باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى تېزلىتىشتە، مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىدىيىدە ئازاد بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن: بىرىنچى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىشنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم؛ ئىككىنچى، ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىسى قىلىشىمىز لازىم؛ ئۈچىنچى، توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن قىلىش ۋە ئىشلەش جەريانىدا ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز لازىم؛ تۆتىنچى، تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تەپەككۇرنى يېڭىلاشتىن ئىبارەت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ‹‹ ئۈچ ئىدىيە ›› نى تىكلەش، ‹‹ ئۈچ بۇرۇلۇش ›› نى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ‹‹ تۆت خىل ئاڭ ›› نى كۈچەيتىش ۋە ‹‹ بەش ئاچقۇچ ›› نى ئىگىلەش لازىم.
بىرىنچى، ‹‹ ئۈچ ئىدىيە ›› نى تىكلەشتە، بىرىنچىدىن، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسىنى تىكلەش لازىم. خەلقنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە، ئىجتىمائىي توپقا، ھەربىر شەخسكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئادەملەرنى ھۆرمەت قىلىش، كۆيۈنۈش، تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش جەريانىدا رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن، مەدەنىيەت تارقىتىش ئىدىيىسىنى تىكلەش لازىم. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارقىتىلىشى تېز، قاپلىنىشى كەڭ بولغان مەدەنىيەت تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەلەپنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان يېڭى تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، مەدەنىيەت تارقىتىشنى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تېزلىتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، مەدەنىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىدىيىسىنى تىكلەش لازىم. جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەنىۋى مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز لازىم.
ئىككىنچى، ‹‹ ئۈچ بۇرۇلۇش ›› نى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، ئالدىن پىلانلاش، ئاساسىي تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بۇرۇلۇش لازىم. ئاخباراتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، كۆپ نۇقتىدىن چوڭقۇر خەۋەر قىلىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن، سىڭدۈرۈش شەكىللىك، تەسىرلەندۈرۈش شەكىللىك يۆنىلىشكە بۇرۇلۇش لازىم. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنى ئورتاق غايە بىلەن يېتەكلەپ، ئۇلارنى مىللىي روھ ۋە دەۋر روھى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ، كەسىپلەشكەن مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن قانائەتلەندۈرۈشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، كۆپ ئامىل، كۆپ ۋاسىتە، يېڭى تېخنىكىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ۋە پۈتۈن جەرياننى نامايان قىلىشقا بۇرۇلۇش لازىم. ساھە ھالقىغان، رايون ھالقىغان، ئاخبارات ۋاسىتىسى ھالقىغان، گۇرۇھلاشقان تارقىتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سان – سىپىرلاشقان تېخنىكا ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزلازىم.
ئۈچىنچى، ‹‹ تۆت خىل ئاڭ ›› نى (سىياسىي ئاڭ، مۇلازىمەت ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، ئەمەلىي ئىشلەش ئېڭىنى) كۈچەيتىشتە، بىرىنچىدىن، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىش لازىم. سىياسىي ئاڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىياسىۋىلىكى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمەتچىلىرىدە كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ بولۇشى، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇشى لازىم. نېمىنى تەشەببۇس قىلىش، نېمىگە يول قويۇش، نېمىنى تەكرارلاش، نېمىگە قارشى تۇرۇشتا بايرىقى روشەن بولۇشى لازىم. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ۋە سىياسىي جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدە قەتئىي، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىش لازىم. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە نەتىجە يارىتىشنىڭ نېگىزى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چۆرىدەشتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىققا خىزمەت قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىگە بويسۇنۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ھەممىدە ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىش، ئومۇملۇق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش، مەسىلىلەرنى ئويلاش، قارار چىقىرىش، ئىشلارنى بېجىرىشتە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدىن ئايرىلماسلىق، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى، ئاممىنىڭ خۇشال بولۇش – بولماسلىقى، رازى بولۇش – بولماسلىقى، قوشۇلۇش – قوشۇلماسلىقىنى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش لازىم. يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى. تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن: (1) يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز؛ (2) يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشىمىز؛ (3) يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئەمەلىي ئىشلەش سەمىمىي – راستچىللىق بىلەن ئىشلەش، ساختىپەزلىك قىلماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، قۇرۇق گەپ ساتماسلىق دېگەنلىكتۇر.
تۆتىنچى، ‹‹ بەش ئاچقۇچ ›› نى ئىگىلەش. ‹‹ بەش ئاچقۇچ ›› ئاچقۇچلۇق پەيت، ئاچقۇچلۇق نۇقتا، ئاچقۇچلۇق ئىش، ئاچقۇچلۇق ئادەملەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىپادىسىدىن ئىبارەت، بۇنداق ئۇسۇل – چارىلەر زور پائالىيەت، چوڭ يىغىن، نۇقتىلىق ئىشلارنى تەشۋىق قىلىش، ئاساسىي تېمىنى تەشۋىق قىلىش، نەتىجىنى تەشۋىق قىلىش، تىپلارنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا قوللىنىلىشى ۋە گەۋدىلەندۈرۈلۈشى لازىم، شۇنداق قىلغاندا، تەشۋىقات جانلىق، تەسىرلىك بولۇپ، ئامما تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ، ئاممىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.