باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> سۆرەت كۆزنىكى

داڭلىق كىشىلەرنىڭ 26 ياش ۋاقتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-12-08 16:29

    بېل گايتىس 26 ياش ۋاقتىدا ، مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغىنىغا ئالتە يىل بولغان بولۇپ ، 39 يېشىدا دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ قالغان .

    پۇتىن 26 ياش ۋاقتىدا ، KGB(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى) دا ئالاھىدە خىزمەتچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىن 26 ياش ۋاقتىدا ، ئاللىقاچان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئادۋوكات بولغان ۋە شتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.

    كىلىنتون 26 ياش ۋاقتىدا، پۈتۈن زېھنى بىلەن يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىدا قانۇن دوكتۇرلۇقى بويىچە ئوقۇۋاتقانبولۇپ ، تۆت يىلدىن كېيىن ئاركانزاس شتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1979 – يىلى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن كىلىنتون ئاركانزاسنىڭ شتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ياش شتات باشلىقى بولۇپ قالغان.

    بۇش 26 ياش ۋاقتىدا ، تېكساس خەلق ساقچى ئەترىتى ھاۋا ئارمىيە قىسمىدا ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولغان.

    ساركوزى 26 ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولۇپ ، ئىككى يىلدىن كېيىن نېۋىللى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە بۇ ئورۇندا 2002 – يىلغىچە ئولتۇرغان .

    ماركس 26 ياش ۋاقتىدا ، ئېنگېلس بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ‹‹پەلسەپە ، قانۇنشۇناسلىق قول يازمىسى›› نى يېزىپ تاماملىغان . بىر يىلدىن كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

    ئوباما 26 ياش ۋاقتىدا ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇرلۇقىنى ئوقۇۋاتقان.

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىدىيىدە تېخىمۇ ئازاد بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە ، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك

قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش كېرەك

تۆۋە قىلماس جىنايەتچىلەر قانۇن بويىچە ئېغىر جازالىنىدۇ

ئاۋامغا مائارىپ ۋە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ

دولان مەدەنىيىتى ۋە چېگرا بوستانلىقىدىكى جىلۋىدار سۇ مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش

سەمىمىي غەمخورلۇق ، زور مەدەت

جۇڭگو – ئامېرىكا يېڭى قوشما باياناتىدىكى يېڭى مەزمۇنلار


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号