شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 3 – ۋە 4 – دېكابىر ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئون دېلوغا چېتىشلىق 20 جاۋابكارنى 1 – سوتتا ئاشكارا سوتلىدى ھەم 1 – سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلدى. مۇقەددەس سوتتا، تەلۋىلەرچە ئۇرغان، چاققان، بۇلىغان، كۆيدۈرگەن زوراۋان جىنايەتچىلەر ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربىگە بېشىنى ئەگدى. ئۇلار، ئاشۇ مۇدھىش ئاخشامدا بىگۇناھ ئاممىغا سەۋەبسىز شالىنى چېچىپ، كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئېچىنىشلىق پاجىئەنى سادىر قىلغان. بۇ پەيتتە ئۇلار ئەينى چاغدىكى ھەيۋىسىنى يوقاتقان بولۇپ، قانۇننىڭ ھەققانىي سورىقى ئالدىدا تىز پۈكتى.
بۇ بىر تۈركۈم دېلونىڭ سوتلىنىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇننىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلماقچى بولغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى: قانۇنغا چېقىلىشقا، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئاياغ ئاستى قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە بەش ئاي بولدى، گەرچە ئۇ پەيدا قىلغان جاراھەت تېخى ساقايمىغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلدى، خەلق يەنە ئەسلىدىكىدەك خاتىرجەم تىرىكچىلىك، خىزمەت قىلالايدىغان بولدى. بۇ مەركەزنىڭ توغرا قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن نۇرغۇن جاپالىق ھەم ئۈنۈملۈك خىزمەتنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا سوتلاپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلىغانلىقىمىز، خەلققە ئىشەنچ بېغىشلىغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى قانلىق پاكىتلار شۇنى ئۇقتۇردىكى، قانۇن ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئاساسى، قانۇن ئىدارە قىلىش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان پەيت دەل ئىجتىمائىي تەرتىپ قالايمىقانلاشقان پەيتتۇر؛ قانۇن ئىدارە قىلىش نېگىزىدىن قوغدالغان پەيت دەل خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان، جەمئىيەت ئەمىن تاپقان پەيتتۇر.
شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان، شۇنداقلا كۆپ مىللەتلىك رايون. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە چېتىلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، باراۋەر، ئىناق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان سوتسيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى كۈنسايىن مۇستەھكەملەندى، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىسى ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە موھتاج. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئېيتقاندەك، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرت بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن تەرەققىيات مېۋىسىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن، مەنپەئەتلىرى ئۆزئارا چەمبەرچاس باغلانغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەبەدىلئەبەد ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتىغا ئۇل سالغانلىق.
ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق دۆلەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جانغا زامىن بولغانلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ئاساسىي قىممەت، شۇنداقلا ھەرقانداق مەسئۇلىيەتچان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ ھاياتلىق ۋە ئىنسانىي ھوقۇقنى تۈپ ھۆرمەتلىشى ۋە قوغدىشىدۇر. ئېلىمىز سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر، تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن تايىنىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خەلقنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزسا، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ سوتلىنىشى ئەلرايىغا ئۇيغۇن بولغاچقا، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، ئوچۇق سوت قىلىنغان بۇ جاۋابكارلارنىڭ بەزىلىرى دېلو سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ‹‹5 – ئىيۇل›› كۈنى بۇلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، غالجىرلارچە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش زوراۋانلىق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن ھەر تەرەپكە قېچىپ، قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان. قانۇن تورىدىن ھېچكىمنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، خەلقنىڭ پاش قىلىشى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ تىرىشىپ تەھقىقلەپ پاش قىلىشى بىلەن ئۇلار ئاخىرى قانۇن تورىغا چۈشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلقنىڭ قوللىشى بولىدىكەن، جىنايەتچىلەر مەيلى قانچىلىك ھىيلىگەر بولۇشى، مەيلى قەيەرگە قېچىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىز ھازىر يەنىلا قېچىپ يۈرۈۋاتقان زوراۋانلارغا شۇنى رەسمىي يوسۇندا جاكارلايمىزكى،قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار، ئالدىڭلاردىكى بىردىنبىر چىقىش يول خام خىيالنى تاشلاپ، ئۆزۈڭلارنى بالدۇرراق مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ سوتلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە زور دەرىجىدە مەدەت بولدى، شۇنداقلا شۇنى قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈردۇكى، كۈچلۈك تارىخ ئېقىمىدا ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغىنىدەك ئۆزلۈكىدىن ھالاك بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەققانىيەت ئاخىرقى ھېسابتا رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، بارلىق جىنايەتچىلەر قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك! شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى يىمىرىلمەس! شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق!