باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەدەنىيەت ئىزنالىرى

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش››قا موھتاج

ئاپتور: جاڭ لېييوللانغان ۋاقىت: 2009-11-17 17:47

    جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى مالايسىيا بىلەن سىنگاپوردا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مول نەتىجىگە ئېرىشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇش بىلەن بىللە، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئەنئەنىسى ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى، ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بۇ شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈۋاتقان تاشقى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، تارقىتىش داۋامىدا تاشقى دۇنياغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش›› دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    شىنجاڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقان، تىركەشكەن، سىڭىشكەن زېمىن. ئۇزاقتىن بۇيان ھەر مىللەت خەلق بۇ زېمىندا ياشاش جەريانىدا كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ياراتقان ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت تارقىتىش تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ھالبۇكى قەدىمكى غەربىي يۇرتتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە، جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرت سەپىرىدىن شۈەن زاڭنىڭ غەربىي يۇرت سەپىرىگىچە، تاكى يېقىنقى زاماندا غەرب سەيياھلىرى قوزغىغان ‹‹شىنجاڭ ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى››غىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت تارقىتىش جەھەتتە ئىزچىل پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى، نۇرغۇن كىشىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ بەس – بەستە ئىگىلىك تىكلىشى، ساياھەت قىلىشىغا، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى پاسسىپ ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، يېڭى ‹‹تارقىتىش›› دەۋرىگە قەدەم قويدى.

    21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقىم يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. يېڭى ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى ئورنى كۈنسايىن گەۋدىلەندى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىمۇ يېڭى ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش›› دەۋرىگە قەدەم قويدى.

    ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش›› زورلاپ تېڭىش دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش›› ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ‹‹ئۈن – تىنسىز سىڭىپ كىرىش›› نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ئىزدىنىش كېرەك. ھازىر دۇنيادا ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىق شەكىللەرنى ۋاسىتە قىلغان مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش مەدەنىيەتنى ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش››نىڭ ئاساسلىق شەكلىگە ئايلاندى. ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش›› ‹‹ئۈستۈنلۈك پەرقى›› شەكىللەندۈرۈشكە موھتاج، بۇ يەردىكى ‹‹پەرق››نى سەنئەت شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە يۇقىرى سەۋىيىسى بەلگىلەيدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورۇنلىغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇقام، دولان ئۇسسۇلى قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ ‹‹ئۈستۈنلۈك پەرقى›› بىلەن مالايسىيا تاماشىبىنلىرىنى لەرزىگە سالدى ۋە قايىل قىلدى، تەبىئىيكى، بۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش››نىڭ ئاساسى ‹‹سەنئەت بايلىقى››، يادروسى ‹‹مەقسەتلىك ئىش قىلىش››، تاكتىكىسى ‹‹سېھرىي كۈچ ئارقىلىق قايىل قىلىش››. شىنجاڭ مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ قۇرىماس بۇلىقى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت – سەنئىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە نامايان قىلىپ، ‹‹كۈچلۈك تارقىتىش››قا تېخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈش مەدەنىيەت تارماقلىرى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچى.

جاڭ لېي
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك

يەمەن يەنە بىر ئافغانىستان بولۇپ قالامدۇ؟

‹‹A ت ز ۋىرۇسى ئۆزگەرمىدى، كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ››

ھودۇقمايلى، ھوشيار بولايلى

توپلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى

مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمى جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى

زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号