باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

بۇيىل 400 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ياكى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئاپتور: جاڭ شىنيۈيوللانغان ۋاقىت: 2009-12-23 16:33

    

    ئىلاۋە: ئۇنتۇلماس 2009 – يىل! بۇ يىل كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئۈرۈمچىدىكى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسى خۇددى قارا بۇلۇتتەك كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى؛ دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن، ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2009 – يىلىنىڭ قارا بۇلۇتلىرىنىڭ تارقىلىشى ئاسان بولمىسىمۇ، بىراق قەھرىتان سوغۇقتا يەنىلا ئىللىقلىقنى ھېس قىلماقتىمىز. بۇ ئىللىقلىقنىڭ مەنبەسى تەكرار تىلغا ئېلىنىۋاتقان ‹‹ خەلق تۇرمۇشى ›› غا مۇجەسسەملەنگەن.

    مەيلى ‹‹ ئىككى يىغىن ›› دا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بولسۇن ياكى جايلار، تارماقلار تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان خىزمەتلەردە بولسۇن، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم ھەم گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەر ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ تەقدىرى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتمەكتە.

    خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدىن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆپ تەرەپلىمە شارائىت ھازىرلاپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 400 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1 مىليون 800 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچى (قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر، بازارلاردىكى تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4 ئىچىدە كونترول قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا بېكىتكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يەتتى. تەستە قولغا كەلگەن بۇ رەقەملەر مەنىسىزدەك تۇيۇلغىنى بىلەن كىشىلەرگە ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

    ئاچقۇچلۇق سۆز: يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى

    ۋاڭ چۈنخۇا ئىش ئورنىدىن قالغان خىزمەتچى بولۇپ، بۇ يىل 5 – ئايدا بىر ئاشخانا ئاچتى. ئاشخانا كىچىك بولغاچقا، خېرىدار كۆپ بولغاندا، ئورۇن يېتىشمىدى. ئۇ ئاشخانىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، قولىدا يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغاچقا، ئامالسىز قالدى. بۇ چاغدا، ئۇ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەھەللە ئۇيۇشتۇرغان ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتى ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. ‹‹ ئاشخانىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلساملا، تۇرمۇشۇم جەزمەن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ›› ، دېدى ۋاڭ چۈنخۇا خۇشال ھالدا.

    ۋاڭ چۈنخۇانىڭ بۇنداق ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىگە ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈرتكە بولدى. ۋاڭ چۈنخۇاغا ئوخشاش مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بىر يۈرۈش ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يۆلەش سىياسەتلىرىدىن نەپ ئالدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خۇاڭ يۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بىر يۈرۈش ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون بۇ يىل ‹‹ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ›› ، ‹‹ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىش ئورنىنى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› ، ‹‹ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 3 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ›› ، ‹‹ ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چىقاردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 14 يانداش سىياسەت ۋە چارىنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

    بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان 960 مىڭ كىشى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىۋاسىتە ئاجراتقان مەبلىغى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان بىر يىل بولدى، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش

    بۇ يىل ئۈرۈمچى، قۇمۇل، غۇلجا شەھەرلىرىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون 21 ناھىيە (شەھەر)دە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ناھىيە، شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ياخشىلاندى.

    چېن ۋېي 2007 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش تاپالمىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىياسىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە بېرىپ، قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى ھەم 20 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز ئېلىپ، يان تېلېفون دۇكىنى ئاچتى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىك تىكلەشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شەھەر، بازارلاردىكى ئىشسىزلار، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكىلىشىگە نۇقتىلىق ياردەم بەردى.

    ئاچقۇچلۇق سۆز: نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

    50 ياشتىن ئاشقان خې جيەنچىڭ سەپداشلىرى بىلەن بىللە 9 – دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوستلۇق يولى مەھەللىسىدە چارلاۋاتاتتى.

    ئۇ 8 – دېكابىر دوستلۇق يولى مەھەللىسىدىكى بۇ جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىنى تېپىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. ئايدا 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدىغان بۇ ئىشتىن ئۇ ئىنتايىن رازى ئىدى. ‹‹ بۇ ياشقا كەلگەندە، ئېغىر ئىش قىلايلى دېسەك، سالامەتلىكىمىز يار بەرمەيدۇ، تېخنىكىلىق ئىشلار قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى تەسىس قىلىشى بىز دېمەتلىكلەرگە بەك ماس كېلىدىكەن ›› ، دېدى ئۇ.

    2008 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كامىل ئابدۇراخمانمۇ خې جيەنچىڭغا ئوخشاش مەرھابا يولى كوچا باشقارمىسى شىنمىن مەھەللىسىدە جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا ئورۇنلىشىپ، مەھەللىدىكى ‹‹ ئالتە پونكىت، بىر ئىشخانا ›› نىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىندى.

    جۇ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئائىت سىياسەت تۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان 24 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون يەنە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا ۋە كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن 89 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، جۈملىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياكى ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، تەربىيىلىنىش ياردەم پۇلى بېرىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار 136 كارخانىنى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىش ئورنىنى تۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلدى، 56 مىڭ 105 ئىشچى – خىزمەتچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

جاڭ شىنيۈ
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇيىل 400 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ياكى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

يېڭى ‹‹ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ›› كېلەر يىل 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

كىلىماتقا ئالاقىدار مۇھىم خەلقئارا كېلىشىملەر

ئىران ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ 5–ئىيۇل ›› ۋەقەسىدىكى يەتتە دېلوغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

پۇقرالار ئىستېمال قىلالايدىغان، شۇنداقلا دادىل ئىستېمال قىلالايدىغان بولسۇن

كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

بان كىمون: كوپىنھاگېن يىغىنى كېلەر يىلى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە دائىر كېلىشىم تۈزۈشكە ئاساس سېلىشى كېرەك، دېدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号