لى چۈنشيا
ئۈزلۈكسىز يامراۋاتقان A ت ز (A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام) يۇقۇمى ئالدىدا جامائەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى، ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپمۇ قويماسلىقى؛ A ت ز نىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى تىزگىنلىگىلى، داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى توغرا تونۇشى ھەم ھەممە كىشى ئۆزىدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
كۈز ۋە قىش پەسىللىرى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىئاگنوز قويۇلغان A ت ز ئاغرىقلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، ھەتتا قازا قىلغانلار كۆرۈلدى. يۇقۇم ناھايىتى تېز يامرىماقتا، ئەگەر يۇقۇمغا ئىلمىي، تەمكىن مۇئامىلىدە بولساق ھودۇقماي، ئۆزىمىزنى تەمكىن تۇتۇپ يۈرەلەيمىز.
بىرىنچىدىن، نۇرغۇن ئۇچۇر جامائەتكە مۇنداق بىر ئىشەنچنى يەتكۈزدى: A ت ز نىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى تىزگىنلىگىلى، داۋالىغىلى بولىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ بۇ كېسەلنى داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ئىككىنچىدىن، ئېلىمىز A ت ز يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، دورا زاپىسى ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 360 مىڭ A ت ز ۋاكسىنىسى كەينى – كەينىدىن ئەملىنىشكە باشلىدى، بۇمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ A ت ز نىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن بىخەتەرلىك توسۇقى ھاسىل قىلدى.
ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرلەشمە ئالدىنى ئالىدىغان، بىرلەشمە تىزگىنلەيدىغان A ت ز نىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، A ت ز نىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش خەۋپى بىرلىكتە تۆۋەنلىتىلىپ، يۇقۇم تىزگىنلىگىلى بولىدىغان دائىرىدە مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا A ت ز سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئاغرىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، A ت ز نىڭ جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭكى بىلەن تەڭ، شۇڭا، جامائەتنىڭ بەك جىددىيلىشىپ، ھودۇقۇپ كېتىشى، ھەتتا بۇ سەۋەبلىك نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى ھاجەتسىز.
كۆپچىلىكنىڭ زىيادە جىددىي كەيپىياتىنى تۈگىتىشىنى تەشەببۇس قىلىش بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا بولغان ھوشيارلىقىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن A ت ز ۋىرۇسى بىر خىل يېڭى زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، ئادەمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى بولمىغاچقا، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئويلاپ كۆرسەك، ئەگەر A ت ز يۇقۇمى كەڭ كۆلەمدە يامراپ كەتسە، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ماددىي كۈچى، ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچىنى زور دەرىجىدە خورىتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيىسىدە بولماسلىقى، بىر تەرەپتىن، ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش لايىھىسى ۋە ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.