لى چۈنشيا خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىرغىچە تۇنجى تۈركۈمدە 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە A ت ز ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن ھەم ئەملەش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرۈلمىگەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدا 10 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈمدىكى 360 مىڭ تال A ت ز ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ۋاكسىنا مىقدارى چەكلىك بولغانلىقتىن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئالدىن قوغداش پرىنسىپى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللىلەرگە ئەۋەتىلگەن مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان تاشقى ئىشلار، پورتلاردىكى كارانتىن، تاموژنا، تەكشۈرۈش، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، قاتناش، ئېلېكتر، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىدىكى جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار تۇنجى تۈركۈمدە A ت ز ۋاكسىنىسى ئەملىنىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى قىلىپ بېكىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇخۇم ياكى ۋاكسىنىدىكى ھەر قانداق باشقا تەركىب، بولۇپمۇ تۇخۇم ئاق ئاقسىلىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر؛ ئۆتكۈر، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، كېسىلى جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلار، زۇكام بولۇپ تېخى ساقايمىغانلار ۋە قىزىۋاتقانلار؛ گرېنبارى يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار؛ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىۋاتقانلار ۋە باشقا تەرەققىي قىلىشچان نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار؛ بەدىنى زىيادە سېزىمچان كىشىلەر، گېنتامىتسىن سۇلفاتقا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر؛ ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلار ۋە دوختۇرلار ۋاكسىنا ئەملەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان باشقا كىشىلەر قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك كىشىگە A ت ز ۋاكسىنىسىنى ئەملەش چەكلىنىدىكەن.
A ت ز ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى ئىشەنچلىك، بىخەتەر بولسىمۇ، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ئايرىم كىشىلەردە بەدىنى قىزىرىش، ئىششىش، قىچىشىش، قىزىش، ھارغىنلىق ھېس قىلىپ ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، گېلى ئاغرىش، مۇسكۇلى ئاغرىش، يۆتىلىش، قورسىقى ئاغرىش، بوغۇملىرى ئاغرىش، ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇش (ھەرىكىتى كۆپىيىش ياكى ئازىيىش)، ئېغىزى قۇرۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، زىيادە سېزىمچانلىق، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئەكس تەسىر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەكس تەسىر ئالامەتلىرى ئاساسەن يېنىك بولىدۇ، ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملىنىپ 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ.