باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

توپلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-11-04 18:14

    ئېلىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 268 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە شتراپ قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە شتراپ قويۇلىدۇ››.

    ‹‹جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلاش جىنايىتى›› قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلىغان، مىقدارى كۆپ ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

    ‹‹پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش››، ئاساسلىقى، مۇھىم ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى بۇلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇمى، قۇتقۇزۇش، نەپىقەپۇلى قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدە لازىمەتلىكلەرنى بۇلاش؛ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇلاش؛ كەڭ كۆلەملىك، كەڭ دائىرىلىك، كۆپ مىقدارلىق بۇلاش ھەرىكىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش؛ بۇلاش قىلمىشى تۈپەيلىدىن جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىغا زور زىيان سېلىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلىش؛ بۇلاش قىلمىشى تۈپەيلىدىن پويىز قاتنىشى، سۇ ترانسپورتى، چوڭ – ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تاللا بازارلىرىنىڭ تىجارىتى توختاپ قېلىش؛ بۇلاش جەريانىدا باشقىلارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قېلىشى، ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەب بولۇش؛ ئوت قويۇش، قاتىللىق قىلىش، زەخىملەندۈرۈش ياكى پۇل – مال ئىگىسىنى كەتكۈزۈۋېتىش ۋە قورقىتىپ قاچۇرۇۋېتىش ياكى نەزەربەند قىلىپ يەنە بۇلاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرى قانۇن جەھەتتىن قاتتىق قوغدىلىدۇ. جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ئېلىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 268 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توپلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى

مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمى جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى

زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايلى

زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايلى

قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايلى

بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئاياللار كۆپ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号