قانۇنشۇناسلار ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان تۆت چوڭ جىنايى دېلونى 2 – سوتتا سوتلاش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
ساۋ خۇيجۈەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى قانۇنشۇناسلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى نۇر مۇھەممەت، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت رېھىمجان 31 – ئۆكتەبىر ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئالتە چوڭ جىنايى دېلو ئىچىدىكى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان تۆت دېلودىكى 15 جاۋابكارنى 2 – سوتتا سوتلاش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىر: ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئالتە چوڭ جىنايى دېلونى بىرىنچى سوتتا سوتلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالتە دېلودىكى 21 جاۋابكاردىن تۆت دېلودىكى 15 جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپتۇ، ئۇلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىكى ئاساسى نېمە؟
نۇر مۇھەممەت: بۇ تۆت دېلودىكى 15 جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئاساسى ھەر خىل بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسلىقى مۇنداق تۆت خىل ئەھۋال مەۋجۇت: بىرىنچى، 1 – سوتنىڭ پاكىتنى بېكىتىشىدە خاتالىق بار، دەپ قارىغان. مەسىلەن، ئابدۇللا مەتتوختى: ‹‹ئوت قويمىدىم، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە زىددىيەت بار››، دېگەن. ئىككىنچى، جىنايەت بېكىتىش توغرا بولمىدى، دەپ قارىغان. مەسىلەن، خەن جۈنبو، ليۇ بولار ئەسلىدىكى ھۆكۈمدە جىنايەت بېكىتىش توغرا بولمىدى، جىنايىتىمىزنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ئەمەس، بەلكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، دەپ بېكىتىش كېرەك ئىدى، دەپ قارىغان. ئۈچىنچى، ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىش ۋە ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادەم بار، يېنىكلىتىپ جازالاش كېرەك، دەپ قارىغان. تۆتىنچى، ئۆلچەنگەن جازا بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، دەپ قارىغان، يەنى نازارىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئۆزىنىڭ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان قىلمىش سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1 – سوتتا جازا بېكىتىش بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، دەپ قارىغان.
رېھىمجان: 2 – سوتتا سوتلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلار ئىچىدە شىرزات مۇھەممەتتۇرسۇن دېلو يۈز بەرگەندە نەق مەيداندا يوقلۇقىنى ئېيتىپ گۇناھسىزلىقىنى ئىزاھلىغاندىن باشقا، قالغان 14 نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى مۇھىم جىنايەت پاكىتى ياكى ئاساسىي جىنايەت پاكىتىنى ئېتىراپ قىلغان، 1 – سوتتا بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتىنىڭ ھەممىسىنى ئاغدۇرۇۋەتمىگەن. مەسىلەن، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئابدۇللا مەتتوختىنى ئېلىپ ئېيتساق، 1 – سوتتا، سوت ئۇنىڭ جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسەن، ئۇنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ۋە ئوت قويۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، دەپ بېكىتكەن. 2 – سوتتا، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئابدۇللا مەتتوختى ئوت قويۇش جىنايىتىگىلا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتىنى تونۇغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، خەن جۈنبو، ليو بولارمۇ جىنايەت پاكىتىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن، ئۆزلىرىنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلمىغانلىقىنىلا ئېيتىپ، ئۆز جىنايىتىنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى دەپ بېكىتىلگەنلىكىگە قايىل بولمىغان؛ باشقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلار خىزمەت كۆرسىتىش، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئىپادىسى بارلىقىنى ياكى ئۆلچەنگەن جازا بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازالاش كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1 – سوت ھۆكۈمىدە جازا ئۆلچەش نىسبەتەن توغرا ھەم ئادىل، ھەققانىي بولغان.
مۇخبىر: جىنايەتچىلەر نارازىلىق ئەرزى سۇنسا، جىنايىتىنى تونۇمىغان ياكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ناچار، دەپ قارىلىپ، ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىنامدۇ؟
رېھىمجان: ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىكى جاۋابكارلارغا بېرىلگەن بىر تۈرلۈك ئاساسىي دەۋا ھوقۇقى. ئېلىمىز جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 180 – ماددىسىدىمۇ ئېنىق قىلىپ: ‹‹جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىدىن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىملىرىگە قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ياكى ئاغزاكى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق››، دەپ بەلگىلەنگەن. جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ھۆكۈم، كېسىملەرنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىغا، سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1 – سوتتا سوتلانغان جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشى قانۇندا بېرىلگەن دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جىنايىتىنى تونۇش – تونۇماسلىقىغا، جۈملىدىن جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشى – ناچارلىقىغا چېتىلمايدۇ، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغانلىقى ئۇنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىنىلا ئىپادىلەيدۇ، نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغانلىقى ئۇنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولغانلىقىنىلا چۈشەندۈرىدۇ.
نۇر مۇھەممەت: نۇقتىلىق تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى جىنايىتىنى تونۇمىغان ياكى بوينىغا ئېلىش پوزىتسىيىسى ياخشى بولمىغان تەقدىردىمۇ سىز ئېيتقاندەك، ‹‹ئېغىر جازاھۆكۈم قىلىنمايدۇ››. بۇ ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق››تەك مۇھىم قانۇنىي پرىنسىپقا تاقىلىدۇ. ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق›› دېگىنىمىز، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار بىرلا تەرەپ نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلولارنى سوتلىغاندا، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن جاۋابكارغا بېرىلگەن جازانى ئېغىرلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، دېگەنلىك بولۇپ، بۇ، يېنىك جازانى ئېغىر جازاغا ئۆزگەرتمەسلىك، شۇنداقلا بىر نەچچە خىل جىنايىتى قوشۇپ جازالانغان جاۋابكارغا ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان جازانى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ھەم ئەسلىي ھۆكۈمدە ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان جازا ساقلاپ قېلىنغان ئەھۋالدا ، بىر قانچە جىنايەت ئىچىدىكى مەلۇم بىر جىنايەتكە بېرىلگەن جازانى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىكى جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلولار توغرىسىدا مۇشۇنىڭدەك ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىمىلەرنى تۈزگەن، بۇ جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۈر. چۈنكى، جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشى جازانى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بولىدۇ، ئەگەر نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن، جازا ئەكسىچە ئېغىرلاپ، جاۋابكار تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالسا، جاۋابكارلاردا ئەندىشە پەيدا بولۇپ، 1 – سوتتا خاتا ھۆكۈم چىقىرىلدى، دەپ قارىسىمۇ، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ – دە، جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق›› 1 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىشكە، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇنداقلا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىشىغا پايدىلىق.
رېھىمجان: بىراق، ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق›› پرىنسىپى پەقەت جاۋابكار ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلولارغىلا تەتبىقلىنىدۇ. ئەگەر، جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپلا قالماي، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىمۇ ئېتىراز بىلدۈرسە ياكى دەۋا قىلغۇچىمۇ نارازىلىق ئەرزى سۇنسا، ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق›› پرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك ئورگىنى بولۇپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىكى قانۇن نازارەتچىلىكى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى دېلو تۇرغۇزۇش، تەھقىقلەش، سوتلاش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ، سوتلاش جەريانىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم ئەۋەتىپ ئەيىپلەشنى قوللىغاندىن باشقا، سوت پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان – بولمىغانلىقىنىمۇ نازارەت قىلىشى كېرەك، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىرازى ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق›› پرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى دۆلەت بەرگەن قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۈر. ئوخشاشلا، دەۋا قىلىنغان جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى دەۋا قىلغۇچىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشى جىنايەتنى تېخىمۇ ياخشى جازالاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، ئەلۋەتتە ‹‹نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارغا جازا قوشماسلىق›› پرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
مۇخبىر: ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە دېلودىكى 21 جاۋابكاردىن تۆت دېلودىكى 15 جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان تۇرسا، نېمىشقا 2 – سوتتا ئون جاۋابكارغا چېتىلىدىغان ئۈچ دېلوغىلا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلىدۇ؟
رېھىمجان: ئېلىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلاش ئۇسۇلى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش ۋە سوت ئاچماي قاراپ چىقىش (يەنى يازما قاراپ چىقىش)، دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالدا بولىدۇ: بىرى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، ئومۇمەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولارنىڭ ھەممىسىنى 2 – سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى بىردەك سوت ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ؛ يەنە بىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2006 – يىل 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ 1 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يۇقىرىقى نارازىلىق ئەرزىسۇنۇلغان دېلولاردىن باشقا، 1 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ دەرھال ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلوغىمۇ 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئېلىمىز ئەدلىيىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا تۇتقان ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلوغا قاراپ چىققاندا، جاۋابكار ياكى ئاقلىغۇچى جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويغان، سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش زۆرۈر بولغان دېلولارنىمۇ سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشى كېرەك. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ قاراپ چىققان ئون جاۋابكارغا چېتىلىدىغان ئۈچ دېلو 2 – خىل ئەھۋالغا ياتىدىغان، 1 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلو ھېسابلىنىدۇ.
نۇر مۇھەممەت: سوت ئاچماي قاراپ چىقىلىدىغان دېلولارمۇ بار. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا: ‹‹جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلولاردا كېڭەشمە سوت دېلو كۆرۈش، جاۋابكارلاردىن سوئال سوراش، باشقا دەۋالاشقۇچىلار، ئاقلىغۇچىلار ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق پاكىتى ئېنىق دەپ ھېسابلىغانلىرىنى سوت ئاچماي سوت قىلسىمۇ بولىدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، ئېزىزجان ياسىننىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان قەستەن قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق قىلىش دېلوسىدا، جاۋابكار ئېزىزجان ياسىنغا 1 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ، تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلو ئەمەس، شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان دېلومۇ ئەمەس، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىمۇ جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى ئىسپاتنى كۆرسىتەلمىگەن، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى كېڭەشمە سوت دېلو كۆرۈش، جاۋابكاردىن سوئال سوراش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق دېلو پاكىتىنىڭ ئېنىقلىقىنى بايقىغان بولۇپ، قانۇن بويىچە سوت ئاچماي قاراپ چىقىدىغان ئەھۋالغا ياتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بىز بايا تىلغا ئالغان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2006 – يىل 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشنىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 5 – تارمىقىدا: ‹‹بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان ھەم نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان جاۋابكارلارنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئاقلىغۇچى سوت ئېچىشتىن بۇرۇن سوئال سوراش ۋە يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ھاجەتسىز، دەپ قارىسا، سوتقا قايتا چاقىرتمىسىمۇ بولىدۇ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان باشقا جاۋابكارلارنىڭ جىنايى قىلمىشى، جىنايەت پاكىتى ئېنىق بولسا، سوت ئاچقاندا قاراپ چىقمىسىمۇ بولىدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەخمەتجان مۆمىن قاتارلىق 11 جاۋابكارنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش دېلوسىدا، روزى ئىمام، ئابدۇخېلىل مەمتىمىن قاتارلىق جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇندى، گەرچە بىر دېلودىكى جىنايەتچىلەر ئىچىدە 1 – سوتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان جاۋابكارلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار 1 – سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان، شۇنداقلا جىنايەت پاكىتى توغرىسىدا يېڭى دەلىل – ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، شۇڭا ئۇلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلوغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقماسلىقمۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.
مۇخبىر: نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلار سوتقا كەلمىسە، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ دېلوسىغا قاراپ چىقمامدۇ؟
نۇر مۇھەممەت: بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، سوت قىلىش شەكلى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش ۋە يازما قاراپ چىقىش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، مەيلى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش ياكى يازما قاراپ چىقىش بولسۇن، ھەممىسىدىلا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 186 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى 1 – سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن پاكىت ۋە تەتبىقلانغان قانۇننى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ياكى ئېتىراز بىلدۈرۈش دائىرىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پرىنسىپىدا 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىرازغا پاسسىپ يۈزلەنمەسلىك، يالغۇز نېمە ئىش بولسا شۇ ئۈستىدىلا توختالماسلىق، بەلكى پائالىيەتچانلىقى، ئاكتىپلىقىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل دېلودىكى پاكىت، دەلىل – ئىسپاتلار، جىنايەت بېكىتپ جازا ئۆلچەش ئەھۋالى ۋە 1 – سوت تەرتىپى قاتارلىقلارنى ھەرتەرەپلىمە تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، 1 – سوت ھۆكۈمىدىكى نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىرازدا كۆرسىتىلگەن ياكى كۆرسىتىلمىگەن خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىپ، ئاخىرقى سوتتا چىقىرىلغان كېسىمدە دېلونىڭ توغرا، ئادىل، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش بىلەن يازما قاراپ چىقىش پەقەت قاراپ چىقىش شەكلى جەھەتتىنلا پەرقلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پرىنسىپى يازما قاراپ چىقىشتىمۇ دېلوغا توغرا كېسىم چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مۇخبىر: بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلغان ئالتە دېلودىكى 21 جاۋابكاردىن تۆت دېلودىكى 15 جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇندى، ئوخشاش بىر دېلودىكى بەزى جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇندى، بەزى جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنمىدى، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلارغا قاراپ چىقىپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغانلارغا قاراپ چىقمامدۇ؟
رېھىمجان: ئۇنداق ئەمەس. بايىقى سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇرساق، جىنايى ئىشلار دېلوسىغا 2 – سوتتا قاراپ چىقىشتا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال بار: بىرىنچى، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان دېلوغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش، ئىككىنچى، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان دېلوغا يازما قاراپ چىقىش، ئۈچىنچى، سىز ئېيتقاندەك ئەھۋال بولۇپ، بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە بەزى جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، بەزى جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان بولسا، نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغانلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلودا پەقەت قىسمەن جاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسا، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بىراقلا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەنى ھەم نارازىلىق ئەرزى سۇنغان قىسمەن جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئاساسىنى تەكشۈرۈش، ھەم نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان قىسمەن جاۋابكارلارغا بېرىلگەن ھۆكۈمنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ، بىراقلا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 1 – سوتتا سوتلانغان ئەخمەتجان مۆمىن قاتارلىق 11 جاۋابكارنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش دېلوسىدا، جاۋابكار ئابلىز غوجىمامۇت قاتارلىقلار نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان، ئەمما بىر دېلودىكى باشقا جاۋابكار ئەخمەتجان مۆمىن، توختى پازىل قاتارلىقلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، شۇڭا 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا، خاتالىقلارنىڭ تۈزىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەيلى بىرلا دېلودىكى بىر كىشى ياكى بىر دېلودىكى كۆپ كىشى بولسۇن، 1 – سوتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان بولسا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دېلو ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىشى كېرەك. ئابدۇكېرم ئابدۇۋاھىتنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش، ئوت قويۇش دېلوسى ۋە ئالىم مەتيۈسۈپ قاتارلىق ئىككى جاۋابكارنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش دېلوسىدىكىجاۋابكارلار نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى دېلوغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى بويىچە قاراپ چىققان ھەم قانۇن بويىچە ئەسلىي ھۆكۈمگە قوشۇلۇش كېسىمىنى چىقارغان.
مۇخبىر: تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2 – سوتتا قاراپ چىققاندا ھەممىلا دېلودائەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى، ئۇنداقتا، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان دېلوغا قانداق ئەھۋالدا 2 – سوتتا ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ؟
نۇرمۇھەممەت: جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 189 – ماددىسىنىڭ 2 – ، 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى خىل ئەھۋالدا دېلوغا چىقىرىلغان ھۆكۈمنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتسە بولىدۇ: بىرىنچى، ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتنىڭ بېكىتىلىشىدە خاتالىق بولمىسىمۇ، قانۇننى تەتبىقلاشتا خاتالىق بولسا ياكى جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولمىغان بولسا، ھۆكۈمنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتسە بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتلار ئېنىق بولمىغان ياكى دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولمىغان بولسا، پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ. بۇ قېتىم بۇ 15 جاۋابكارغا چېتىشلىق تۆت دېلوغا 2 – سوتتا قاراپ چىقىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان، شۇڭا 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان.
رېھىمجان: كونكرېت تەھلىل قىلىپ باقايلى، ئابدۇللا مەتتوختى نارازىلىق ئەرزىدە ئۆزىنىڭ ‹‹ئوت قويمىغانلىقى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە زىددىيەت بارلىقى››نى ئوتتۇرىغا قويغان، 1 – سوتتا، ئەيىپلىگۈچى تولۇق دەلىل – ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئوت قويۇش قىلمىشى سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، 2 – سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئابدۇللا مەتتوختى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى مۇناسىپ يېڭى دەلىل – ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان. 2 – سوتتا، تەپتىش كۆرسەتكەن ۋىدىئولۇق ماتېرىيال ۋە نۇرغۇن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، شۇنداقلا، بىر دېلودا نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى غېنى يۈسۈپ، ئادىل روزى قاتارلىقلارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلار ماسلىشىپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئابدۇللا مەتتوختىنىڭ تەڭرىتاغ ئاشلىق – ياغ دۇكىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئوت قويۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكى ھەم ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى يەرگە ئۇرۇپ چاققانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن بىر دېلودىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ شۇ ھامان ئوت قويۇپ ئاشلىق – ياغ دۇكىنىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كېڭەشمە سوت نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئابدۇللا مەتتوختىنىڭ نارازىلىق ئەرز پىكرىنى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارىغاچقا قانۇن بويىچە قوبۇل قىلمىغان.
نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى شىرزات مۇھەممەتتۇرسۇن دېلو يۈز بەرگەندە نەق مەيداندا يوقلۇقىنى ئېيتىپ، گۇناھسىزلىقىنى ئىزاھلىغان. 2 – سوتتا تەپتىش سەككىز گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى كۆرسىتىپ، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شىرزات مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ شىنجاڭ ‹‹جىلى تۇڭتۇڭ›› ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنى چېقىش، كۆيدۈرۈشكە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى، بېنزىن بىلەن 25 ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرگەنلىك جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلىغان ھەم نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىنىڭ ئىقرارىدىن تېنىۋېلىشتىن بۇرۇنقى ئىقرارىنى كۆرسىتىپ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ۋە ئۇنىڭ تەھقىقلەش باسقۇچىدىكى ئىقرارى ۋە ئىقرار سۆزى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدە باشقا زوراۋانلار بىلەن بىللە ‹‹جىلى تۇڭتۇڭ›› شىركىتىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق پاكىتىنى ئىسپاتلىغان. 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى كېڭەشمە سوت شۇڭاقانۇن بويىچە ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.
نۇر مۇھەممەت: نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى خەن جۈنبو ۋە ليۇ بو 1 – سوت ھۆكۈمىدە ‹‹جىنايەت بېكىتىش›› خاتا بولدى، دەپ قارىغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، دەپ بېكىتمەستىن قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ قارىغان. تەپتىش ئۈچ گۇرۇپپا ئالتە پارچە دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتىپ، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى خەن جۈنبونىڭ باشلامچىلىق بىلەن دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر نى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغانلىقى، ئۇنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ك نى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغانلىقى، ك بىنادىن سەكرەپ يېنىك يارىلانغاندىن كېيىن، خەن خۈنبونىڭ ر نىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ باش قىسمىغا يەنە ئۇرۇپ، ر نىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. خەن جۈنبونىڭ دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى قىلمىشلىرى ئۇنىڭدا روشەن قاتىللىق قىلىش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. كېڭەشمە سوت قاراپ چىقىش ئارقىلىق: نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى خەن جۈنبو، ليۇ بو ئورتاق ئىرادىنىڭ كونتروللۇقىدا، جان ئالىدىغان قاتىللىق قورالىنى ئىشلىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە كۈچەپ ئۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىگە بىرلىكتە سەۋەبچى بولغان. ئىككى نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى سۇبيېكتىپ ئىرادىسىنىڭ مەزمۇنى باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى ئورتاق مەقسەت قىلغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە قوللانغان ۋاسىتىسى، قورالى ۋە ئۇرغان قىسمىدا روشەن قەستەن قاتىللىق قىلىش قاراتمىلىقى بار، شۇنداقلا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلاش پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىغان.
رېھىمجان: نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئەخمەتجان مۆمىن، ئەنۋەر ئەكبەر ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى پاش قىلغان خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بار››، دېگەن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئاساسى توغرىسىدا، تەپتىش ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن يازما ئىسپاتنى كۆرسىتىپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئەخمەتجان مۆمىن، ئەنۋەر ئەكبەر گەرچە ج خ ئورگانلىرىنى بىر قىسىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يىپ ئۇچلىرىنىڭ راست ئەمەسلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، شۇڭا كېڭەشمە سوت ئۇلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلمىغان. نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى غېنى يۈسۈپنىڭ ‹‹خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى جازا ئۆلچىگەندە بەلگىلىك گەۋدىلىنىشى كېرەك›› دېگەن نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئاساسى توغرىسىدا، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى كېڭەشمە سوت پاكىت ئاساسى يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ، قوبۇل قىلمىغان.
شۇڭا، 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىدە پاكىت ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتلار راست، تولۇق بولغان، خاراكتېرى توغرا بېكىتىلگەن، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق، سوتلاش تەرتىپى قانۇنلۇق بولغان، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 189 – ماددىسى 1 – تارمىقىدىكى: ‹‹ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتنى بېكىتىش ۋە قانۇننى تەتبىقلاش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولغان بولسا، نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىرازنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش›› دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىدىغان ئاساسىي پرىنسىپقا ئۇيغۇن، دەپ قارىغان.
مۇخبىر: 2 – سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى 1 – سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جاۋابكارلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنامدۇ؟
نۇر مۇھەممەت: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكىچە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلمىغان، ئېتىراز بىلدۈرۈلمىگەن 1 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمى ياكى 2 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان ھۆكۈم ۋە كېسىم بولۇپ، دەرھال ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇلۇشى شەرت. لېكىن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ھۆكۈم ۋە كېسىمگە قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكىچە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلمىغان، ئېتىراز بىلدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ ياكى 2 – سوتنىڭ ھۆكۈمى ۋە كېسىمى چىقىرىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى كۈچكە ئىگە بولىدىغان ھۆكۈم ۋە كېسىم بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن (دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان دېلودىكى) ھۆكۈم ۋە كېسىم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئاندىن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلغان ئۆلۈم جازاسى (ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان) يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، 2 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسىمۇ، ھۆكۈم تېخى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان دېلو چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك تەرتىپ بولىدۇ.
مۇخبىر: ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى دېگەن نېمە؟
رېھىمجان: ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ھۆكۈم ۋە كېسىمنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان بىر خىل ئالاھىدە تەرتىپ. ئۆلۈم جازاسى جىنايەتچىنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىدىغان جازالاش ئۇسۇلى بولغاچقا، ھازىر نۇرغۇن دۆلەت ئۇنى تەتبىقلاشتا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بىر تەرەپتىن، سۇبستانتىۋ قانۇن جەھەتتە ئۆلۈم جازاسىنى تەتبىقلاش دائىرىسى قاتتىق كونترول قىلىنىپ ھەم ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تۈزۈمى قوللىنىلىپ، ئاز ئۆلتۈرۈش سىياسىتى بىلەن كەسكىن ۋە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، تەرتىپ قانۇنى جەھەتتە، ئالاھىدە سوتلاش تەرتىپى، يەنى ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان دېلولاردا پاكىتنى بېكىتىش ۋە قانۇننى تەتبىقلاشنىڭ توغرا بولغان – بولمىغانلىقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ، توغرا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ۋە كېسىمى تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، خاتا بېرىلگەن ياكى مۇۋاپىق بولمىغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ياكى كېسىمى تۈزىتىلىپ ياكى ئۆزگەرتىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ توغرا تەتبىقلىنىشىغا دەۋا تۈزۈمى ۋە تەرتىپى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
نۇر مۇھەممەت: ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى ئۆلۈم جازاسىنى تەتبىقلاشنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خاتا ھۆكۈم قىلىش، خاتا ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. ئۆلۈم جازاسى جازالاش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئېغىر جازالاش ئۇسۇلى، جىنايەتچىنى ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدىغان جازا بولۇپ، توغرا تەتبىقلانسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان ئېغىر، قەبىھ جىنايەتكە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، بىراق، تەتبىقلىنىشى مۇۋاپىق بولمىسا، ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى ئادەم بۇ دۇنيادا بىرلا قېتىم ياشايدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى تەتبىقلىغاندا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ سۇبستانتىۋ قانۇن جەھەتتىكى قانۇن چىقىرىش روھىنى قاتتىق ئىگىلىگەندىن باشقا، يەنە تەرتىپ جەھەتتە ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ بىگۇناھلارنى خاتا ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولاردا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، خاتا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى كېسىمىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشىگە پايدىلىق.
مۇخبىر: ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى قانداق كونكرېت يولغا قويۇلىدۇ؟
رېھىمجان: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش سۈرۈكى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكىچە، ئەگەر جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنمىسا، تەپتىش مەھكىمىسىمۇ ئېتىراز بىلدۈرمىسە، بۇ دېلو ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىدۇ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلولاردا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2 – سوت ئاچىدۇ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا قوشۇلغانلىرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
ئۇنداقتا، ئۆلۈم جازاسى قايسى ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ؟ دېگەندە، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 210 – ماددىسىغا ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىش توغرىسىدا چىقارغان ۋە تەستىقلىغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ چۈشۈرۈشى لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 1 – سوتتا قاراپ چىققان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.