باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-12-03 12:19

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

    يېقىندا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېگاڭ شەھىرىدىكى ‹‹شىنشىڭ›› كۆمۈر كېنىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 100 دىن ئارتۇق كان ئىشچىسى قازا قىلدى. بۇ ئېچىنىشلىق رېئاللىق كىشىلەرنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جانغا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ۋە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى ساقلاندى. ئەمما قىسمەن ساھە، قىسمەن جايلاردا ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇردى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. ‹‹شىنشىڭ›› كۆمۈر كېنىدىكى ۋەقە قاتارلىق بىر قاتار ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ئارقىلىق كىشىلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلمىگەنلىكى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشتا يوچۇق، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدا مەسىلە بارلىقى، بۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ‹‹غەلىتە چەمبىرەك›› نىڭ تېخى بۇزۇلمىغانلىقى، بۇ ‹‹جاھىل كېسەل››نىڭ تېخى يىلتىزىدىن يوقىتىلمىغانلىقى، ‹‹يوچۇق›› نىڭ تېخى ئېتىلمىگەنلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكى، ۋەزىپىنىڭ ئېغىر، مەنزىلنىڭ يىراقلىقىنى بايقىدى.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر ئۇچى خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، يەنە بىر ئۇچى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۇتىشىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش قانداق تەكىتلەنسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ھەر قانداق چاغدا ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

    ھازىر قىش كىردى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ئوڭاي، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى چوقۇم ئاشۇرۇپ، بۇرۇنراق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت سىياسەت، تۈزۈم، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆمۈر كان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كان، نېفىت، گاز قۇدۇقلىرى ۋە ئوڭاي تۇتىشىدىغان، پارتلايدىغان خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار، قاتناش – ترانسپورت، ساياھەت، مۇھىت، ئوت مۇداپىئە، بىخەتەرلىك قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، ھەر بىر كارخانا، ھەر بىر ئىش ئورنى، ھەر بىر ئىشچى – خىزمەتچى، ھەر بىر ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، تىرىشىپ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    ئاپەتنىڭ سەۋەبى ۋە ئالامەتلىرى بولىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدىكى بەزى ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى ئاز ساندىكى ئورۇن ۋە كارخانىلاردا بىخەتەر ئىشلەش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسى تۆۋەن، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىنى باھالاش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش››تىن ‹‹ئالدىن مۇداپىئە كۆرۈش›› ۋە ‹‹ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا نازارەت قىلىش›› قا يۆتكەپ، دۆلەت نازارەت قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇل بولىدىغان، كارخانىلار ئۆزى تىزگىنلەيدىغان، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ۋە ئايلىنىش مېخانىزمىنى كۈچەيتكەندىلا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم ئاساسىدا قۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ، تەڭ باشقۇرىدىغان ئەڭ زور بىرىكمە كۈچ شەكىللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە خام ئەشيا – ماتېرىيال، قاتناش – ترانسپورت قاتارلىقلارنىڭ بازار ئېھتىياجى ئېشىپ، دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان نۇرغۇن تۈردە مەركەزلىك قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، سىناق باسقۇچىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قىيىنلىشىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم كاپالىتىدە قاتتىق بولۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، تېخنىكا ئارقىلىق قوللاشتا كۈچلۈك بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قاتتىق قول، ئىنچىكە بولۇش، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەستايىدىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

    ھاياتلىق ئەلا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرسۇن!

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ

دولان مەدەنىيىتى ۋە چېگرا بوستانلىقىدىكى جىلۋىدار سۇ مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش

سەمىمىي غەمخورلۇق ، زور مەدەت

جۇڭگو – ئامېرىكا يېڭى قوشما باياناتىدىكى يېڭى مەزمۇنلار

A ت ز ۋاكسىنىسى بىخەتەر ، ئىشەنچلىك

تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك

يەمەن يەنە بىر ئافغانىستان بولۇپ قالامدۇ؟

‹‹A ت ز ۋىرۇسى ئۆزگەرمىدى، كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ››


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号