شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – نويابىر تېلېگراممىسى. 13 – نويابىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي دورىلارنى ئىشلىتىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، داۋالىنىش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
سۆھبەت يىغىنىدا 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مەسئۇللىرى تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، قىسمەن تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى. لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 4 – ئايدا سەھىيە ئىسلاھاتى لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات تەدبىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دۇنياۋى قىيىن مەسىلە، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىش زۆرۈر بولغان مەسىلە. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سەھىيە ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە كىشىنى ئاساسىي داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش سەھىيە ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلنىڭ بېشىغىچە %30 ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئىسلاھات تېببىي دورا ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا چېتىلىدۇ. ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن چوڭقۇر تونۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئاساسنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ قاپلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› ئومۇمىي پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، تەخىرسىز رېئال مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمى بىر تۈرلۈك يېپيېڭى تۈزۈم، ھازىرقى تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يارىتىلغان زور يېڭىلىق، شۇنداقلا پايدا تەقسىماتىدىكى چوڭقۇر تەڭشەش. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش چارىسى ئارقىلىق ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باھا، خېرىدار چاقىرىش، ئوبوروت، تەقسىملەش، ئىشلىتىش ۋە ئاتچوت قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئاساسىي دورىلارنىڭ مۇقىم ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە تەمىنلىنىشىگە، باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىگە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي دورىلارنى ئىشلىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى سەپلەشنى، تېببىي خادىملار بېرىشنى، ئاغرىقلار ئىشلىتىشنى خالايدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، داۋالاشتا ئالدى بىلەن ئىشلىتىدىغان دورىلارغا ئايلاندۇرۇپ، دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى باقىدىغان، دورا باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالىدىغان، دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ھالەتنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، خەلقنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى توغرا چۈشىنىشكە، ئىلمىي، مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. تېببىي خادىملار ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىسلاھاتتىكى ئاساسىي كۈچلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.