— ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى توغرىسىدا (39)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
مائارىپ ۋە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە بولۇپ، مىليونلىغان ياش – ئۆسمۈرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەم ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بەختىگە چېتىلىدۇ. 3 – تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئورۇنلار ئىچىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە يۈزلەنگەن ئاساسلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئورۇنلىرى ئاۋامنى ئاساسلىق داۋالاش – ساقلىق ساقلاش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى. جەمئىيەت بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئارقىلىق گەۋدىلىك نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
يېقىنقى يىللاردا ئاۋامنىڭ مائارىپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسى كۈچىيىپ، بىر مەھەل جەمئىيەتتىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى. مائارىپ، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى جەزمەن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىلمىي راۋاجلاندۇرۇش چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.
ئاۋامغا مائارىپتىكى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئوقۇتقۇچىلاردا ياخشى پەزىلەت، ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈشى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ۋە ئۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قانداق ئادەمنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئادەمنى قانداق تەربىيىلەش، قانداق مەكتەپ قۇرۇش ۋە مەكتەپنى قانداق ياخشى باشقۇرۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك. خەلقنى رازى قىلىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئوخشاشمىغان مەكتەپلەرنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پائالىيەت ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئېڭى، ئىدىيىسى، ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، مەكتەپ ئىستىلى جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئاۋامنىڭ ساداسى ۋە تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، ئاۋام ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى، ‹‹مەكتەپ تاللاش›› مەسىلىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يەڭگىللىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. كەسپىي مائارىپنىڭ جەمئىيەتكە، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى، شەھەر، يېزا ۋە رايونلار ئارا مائارىپ پەرقىنى كىچىكلىتىشى، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئاۋامغا داۋالاش – ساقلىق ساقلاشتىكى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئورۇنلىرى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئارقىلىق داۋالاش ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دوختۇرلارنىڭ پەزىلىتى، ئىستىلىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى كىم ئۈچۈن راۋاجلاندۇرۇش، قانداق راۋاجلاندۇرۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كىمنى بەھرىمەن قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي راۋاجلىنىش ئېڭى، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، ھەممە كىشىنى ئاساسىي داۋالاش – ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئېڭى ۋە دوختۇرخانا بىلەن ئاغرىقلار ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى تىكلىشى كېرەك. تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئاممىدىن تولۇق پىكىر ئېلىش ئاساسىدا مەسىلىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ تۈزۈلمە، سىياسەتكە، قايسىسىنىڭ خىزمەت قاتلىمىغا ياتىدىغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ ئورتاق مەسىلە، قايسىسىنىڭ ئايرىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى توغرا تېپىشى، ئوبيېكتىپ ئامىللارغا توغرا قاراش بىلەن بىللە، خىزمىتىدىكى مەسىلىلەر، ئايرىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، سەۋەبنى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئانالىز قىلىشى كېرەك. ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋامنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قۇلاي، ئەرزان ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل تىكلەپ، دوختۇرخانا بىلەن ئاغرىقلار ئارىسىدا ئىناق مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي قەدەم تاشلىشى كېرەك.
ئاۋامغا مائارىپ ۋە داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار، يەرلىك پارتكوملار يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى مەكتەپلەر، پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئاز ساندىكى يېزا – بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇكەممەل بولماسلىقتەك ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تايانچلىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنى پارتىيىگە قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق رازى بولىدىغان مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە دوختۇرلارنىڭ پەزىلەت، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋەدە بېرىش، ئامما باھالاش، جەمئىيەت نازارەت قىلىشتەك كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەتكە كېپىللىك قىلىش رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غوللۇق، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ ۋە داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك. يۇقىرى – تۆۋەن تەڭ ھەرىكەتلىنىش، ھەر تەرەپلىمە ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان، ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك.
ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ھازىرقى خىزمەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش، داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە A ت ز نىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى قىلماسلىق، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.