ئېلىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 249 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ››.
‹‹مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى›› دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىدە، جەمئىيەتتە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىپ، مىللىي قارشىلىشىشقا كۈشكۈرتۈپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىدىغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹قۇتراتقۇلۇق قىلىش›› تىل، يېزىق(لوزۇنكا، شوئار، كىتاب، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قول ئىشارىسى، ھەرىكەت ئارقىلىق ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، كۈشكۈرتۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
مىللىي باراۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەرئارا ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4 – ماددىسىدا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەممە مىللەت بابباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىدۇ››.