىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28 – دېكابىر ھاۋايدا ئامېرىكا نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن .
بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان سۈيقەست يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئوباما تۇنجى قېتىم ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش سۈيقەستىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ۋەقەنى پىلانلىغۇچى ھەمدە قاتناشقۇچى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمىسا ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى ھەرگىز ياخشىلىق بىلەن تۈگەتمەيدۇ .
ئوباما نۇتۇق سۆزلەپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ‹‹ غەززە ›› تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بىر تارماق رايونىدا بايانات ئېلان قىلىپ ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۈيقەستگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى بۇ تەشكىلاتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆچ ئالغانلىقىنى ئېيتقان .
ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن . ئوباما بۇ ۋەقەنى بىلگەندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى ئۈچ چارىنى قوللىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بىرىنچىسى ، تېزلىكتە مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا قاتنايدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر بىر ئايروپىلاندىكى ساقچىلارنىڭ سانىنىمۇ ئېنىقلاش . ئىككىنچىسى ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىقلارنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرۈش ھەمدە بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى ، تېخنىك ۋە تەرتىپنى تەكشۈرۈش . ئۈچىنچىسى ، دۆلەتلىك بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا تەلەپ قويۇش .
25 – دېكابىر ، بىر نېگىرىيىلىك يولۇچى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قارمىقىدىكى غەربىي شىمال ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام دېگەن شەھىرىدىن ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتىنىڭ دېترويت دېگەن جايىغا ئۇچىدىغان 253 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ، قونۇشقا 20 مىنۇت قالغاندا يېنىدىكى ئۆزى ياسىۋالغان بومبىنى پارتلاتماقچى بولغان ، لېكىن بومبا پارتلىماي قېلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن .