باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> سىياسىي نەزىرىيە

زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-10-22 15:52

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە دېلوغا ئوچۇق سوت ئېچىپ ، 21 زوراۋان جىنايەتچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پائال قوللىشىدا، ج خ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەت.

بىرىنچى، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقە

‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› باش قاتۇرۇپ تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشى ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، ئۇلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.

‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزدى. ئاساسىي قانۇندا: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەممە مىللەت بابباراۋەر››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسىدىمۇ، ‹‹دۆلەت ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىدۇ، جىنايەتچىلەرنى جازالاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە تەربىيىلەيدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى قان تۆكۈلۈش ۋە توپىلاڭ پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى، خىزمەت تەرتىپىنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇردى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قانۇننىڭ بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى.

‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جىسمانىي خەۋپسىزلىكى ۋە مال – مۈلۈك خەۋپسىزلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلدى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە زوراۋان جىنايەتچىلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللاندى، ئۇلار جامائەت ئەسلىھەلىرىنى كۆيدۈرۈپ، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ، بىگۇناھ پۇقرالارنى ۋەھشىيلەرچە زەخىملەندۈردى ۋە ئۆلتۈردى، دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مال – مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جىسمانىي خەۋپسىزلىكى ۋە مال – مۈلۈك خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر دەخلى – تەرۇز قىلدى. بۇ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشتۇر.

‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە مىللىي ئارازلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ ۋەھشى قىلمىشلىرى شىنجاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان ئورنىتىلغان ئىناق مىللىي مۇناسىۋەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

ئىككىنچى، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى قانۇننى ئاشكارا دەپسەندە قىلدى

‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە زوراۋانلار بىگۇناھ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈردى، ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈردى، ماگىزىن، دۇكانلارنى بۇلىدى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئېغىر دەرىجىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشتۇر.

ئېلىمىزنىڭ ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› دا: ‹‹دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى بۇزىدىغان، دۆلەت مال – مۈلكىگە ياكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال – مۈلكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلار، شۇنىڭدەك جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلاردىن قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دا: دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى، قورال – ياراغ، ئوق – دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلار، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، توپلىشىپ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى، مال – مۈلۈككە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، قاتناش ۋاسىتىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، توپلىشىپ جامائەت سورۇنلىرى تەرتىپىنى، قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەر ۋە ئۇنى جازالاش چارىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان ھەرقانداق جىنايەتچى قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئۈچىنچى، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى جىنايەتچىلەر قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك

دۆلىتىمىز قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا، خەلق مەنپەئىتىنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىنىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. مەيلى كىم بولۇشى، قايسى مىللەت بولۇشى، قانداق مۇددىئاسى بولۇشىدىن قەتئىيەزەر، قانۇن – ئىنتىزامغا بويسۇنۇشى، قانۇن رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان، خەلقنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەرقانداق ئادەم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

ئېلىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا جىنايەتنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى جىنايەتچىنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتى ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايى مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاش پرىنسىپى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچى، تەشكىللىگۈچى ۋە تايانچ ئۇنسۇرلار، زوراۋان جىنايەتچىلەر ۋە قايتا – قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىنىشى، قانۇن ئارقىلىق خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسىنىڭ دۈشمەنگە زەربە بېرىش، خەلقنى قوغداش كۈچى تولۇق نامايان قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشتەك جىنايى ئىشلار سوراق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇترىتىلغان، ئالدانغان، جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، باشقا جىنايەتچىلەرنى پاش قىلغان، رازۋېدكا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، ج خ ئورگانلىرىنىڭ باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇشىغا ھەمكارلاشقانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا ئۆلچىگەندە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن، ئەمما قانۇنغا خىلاپ يېنىك قىلمىش سادىر قىلغان قاتناشقۇچىلارغا بولغان تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاز بىر قىسىم زوراۋان جىنايەتچىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدەيېتىم قالدۇرۇش كېرەك.

60 يىل مابەينىدە، پارتىيىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، مىللەتلەر ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› سادىر قىلغان بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مەنپەئىتى بىرلەشكەن، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولۇشتەك ئومۇمىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. دۆلەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنغان بۈگۈنكى كۈندە ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە قاتنىشىپ، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىنى سادىر قىلغان جىنايەتچىىلەر قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ!

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايلى

قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايلى

بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئاياللار كۆپ

ھەققانىيەت ياقلانغان سوت

قانۇننىڭ نوپۇزىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئادىللىق ، ھەققانىيەتنى نامايان قىلايلى

ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ئۇرۇش ، چېقىش ، بۇلاش ، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە 1 – سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈشتىكى زەنجىرسىمان سۇيىقەستنى ئېنىق تونۇش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号