باش بەت >> قىززىق نوقتا | ‹‹A ت ز ۋىرۇسى ئۆزگەرمىدى، كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ›› | ئاپتور: | يوللانغان ۋاقىت: 2009-11-12 12:08 | شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلىتىمىزدە A ت ز(A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئېشىپ، بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگۈچىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن 10 – نويابىر: ھازىر A ت ز ۋىرۇسى ئۆزگەرمىدى، كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن خېلى مۇقىم، دېدى. ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، دۆلىتىمىز ۋە يۇقۇم تارقالغان باشقا دۆلەتلەردە A ت ز يۇقۇمى تېز كېڭىيىش مەزگىلىدە بولۇپ، قىسمەن رايونلار يۇقۇم كۆپ كۆرۈلۈش مەزگىلى ۋە سىجىل، تېز ئېشىش مەزگىلىگە مۇددەتتىن بۇرۇن كىرىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش كۆلىمى ۋە كۈچى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۈچلۈك بولغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى يۇقۇم بەلكىم كېلەر يىلى 3 – ئايغىچە داۋاملىشىشى، شۇ سەۋەبلىك يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ داۋالاش – سەھىيە مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا زور بېسىم چۈشۈرۈشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدىغان دائىرىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا سەھىيە مىنىستىرلىكى بەنگۇڭتىڭى ‹‹A ت ز بىلەن ئۆلگەنلەرنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، A ت ز ۋىرۇسىنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلار، A ت ز دەپ كلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ۋە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ئۇدا داۋالاش جەريانىدا(دوختۇرخانا يۆتكەش، بۆلۈم يۆتكەشنىڭ ھەممىسى ئۇدا داۋالاش جەريانىغا كىرىدۇ) ئۆلگەن بولسا، مەيلى ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار ياكى يوقلۇقى، باشقا مىكروب ياكى ۋىرۇس قاتارلىق كېسەللىك مەنبەسى مىكرو ماددىلىرى بىلەن ئارىلاش يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى A ت ز بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئاغرىقنى دوكلات قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. ئۆلگەنلەرنى دوكلات قىلىشتىكى بۇ يېڭى ئۇسۇل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىتتا دوكلات قىلىنغانلارنىڭ سانى تېز ئاشتى، لېكىن، بۇ A ت ز نىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت ستاتىستىكا قىلىش ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەر بىلەن ئانچە چوڭ پەرقى يوق. ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا، سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەملەشنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاكسىنا ئارقىلىق ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلەيدۇ؛ مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرراق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىدۇ؛ A ت ز بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش – داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ ئېغىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، ئۇلارغا پائال، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىدۇ؛ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاممىغا A ت ز نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، ئاممىغا ئۆز ئالدىغا مۇداپىئەلىنىشنى قانداق كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىشىنى ھەم ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. | | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم |
|
|
سۆرەتلىك خەۋەرلەر | |
| |