ھۆكۈمىتى بوشاڭ، توقۇنۇش ئۈزۈلمەيۋاتقان، بۆلگۈنچىلىك تەھدىتى ۋە زەھەر چەككۈچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان يەمەن ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن باشقا يەنە بىر مۇھىم تەرەققىيات بازىسىغا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، يەمەننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا ئەمەس، رادىكال بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ياكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىتائەت قىلىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان يەرلىك قەبىلىلەر مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەچكە، دائىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشتىكى كوزىر قىلىۋالدى.
ئالدىنقى ئايدا، يەمەن مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى گەۋدىلىك كۈچەيتتى، توقۇنۇش يالقۇنى زۇڭتۇڭ قەسرىنىڭ يېنىغىچە تۇتاشتى. ھالبۇكى پايتەخت سانادىكى غەرب دىپلوماتلىرى: بۇ يىل يەمەندە يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋە چەت ئەللىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كونترول مەركىزى ئۆكتىچى ئارمىيە ئەمەس، بەلكى يەمەن چېگرىسى ئىچىدىكى كۈندىن – كۈنگە زورىيىۋاتقان ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمانلاندى.
يەمەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، ئاھالىسى 23 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، ئىلگىرى جەنۇبىي يەمەن ۋە شىمالىي يەمەن دەپ ئايرىلغان، 1990 – يىلى بىرلەشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. ئۇزاقتىن بۇيان، يەمەن تېررورچىلارنىڭ مۇھىم ماكانىغا ئايلانغان.
يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالدىكى تېررورچىلاردىن پايدىلىنىپ، جەنۇبتىكى ئۆكتىچى ئارمىيىگە قارشى تۇرۇشى ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالغان، 1994 – يىلى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ‹‹باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش›› تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، يەمەن ھۆكۈمىتى يەمەننىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىكى يەنە بىر نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش يەمەندە يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
يەمەن ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى بۆلگۈنچىلىك توقۇنۇشلىرىنىڭ تەلتۆكۈس ھەل قىلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاچقا، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئەزەلدىن ئەسلى – ۋەسلىنى قۇرۇتۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ باقمىغان، ھازىرمۇ ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئارقىلىق جەنۇبتىكى ئۆكتىچى ئارمىيىنى يوقىتىشتىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. ئامېرىكا بولسا ھەربىي كۈچىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئافغانىستان بىلەن ئىراققا قاراتقاچقا، يەمەن ۋەزىيىتىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان قارالما قىلماي كەلدى. بۇ خىل ئازادە مۇھىتتا ‹‹بازا›› تەشكىلاتى يەمەندە ھەدەپ ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغان. يەمەن ۋەزىيىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىدىغان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس گرېگور: ئامېرىكا يەمەنگە قاراتقان سىياسىتىدە قورال بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش زىيادە تەكىتلەنگەن، دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىدىكى بىر قانچە غوللۇق شەخسنى يوقىتىش كېرەك، بۇنىڭدا شەك يوق. بىراق تېخىمۇ مۇھىمى، نامراتلىقنى تېگى – تەكتىدىن ھەل قىلماي بولمايدۇ.
بىراق يەمەندە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. پۈتكۈل دۆلەتنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى ئىنتايىن يۆۋەن بولۇپ، ھەممىلا يەردە قورال – ياراغنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇ كىرزىسىمۇ ئېغىر. يەمەندە سۇ كەمچىل بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، پۈتكۈل مەملىكەت خەلقى ‹‹كارت›› دېگەن ئۆسۈملۈكنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل چاتقالسىمان ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى يوپۇرمىقى تەركىبىدە نېرۋا دورىسى ئامفېتامىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل بىرىكمە ماددا بولۇپ، چاينىسا كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ ۋە كەيپ قىلىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى، يەمەندە تېرىقچىلىقلىق قىلىغىلى بولىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ‹‹كارت›› تېرىلغان بولۇپ، بۇ چاتقالسىمان ئۆسۈملۈكنى سۇغىرىشقا، دۆلەتنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم سۈيى كېتىدىكەن.
مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى ئاپپاراتلار ‹‹كارت››نى تېرىشقا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۈچى يەنىلا ئاجىز كېلىپ قالغان، چۈنكى ھۆكۈمەت ئىچىدە كۆپ ساندىكى ئەمەلدار بۇ خىل تەبىئىي يۇمشاق زەھەرنى ياخشى كۆرىدىكەن. بەلكىم بىرەر تەشكىلات يەمەندىكى ‹‹كارت›› كرىزىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ‹‹بازا›› تەشكىلاتى، چۈنكى ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنداق نەرسىگە ھەرگىز يېقىن يولىمايدۇ.