باش بەت >> قىززىق نوقتا | سەمىمىي غەمخورلۇق ، زور مەدەت | ئاپتور: شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى | يوللانغان ۋاقىت: 2009-11-20 11:05 | قىش كىرىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا قار ئۇچقۇنداپ، دەريالارمۇز تۇتۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا چەكسىز ئىللىقلىق بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نەچچە ئون رەھبەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېت ۋە ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ نەچچە 100 خادىمىدىن تەشكىللەنگەن مەركەزنىڭ ئۈچ تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئارقا – ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، بۇنچە زور كۆلەمدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىمۇ مىسلىسىز ئىدى. بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى، سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېزلىشىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىققىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا زور مەدەت بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلىنغان زور غەمخورلۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹شىنجاڭنى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك››، دېگەن تەلەپ بويىچە، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››نىڭ روھىنى مەۋقە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقىچە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشكىچە بولغان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي تەسەۋۋۇر، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندىن بۇيان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىنى كېزىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىپ ھەل قىلىشى ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقان زور مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋەپىكرىنى ئاڭلاپ، يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ‹‹12 – بەش يىل›› ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى پىلانلىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ھالقىلىق پەيتكە قەدەم قويغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بۇ چەت، ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈرۈمچىدە ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇيالمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مارالبېشى، پەيزاۋات ناھىيىلىرىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى، قېرىندىشىدىن ئايرىلغان كەنت كادىرى داۋۇت ھاشىم بىلەن سەمىمىي قۇچاقلاشقانلىقىنى چوڭقۇر ياد ئېتىدۇ. مەركەز غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايون بولغان شىنجاڭنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويغانلىقى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››نىڭ ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش كۈيى ياڭراتقانلىقى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېنىق ئېسىدە. گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش، يۆلەش، ئېچىش قاتارلىق دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىدىغان زور قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بەزىلىرى پۈتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، يېقىندىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى پەرقنىڭ تەدرىجىي كىچىكلەپ، ئورتاق بېيىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشكە بارغانچە ئاز قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەركەز ئەۋەتكەن كۆلىمى زور تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدىن ئىبارەت بىپايان زېمىندا باھار ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش، گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى، مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چوقۇم تېخىمۇ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ! شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى | | مەنبە: تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم |
|
|
سۆرەتلىك خەۋەرلەر | |
| |