باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەدەنىيەت ئىزنالىرى

تاشقورغاندىكى لەڭگەر – راباتلار

ئاپتور:  شېرىن قۇربانيوللانغان ۋاقىت: 2009-12-03 13:03

   

    ‹‹لەڭگەر›› پارسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى يولۇچىلار سەپەر – مەنزىلىدە قونۇپ ئۆتىدىغان قونالغۇ دېگەندىن ئىبارەت. ‹‹رابات››ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى مېھمانخانا، ساراي، ئۆتەڭ، دەڭ دېگەندىن ئىبارەت.

    تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدە لەڭگەر – رابات كۆپ. تاشقورغاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇنىڭ تارىختىن بۇيان شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹يىپەك يولى›› (كارۋان يولى) نىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. ھازىر تاشقورغاندا ئون نەچچە يەر – جاينىڭ ئىسمى لەڭگەر، يەتتە – سەككىز يەر – جاينىڭ ئىسمى رابات ئىكەن. كۆپ تەرەپلىمىلىك سۈرۈشتۈرۈش ۋە دەلىللەش ئارقىلىق شۇنى بىلدۇقكى، بۇ يەر – جايلار ئەسلىدە قەدىمكى دەۋرلەردە ‹‹يىپەك يولى››دىكى مۇھىم ئۆتەڭ ياكى قونالغۇلار بولۇپ، ھەممىسى ‹‹لەڭگەر›› ياكى‹‹رابات›› دەپ ئاتالغان. ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەر – جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك نامىمۇ لەڭگەر ياكى رابات دەپ ئاتالغان.

    تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ تېزناپ يېزىسىدا لەڭگەر كەنتى بار، بۇ كەنت قەدىمكى يىپەك يولى ھازىرقى جۇڭگو – پاكىستان دوستلۇق تاشيولى بويى ۋە تاشقورغان دەرياسىنىڭ ساھىلىدا بولۇپ، يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك. يىپەك يولى ئۆز سەلتەنەتىدىن قالغاندىن كېيىن، لەڭگەر بۇ كەنتنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

    تاشقورغان ناھىيىسى توغلانشار كەنتىنىڭ يۇقىرىدا تاجىك تىلىدا رەبۇتىف دەپ ئاتىلىدىغان چۆللۈك بار. ‹‹رەبۇتىف›› سۆزىنىڭ مەنىسى ‹‹راباتلار›› دېگەنلىك بولۇپ، بۇ يەرمۇ قەدىمكى كارۋان يولى ۋە تاشقورغان دەرياسى ساھىلىدىن ئورۇن ئالغان، يەنە كېلىپ ئۇ قەدىمكى دەۋرلەردە مۇقەررەر ئۆتۈشمە ۋە قونالغۇ بولغان. بۇ يەردىكى راباتلار دائىرىسىدە ناھايىتى كۆپ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار. مەسىلەن: كونا تاش قورال دەۋرىدىكى جىرغال مەدەنىيەت ئىزى، تاشقورغان رايونى تارىختىكى مەشھۇر ‹‹پەرھاد – شېرىن ئۆستىڭى›› ئىزناسى، ‹‹بازارى دەشت›› ئىزنالىرى قاتارلىقلار ‹‹رەبۇتىف›› (راباتلار)بىلەن ئالاقىداردۇر.

    قارا قۇرۇم تاغلىرىغا يېقىن داتۇڭ يېزىسىدا يۇقىرى لەڭگەر كەنتى، تۆۋەن لەڭگەر كەنتى دېگەن ئىككى كەنت بار، بۇ كەنتتە ئىككى چوڭ مازار بار. بۇلار ئىككى لەڭگەر كەنتىنىڭ تارىخى – ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىدىن بىزگە ئۇچۇر بېرىدۇ.

    تاشقورغاندىكى لەڭگەر – راباتلار توغرىسىدا تارىخىي يازمىلاردىمۇ بىر قىسىم خاتىرىلەر بار. ‹‹بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى›› دە خاتىرىلىنىشىچە، ‹‹...ئىلگىرى بىر تۈمەندىن ئارتۇق كارۋان نەچچە مىڭ تۆگە بىلەن چېچەكلىك داۋىنىغا كەلگەندە، قار – شىۋىرغاندا قېلىپ، پۈتۈنلەي قار ئاستىدا قالغان. قىرپانە بەگلىكى پادىشاھى بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەگلىكىنىڭ دىنىي ئارخاتىدىن بىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، ئۆلگەن كارۋانلارنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى يېغىپ، ئۆتەڭ – قونالغۇلارنى سالدۇرغان، قوشنا جايلاردىن يەر سېتىۋېلىپ، لەڭگەر – راباتلارنى ياساپ، سودا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سودا كارۋانلىرى مۈشكۈلاتتا قالغاندا، خالىسانە ياردەم ۋە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشكەن››.

 شېرىن قۇربان
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاۋامغا مائارىپ ۋە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ

دولان مەدەنىيىتى ۋە چېگرا بوستانلىقىدىكى جىلۋىدار سۇ مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش

سەمىمىي غەمخورلۇق ، زور مەدەت

جۇڭگو – ئامېرىكا يېڭى قوشما باياناتىدىكى يېڭى مەزمۇنلار

A ت ز ۋاكسىنىسى بىخەتەر ، ئىشەنچلىك

تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك

يەمەن يەنە بىر ئافغانىستان بولۇپ قالامدۇ؟


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号