— ئاقسۇ شەھىرىنىڭ دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرگەنلىكى توغرىسىدا
ئاقسۇ ئەلۋەك سۈيى بىلەن داڭلىق، قەدىمكى چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتا قۇرۇلغان 36 بەگلىك ئىچىدىكى قۇم، ئونسۇ بەگلىكلىرى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. ئاقسۇ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، ئەزەلدىن ‹‹چېگرا بوستانلىقى›› دېگەن چىرايلىق نامى بار. ئاقسۇنى كېسىپ ئۆتىدىغان دولان دەرياسى تەڭرىتاغدىن باشلانغان بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، غەربىي يۇرتتىكى خانىدانلىقلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە گۇمران بولۇشىنىڭ شاھىتى بولۇپ، شەرق – غەرب مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، قەدىمكى دولان مەدەنىيىتى ۋە چاقناپ تۇرغان كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئاپىرىدە قىلدى.
ئۇزاقتىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى كۆلىمى كىچىك، كونا شەھەر رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا قەرز كۆپ، بولۇپمۇ دولان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا پىلانلانمىغان كونا، خەتەرلىك ئۆي كۆپ بولۇپ، يۇندى، ئەخلەتلەر قالايمىقان تاشلانغان – تۆكۈلگەن، ئاھالە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ناچار ئىدى، قىشتا ھەممە ئائىلە كۆمۈر قالاپ، پۈتۈن شەھەرنى ئىس – تۈتەك قاپلاپ تۇرغاچقا، دولان دەرياسى شەھەر تەرەققىياتىدىكى كۆرۈمسىز تارتۇققا، بۇلغىما مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئاقسۇ شەھىرىنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك گۈزەل، مەدەنىي، ئىناق بوستانلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹سۈيى ئەلۋەك، ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر، غەربىي يۇرتتىكى نۇرلۇق مەرۋايىت›› بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۋۇرىنى چۆرىدەپ، ئەل رايىغا بېقىپ، ھەر ساھەنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ‹‹مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتنى ئازايتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرىنى مۇستەھكەملەش››كە بىرلەشتۈرۈپ، دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلىدى.
كونكرېت قۇرۇلۇش داۋامىدا، شەھەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، تەسىر كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نىشان، دولان مەدەنىيىتى، ساياھەتچىلىك، تەنھەرىكەت، ئارام ئېلىش فۇنكسىيىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش يادرو قىلىنىپ، دولان دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسلىرى تولۇق قېزىلىپ، دولان دەرياسى مەنزىرىسىنىڭ مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە ئارام ئېلىش مەزمۇنى بېيىتىلىپ، ‹‹سۇنى ئاساس، دەريانى تومۇر، يېشىللىقنى ۋاسىتە، مەدەنىيەتنى روھ›› قىلغان گۈزەل شەھەر بەرپا قىلىندى.
1. مەدەنىيەت مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلدى
قۇرۇلۇشنى پىلانلاشتا، مەدەنىيەت باشتىن – ئاخىر گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. پۈتكۈل مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى، رايون ئالاھىدىلىكى بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى، تېخنىكا تەركىبى ۋە تېخنىكا سەۋىيسىگە، شۇنداقلا تۈرلۈك مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاساسىي تېمىنى، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىلدى. پۈتكۈل قۇرۇلۇش چوڭ جەھەتتىن ئەجدىھا بىلەن سۇمۇرغنىڭ قۇت تىلىشى، دولان دەرياسى دولقۇنى، كۈسەن جەزبىسى، قان بىلەن گۆشتەك چوڭقۇر مۇھەببەتتىن ئىبارەت تۆت بۆلەك بويىچە پىلانلىنىپ، ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا، يۇقىرىقى مەدەنىيەت مەزمۇنلىرى ئىمارەت، خىش، ھەيكەل، ئۆسۈملۈك ۋە چىراغلار ئارقىلىق كونكرېت يورۇتۇپ بېرىلدى.
بىرىنچى بۆلەك، ئەجدىھا بىلەن سۇمۇرغنىڭ قۇت تىلىشى. ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىناق، تىنچ مۇھىتقا ئىنتىلىشى ۋە باي، مەدەنىي ھايات ھەققىدىكى گۈزەل ئارمانلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، غەربىي چوڭ كوچىنىڭ جەنۇبى، ‹‹يىنلۇڭ›› كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىدا ئەسلىدىكى دولان باغچىسى ئاساسىدا، تەبىئىي ئەگرى – بۈگرى شەرقىي قىرغاقنى بويلاپ سۇمۇرغ مەيدانى پىلانلاپ قۇرۇلدى. مەيداننىڭ شەكلى گۈزەل ۋە تەبىئىي بولۇپ، رەڭدار قاناتلىرىنى يېيىپ لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇمۇرغقا ئوخشايدۇ. بۇ باغچا دەريا بويىغا قوپۇرۇلغان ‹‹ساھىلغا قونغان سۇمۇرغ›› ناملىق چوڭ تۇچ ھەيكەلگە ماسلاشقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇت بەلگىسى، قەدىر – قىممەت، يۈكسەكلىك ۋە ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ سىمۋولى بولغان ‹‹قۇشلار شاھى›› سۇمۇرغنىڭ توتېم ئوبرازى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ ماسلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ئىپادىلىنىپ، كىشىگە ئىناق كەيپىياتنىڭ ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىناقلىق ئىدىيىسىنىڭ ھايات ئېقىنلىرىغا يۇغۇرۇلۇپ، توختاۋسىز تارقىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەيكەلنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىناق مەدەنىيەت تۈسى چىقىپ تۇرىدۇ. سۇمۇرغ مەيدانى بىلەن ئىلاھى تاشپاقا ئارىلى ئارىسىغا سېلىنغان ‹‹يۇڭدىڭ›› كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 28 يۇلتۇز تۈركۈمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 28 بۇلۇت نەقىشلىك دۇمباق ئورنىتىلغان، كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق سۇ رايونىنىڭ كۈن شولىسى چۈشىدىغان جايغا بىرونزىدىن ياسالغان خاسىيەتلىك ئىسرىقدان ئورنىتىلغان بولۇپ، ئېقىن ئىچىدىكى خاسىيەتلىك ئىسرىقدان ئەبەدىلئەبەدلىككە سىمۋول قىلىنغان. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى يېقىغا ‹‹تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكى›› گە مىسال قىلىنغان تۆت بۇلۇت سۈرەتلىك ئىچى كاۋاك بىرونزا توپ ئورنىتىلغان بولۇپ، تاشپاقىنىڭ بايلىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈردىن، ئىسرىقداننىڭ تىنچلىق، ئەمىنلىكتىن، قۇت بۇلۇتىنىڭ بۇلۇت ۋە يۈكسىلىشكە مىسال بولۇشىدەك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى قۇت توتېمى ئارقىلىق، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، تىنچلىققا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىپادىلەنگەن؛ غەربىي قىرغاقتا ‹‹سۇ›› باش تېما قىلىنغان سۇ جىلۋىسى مەيدانى قۇرۇلۇپ، ‹‹سۇ بارلىق مەۋجۇداتنىڭ كاپالىتى›› دېگەن سۇ مەدەنىيىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋەن جىنگاڭ، ئۆمەر ئىمىن، جاڭ خۇاشېڭ، مۇ زۇڭباۋ قاتارلىق ئىلغار ۋە ئۈلگىلىك شەخسلەردىن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاقسۇدا ئەبەدىي ئىناق ۋە تىنچ ياخشى ۋەزىيەتبەرپا قىلىشقا چاقىرىلدى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۇ ۋە ھاياتلىقنى قەدىرلەش ئېڭى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلۇقى ھەم ھەممىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقى نامايان قىلىندى. سۇ جىلۋىسى مەيدانى بىلەن سېھىرلىك تاشپاقا ئارىلى ئارىسىغا قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى توققۇز ئەجدىھا فونتانى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇزىكىلىق فونتان، سۇ پەردىلىك كىنوخانا قۇرۇلۇپ، ‹‹ئەجدىھادەك ھەيۋەتلىك، سۇمۇرغدەك گۈزەل، تاشپاقىدەك ئۇزاق ئۆمۈرلۈك، ئىسرىقداندەك مۇقىم›› بولۇشتەك گۈزەل ئارزۇ ئىپادىلەندى. ئەنئەنىۋى ئامىللار بىلەن زامانىۋى ئامىللار يۇغۇرۇلۇپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئاساسىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋر روھى ئىپادىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەجدىھا بىلەن سۇمۇرغنىڭ قۇت تىلىشى 1 – بۆلەككە قويۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە دولان مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىككى خىل يەرلىك مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەم زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۆزگىچە مەدەنىيەت تۈسى بېغىشلىنىپ، كۈچلۈك يەرلىك مەدەنىيەت ئامىلىغا ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىندى، ھەم مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىنىپ، ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش يولى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئىدىيىۋى ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
2 – بۆلەك، دولان دەرياسى دولقۇنى. ئەسلىدىكى جۇشقۇن ۋە مەردانە، ئاددىي، جەسۇرانە دولان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ھەيكەلتىراشلىق، خىش يېيىتىش، باغچىلاشتۇرۇپ كۆكەرتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئالايىتەن دولان مۇقامى مەيدانى ۋە مەشرەپ مەيدانى پىلانلاپ ياسالدى. دولان مۇقامى مەيدانى دولان مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيەت ‹‹دولان مۇقامى›› نى نامايان قىلدى. دۇنياغا مەشھۇر ئانتروپولوگىست مورگېن ئىلگىرى: ‹‹تارىم دەرياسى ۋادىسى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، ئۇنىڭ ئاچقۇچى تېپىلسا، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ›› دەپ تەرىپلىگەن. دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولغان دولان مۇقامى پۈتكۈل مەيداننىڭ ئاساسىي روھ گەۋدىسى قىلىنغان. مەشرەپ مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىگە دولان مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلىدىغان تام رەسىمى ئورنىتىلغان بولۇپ، دولان مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر مەنىگە، ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە رەسىم قىلىپ سىزىلىپ، كىشىلەرگە نامايان قىلىندى؛ مەيداننىڭ مەركىزىگە ‹‹مول ھوسۇل ۋە ئامانلىق›› قا سىمۋول قىلىنغان چوڭ ئالتۇن ئالما ھەيكىلى ياسالغان، ئەتراپىدا قويۇق ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى دولان كۆۋرۈكى، خەلقئارا چوڭ بازار، ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق ئىمارەت توپلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ مەدەنىيىتى، مېمارچىلىق مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى ۋە بازار مەدەنىيىتى ئامىلى ساقلاپ قېلىندى ۋە كۈچەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر خەلق سەنئەتكارلىرى مەشرەپ مەيدانىدا ‹‹دولان مۇقامى›› قاتارلىق ناخشا – ئۇسسۇل ئويۇنلىرىنى قويۇشقا قەرەللىك تەشكىللەندى. ساياھەتچىلەر ئەسلىي ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان، قەدىمىي، ساپ دولان ناخشا – ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا قاتنىشالايدۇ. تىنچ ھالەتتىكى قۇرۇلۇش ۋە ھەرىكەتچان ھالەتتىكى ناخشا – ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنىڭ ياردىمى بىلەن، مەدەنىيەت بىلەن مەنزىرە ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشكە ئېرىشتى، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مەنزىرىدىكى تەبىئىيلىك مۇكەممەل بىرىكىپ، كىشىلەرنى بۇ مەدەنىيەتتە ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئوبرازلىق تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
3 – بۆلەك، كۈسەن جىلۋىسى. ئىلگىرىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹شۈييۈن›› يولىنىڭ جەنۇبى، ‹‹جىڭشۈي›› يولىنىڭ شىمالىدا كۈسەن ئۇسسۇل جىلۋىسى مەيدانى ۋە كۇمراجىۋا مەيدانى ياسالدى، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى مەزمۇن قىلغان، ئىلگىرى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تارقىتىلغان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى تۆت پوچتا ماركىسى سەنئەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە كېمە شەكىللىك ئەگمە تامغا ئويۇلۇپ، تۇچ ، قۇمتاش قاتارلىق ھۈنەر – سەنئەت ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىلىپ، رەسىم بىلەن يېزىق ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەر بىر مەنزىرە ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى، يەنى ‹‹كۈسەننىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالغانلىقى تەسۋىرلەش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى مەدھىيىلەپ، تالانتنى نامايان قىلىش›› تەك ھېسسىيات نامايان قىلىندى ھەم سىرلىق بۇددا دىنى تۈسىنى ئالغان كۈسەن مەدەنىيىتى كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹توققۇز نەغمە›› كۆۋرۈكى نېلۇپەر قاپلىغان ھالەتتە سېلىندى، يەنى كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چوڭ نېلۇپەر لايىھىلىنىپ، كۆۋرۈك ئاستىدىكى ياتما نېلۇپەر بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى، نىلۇپەردىن ئىبارەت كۈسەن مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇت بەلگىسى ئارقىلىق، ئاقسۇنىڭ كۈسەن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ۋە قازغانلىقى نامايان قىلىندى ھەم باشقۇرىدىغان ئۆيمۇ كۈسەن مېمارچىلىق ئۇسلۇبىدا بېزىلىپ، ئومۇمىي ئۇسلۇب بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاقسۇنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە كۈسەن مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى.
تۆتىنچى بۆلەك، بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت. ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى ۋە ھەربىيلەر بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنىپ، ‹‹جۇڭگو بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ساياھىتى››دە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، قىزىل ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ‹‹جىڭشۈي›› يولىنىڭ جەنۇبى، ئۈرۈمچى – قەشقەر يولىنىڭ شىمالىدىكى شەرقىي قىرغاقتا 359 – لۈ مەيدانى قۇرۇلۇپ، قىزىل ساياھەت ئاساسىي مېلودىيە قىلىنغان ئۈچ مەنزىرىلىك تام، بەش بەشيۇلتۇز ۋە توققۇز تۈپ قارىغاي لايىھىلەپ ياسىلىپ، پۈتكۈل مەيداننىڭ رامكىسى قىلىندى، ‹‹جىڭگاڭشەندە تۇغۇلۇپ، نەننىۋەندە يېتىلىپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، تەڭرىتاغدا يىلتىز تارتىشتەك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى. بىڭتۇەن كىشىلىرىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرىنى قوغداش بۇرچىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ۋەتىنىمىز چېگرىسىنى مۇستەھكەملەشكە قوشقان زور تۆھپىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش، خالىسانە تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش›› ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بىڭتۇەن روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاقسۇدىن ئىبارەت بۇ جەسۇر شەھەرنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇلدى. يەنە مەيداننىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ئۈستىگە قۇرۇلغان سۇپىغا ھەربىيلەر بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رېشاتكا ياسىلىپ، كەلكۈن ئاققۇزۇش ئۆستىڭى بىلەن دولان دەرياسى كېسىشكەن جايغا ئاساس مەنزىرە نۇقتىسى لايىھىلىنىپ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى مەيدانغا ‹‹دۆلەت بايرىمى مەيدانى›› دەپ نام قويۇلۇپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ج خ كادىر، ساقچىلىرىنىڭ ئاقسۇنىڭ مۇقىملىقىنى ئۇيۇلتاشتەك ساقلاشتىكى رولى نامايان قىلىندى. بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ج خ كادىر، ساقچىلىرىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ھەم خەۋپسىزلىك ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىپ، ھەربىيلەر بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك ئىناق مۇناسىۋىتى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونكرېت قۇرۇلۇش جەريانىدا، ئالتە كۆۋرۈك پۈتكۈل مەنزىرە رايونىنىڭ يارقىن نۇقتىسى قىلىنىپ، ھەر بىر كۆۋرۈكنىڭ مەنزىرىسى كونكرېت پىلانلاندى. شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان بىرىنچى كۆۋرۈك ‹‹يۇڭدىڭ›› كۆۋرۈكى؛ ئىككىنچى كۆۋرۈك مەرھابا كۆۋرۈكى بولۇپ، ئاقسۇنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىندى، جۇڭگو چىنارى تىكىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەزمۇنى ئەكس ئەتتۈرۈلدى؛ ئۈچىنچى كۆۋرۈك ‹‹يىنلۇڭ›› كۆۋرۈكى بولۇپ، دولان دەرياسى يوشۇرۇنغان ئەجدىھاغا ئوخشىتىلىپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئۇنىڭ داڭقىنى چىقىرىش، ئىناۋىتى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئاقسۇ شەھىرىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش مەزمۇنى ئىپادىلەندى؛ تۆتىنچى كۆۋرۈك دولان كۆۋرۈكى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئۇيغۇر بىناكارلىق – قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى؛ بەشىنچى كۆۋرۈك شادلىق كۆۋرۈكى بولۇپ، شەكلى قوينىڭ بېشىغا ئوخشاش ياسىلىپ، بىر تەرەپتىن، چارۋىچىلىقنىڭ راۋاجلانغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت شاد – خۇرام ياشاۋاتقانلىقى نامايان قىلىندى؛ ئالتىنچى كۆۋرۈك بىر نىيەتتە زەپەر مارشى ياڭرىتىش كۆۋرۈكى بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىگە خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى كوتو ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق سازى راۋاب ئويۇلۇپ، ئارىسى تار ۋە نوتا بەلگىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەلىبە مارشىنى داۋاملىق ياڭرىتىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، دەرياغا يەتتە ئارال ياسىلىپ، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق بېيىۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىندى؛ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت بۆلىكىدە، پىيادىلەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سېرىس دەرىخى تىكىلىپ، ئاقسۇدىكى مىللەتلەرنىڭ گۆش بىلەن قاندەك يېقىن مۇناسىۋىتىگە سىمۋول قىلىندى. كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى بىلەن دولان دەرياسى تۇتۇشقان جاينىڭ شىمالىدىكى دۆلەت بايرىمى مەيدانى يېنىغا ئىلگىرىكى زامانلاردىكى داڭلىق زاتلارنىڭ ئاقسۇنى كۈيلەپ يازغان شېئىر – قوشاقلىرى ئويۇلغان خاتىرە تاشلار قويۇلدى. داڭلىق رەسساملار تەكلىپ قىلىنىپ، دولان دەرياسى دولقۇنى بۆلىكى بويىدىكى ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ تېمىغا ‹‹تەڭرىتاغ قارىغىيى، بوستانلىق سۇۋادان تېرىكى، چۆل يۇلغۇنى، قۇملۇق توغرىقى›› ئاساسىي تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى تام رەسىمى سىزدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلاردىن باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاش ھەم بۇ تۆت خىل دەرەخكە خاس بولغان قەتئىيلىك ۋە مەنىۋى روھنى مۇقىملىقنى ساقلاش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشتىكى قۇدرەتلىك تۈرتكىگە ئايلاندۇرۇش، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقلىرىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشنى باش ۋەزىپە قىلىش، پارتىيە، ۋەتەن، خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققۇدەك نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش تەلەپ قىلىندى؛ ‹‹ئىناق جۇڭگو، بەختلىك جۇڭگو، مېھرىبان جۇڭگو، ئەخلاقلىق جۇڭگو›› ئاساسىي تېما قىلىنغان جۇڭخۇا ئەنئەنىسى مەزمۇنىدىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان ساپال تام رەسىمى قۇراشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ‹‹خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ›› دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇنى ئىپادىلەندى.
پۈتكۈل مەنزىرە بەلبېغىغا نەزەر سالساق، سۇ سىستېمىسى بىر قارىسا، بەئەينى سوزۇلۇپ ياتقان كۆك ئەجدىھاغا، يەنە بىر قارىسا، قاناتلىرىنى كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇمۇرغقا ئوخشايدۇ. بۇ مەنزىرە سىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق نۇرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇنداق كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەنزىرىسى ئۇزاققا سوزۇلغان، جانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نامايان قىلغان ۋە ئەبەدىي نۇرغا چۆمگەن ھاياتلىق دەرياسىغا ئوخشىغاچقا، كىشىلەردە زامان – ماكان ئاتلىغان تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇ چوڭقۇر، ھەرخىل مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دولان دەرياسىنى ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغان ھەم روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت دەرياسىغا ئايلاندۇردى.