باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

جۇڭگو – ئامېرىكا يېڭى قوشما باياناتىدىكى يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-11-19 11:11

    ئوبامانىڭ جۇڭگوغا قىلغان تۇنجى سەپىرى مول نەتىجىلىك بولدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 17 – نويابىر بېيجىڭدا ئەڭ يېڭى ‹‹قوشما بايانات›› ئېلان قىلدى.

    17 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن خېلى ئۇزاق سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بۇ ئەڭ يېڭى ‹‹قوشما بايانات››نى ئېلان قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خې يافېي 17 – نويابىر چۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبىتىنى ‹‹سەمىمىي، ئىجابىي، مول نەتىجىلىك›› دېگەن ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىدى ھەم بۇ يېڭى ‹‹قوشما بايانات››نى ‹‹نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ››، دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان بۇ ‹‹قوشما بايانات›› كەلگۈسى بىر قانچە يىلدىكى جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسىي مۇقام بېكىتىپ بەردى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

    ‹‹ئىستراتېگىيىلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى يېتىلدۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش›› ئالاھىدە تەكىتلەندى

    جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 1997 – يىلى جۇڭگونىڭ شۇ چاغدىكى دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا قوشما بايانات ئېلان قىلغانىدى. بۇ قېتىم ئوباما زۇڭتۇڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق يەنە بىر قوشما بايانات ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ۋە ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 17 – نويابىر ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، ئىككى تەرەپ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ‹‹قوشما ئاخبارات››ى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېتەكلەيدىغان مۇھىم ھۆججەت؛ ئىگىلىك ھوقۇققا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئۈچ ‹‹قوشما ئاخبارات››نىڭ نېگىزلىك مەزمۇنى، دەپ تەكىتلىدى.

    بۇ قېتىمقى قوشما باياناتتا، ‹‹ئىستراتېگىيىلىك ئۆزئارائىشىنىش مۇناسىۋىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش››نىڭ ئىككىلا تەرەپكە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

    ئىلگىرىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكا تەرەپ باياناتتا:‹‹قۇدرەتلىك، گۈللەنگەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغان جۇڭگونى قارشى ئالىمىز››، دېدى. جۇڭگو تەرەپ: ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىمىز››، دېدى.

    ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم 21 – ئەسىرگە يۈزلەنگەن ئىجابىي، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا كۈچەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپلا قالماستىن، كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ‹‹ئىككى تەرەپ: ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۆز تەرەققىيات يولىنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق، دەپ تەكىتلىدى››

    بۇ يېڭى قوشما باياناتتىكى ‹‹يېڭىلىق›› يەنە ‹‹ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەرەققىيات يولىنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى››دە ئەكس ئەتتى.

    خې يافېي بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ساقلانغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مىسالغا ئالساق، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم مەسىلىنى باراۋەر ھەم ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ۋە ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت يەنە كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا يېڭىدىن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

    ‹‹بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ››

    بۇ يېڭى قوشما باياناتتا ‹‹بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش›› ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكى؛ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ پرىنسىپ ئىكەنلىكى؛ ئىككىلا تەرەپنىڭ ھەر قانداق كۈچنىڭ بۇ پرىنسىپقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

    كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ‹‹ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش›› پرىنسىپى نامايان قىلىندى

    ئوباما زۇڭتۇڭنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارىشى بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ بۇشنىڭ پوزىتسىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بۇ قېتىمقى جۇڭگو – ئامېرىكا قوشما باياناتىدىكى ‹‹يېڭى يارقىن نۇقتا›› بولدى.

    ئىككى تەرەپ باياناتتا: كىلىمات ئۆزگىرىشى دەۋرىمىزدىكى چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە، بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنى، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالدىن ئويلىشىدىغان تۈر قىلىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش جەھەتتە مۇھىم ھەرىكەت قوللىنىش ئىرادىسىگە كەلدى.

    تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇنداق بايان قىلىش ئۇسۇلى ‹‹ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش›› پرىنسىپىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇش زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىدە (بولۇپمۇ پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەسىلىسىدە) تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىشقا ئىزچىل قارشى تۇرغانىدى.

    ‹‹ئالاقىدار رايون مەسىلىلىرى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن››

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆھبىتى بىر قانچە مۇھىم خەلقئارا مەسىلىگىمۇ چېتىلدى.

    ئافغانىستان مەسىلىسىدە، ئوباما زۇڭتۇڭ بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: تېررورىزمنىڭ ئافغانىستان ۋە باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈشىگە يول قويمايمىز، دېدى. ئىككى تەرەپ مۇنداق قارىدى: ئالاقىدار رايون مەسىلىلىرى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئوخشاش مەيدانغا ئىگە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

    چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىدە، ئىككىلا تەرەپ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن پات ئارىدا بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى مۇمكىن. جۇڭگو بۇنداق ئۇچرىشىشقا زور ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى ھەم بىردەك: ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش ھوقۇقى بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ‹‹يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى››گە ئاساسەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاپپاراتى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ تەكلىپىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىشنى كۈچەپ قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو – ئامېرىكا يېڭى قوشما باياناتىدىكى يېڭى مەزمۇنلار

A ت ز ۋاكسىنىسى بىخەتەر ، ئىشەنچلىك

تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك

يەمەن يەنە بىر ئافغانىستان بولۇپ قالامدۇ؟

‹‹A ت ز ۋىرۇسى ئۆزگەرمىدى، كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ››

ھودۇقمايلى، ھوشيار بولايلى

توپلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى

مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号