باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-10-19 10:51

             — شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، زوراۋان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش سۆھبەت        يىغىنىدىكى  سۆزلەردىن ئۈزۈندە

    ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت: ئۈرۈمچىدە ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەتىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى جىددىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن <5 – ئىيۇل> ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش››ىنى يەتكۈزدۇق ھەم ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بارلىق تەپتىش خادىمىدىن ۋەقەنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۇرەككەپ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيىسىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى ۋە قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا، ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زىممىسىگە ئالغىنى سىياسىي بۇرچ، ئادا قىلىدىغىنى سىياسىي فۇنكسىيە، قوغدايدىغىنى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قىلچە بىخۇدلۇق قىلماي، كېچىكتۈرمەي، بىپەرۋالىق قىلماي، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيىسى قەتئىي بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى، ئاز سانلىق مىللەت تەپتىش خادىملىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەپتىش خادىملىرىدىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى 117 تەپتىش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنى 30 كادىر – ساقچى ئاجراتتى. ئۇلار قىسقا مۇددەت تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، دېلولارنى ئېنىقلاپ ئايرىش، قاراپ چىقىش ۋە يارىلانغان ئاممىنى تەكشۈرۈش، قانۇن بويىچە دەلىل – ئىسپات ئېلىش، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

   12 – ئۆكتەبىر ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە چېتىشلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى جاۋابكارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان يەتتە جىنايەتچى تېگىشلىك جازاغا تارتىلدى، بۇ كىشىنى خۇشال قىلغان، ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان ئادىل سوت بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى. پۈتكۈل سوت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەيلى سوتلاش جەريانى ياكى ئۈنۈمى جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن ياخشى، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەيىبلىگۈچىلەر روھلۇق قىياپەتتە نۇرغۇن دەلىل – ئىسپات ئارقىلىق تولۇق ئەيىبلەپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى پاكىتلىرىنى پاش قىلىپ، جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاۋامغا جاكارلاپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيى ۋە مۇقەددەس، دەخلى – تەرۇزسىزلىكىنى نامايان قىلدى. پۈتكۈل سوت پۇختا تەشكىللەنگەن بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈچ – قۇدرىتى، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى تولۇق نامايان قىلىندى.

   قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋان جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 1 – سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى رېشىت مىجىت: 12 – ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۈچ دېلودىكى يەتتە جاۋابكارنى 1 – سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ سوتلىدى ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلدى، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت قاتارلىق جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر ئالتە جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، بىر جاۋابكارنىڭ زور تۆھپە كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدى. پۈتكۈل سوت ئوڭۇشلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇپ، ھۆكۈم نەتىجىسى جىنايەتكە ماس كېلىش پرىنسىپى ۋە لايىقىدا كەڭچىلىك قىلىش ھەم قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سوتكۆزلەنگەن نىشانغا يەتتى.

   ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 100 كۈندەك بولدى، سىياسى – قانۇن تارماقلىرى تەكشۈرۈش، تەھقىقلەش خىزمىتى ئارقىلىق ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تىل بىرىكتۈرگەن، تەشكىللىك، سۇيىقەستلىك، پىلانلىق، ئىچكى قىسىمدا ئىش تەقسىماتى بولغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشى توغرا، قوللانغان سىياسەت، تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بولغان خەلقئارا ئۆلچەم، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلچەم ۋە قوللانغان زوراۋانلىق ۋاسىتىسى، بىگۇناھ ئاممىغا قارىتىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتكەندىمۇ، ‹‹د ئۇ ق›› سېپى ئۆزىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى. پاكىت ‹‹د ئۇ ق›› قاتارلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. شۇڭا، بىز ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى ئارقىلىق ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى ئېچىپ تاشلاش بىلەن بىللە، قانۇن بويىچە ‹‹د ئۇ ق››نى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ بېكىتىش، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى ئۇنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ بىرى قىلىش كېرەك، دەپ قارايمىز.

    ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان ۋەزىپىسى ۋە مۇقەددەس بۇرچى. بولۇپمۇ سوت مەھكىمىسىدىكى كادىر – ساقچىلار ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا قانۇن بايرىقىنى تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىشى كېرەك، بۇ قانۇن روھىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسىغا تامامەن ئۇيغۇن.

      ئاساسىي قانۇندىكى ئىنسانىي ھوقۇق پرىنسىپىنىڭ غەلىبىسى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچىلىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈەن: ‹‹5 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ۋەقەسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر قانۇن چىقىرىشتا بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، ئېغىرلىقىنى مۆلچەرلەش تەس، تىزگىنلەش قىيىن بولغان جىنايەتنى جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى ئەڭ ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى دەپ بېكىتىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئەڭ ئېغىر جازالاشنى بەلگىلىگەن. ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئەڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق، ياشاش ھوقۇقى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاياتلىق ھوقۇقى كىشىلەرنىڭ بارلىق باشقا ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ ۋە ئالدىنقى شەرت. ‹‹5 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ زوراۋان قىلمىشى ئىنسانلارنى ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىدىن تەلۋىلەرچە مەھرۇم قىلغانلىق ۋە ياۋۇزلارچە نابۇت قىلغانلىق. ئىنسانىيەتكە قارشى بۇنداق زوراۋان جىنايى قىلمىشقا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقنى ھەقىقىي ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنىڭ، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى توغرىسىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئىجرا قىلغانلىقى. دۇنياغا مەشھۇر قانۇنشۇناس بېركالىيا ‹‹جىنايەت ۋە جىنايى جازا توغرىسىدا›› ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ‹‹جىنايەتنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە سالغان زىيىنى قانچە ئېغىرلاشقانسېرى، كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەيدىغان ۋاسىتىلىرى تېخىمۇ كۈچىيىشى كېرەك››، دېگەن.

   دۆلەت قانۇنىغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى بۇزغان، باشقىلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى نابۇت قىلغان، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلغانلار چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك. بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ۋە ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ئاساسىي قىممەت قارىشى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇن بويىچە سوتلاپ، زوراۋان، تېررورچىلارنى قاتتىق جازالاش ئۇسۇلى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ، خەلقنىڭ رايىغا ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا خەلقئارادىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىگىمۇ ئۇيغۇن، شۇڭا بۇ ئۇسۇل جەزمەن ئىنسانىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي ئادا قىلىدىغان ۋە مەسئۇلىيەتچان ھەر قانداق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ پائال قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك ھەم چوقۇم ئېرىشەلەيدۇ.

     ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك،بۇزغۇنچىلىق سۇيىقەستىنى تارمارقىلىش كېرەك

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بو شياۋ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12 – ئۆكتەبىر ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار يەتتە جىنايەتچىگە قانۇن بويىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇنىڭ تەسىرى كەڭ، ئەھمىيىتى زور بولدى. بۇ قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان يەتتە زوراۋان جىنايەتچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان سالدى، پاكىت ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق. ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ سوتلىشى كەسكىن، خاراكتېرىنى بېكىتىشى توغرا، جازا ئۆلچىشى مۇۋاپىق، تەرتىپى قانۇنلۇق بولدى. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ‹‹كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەكسىيەتچىل ئەپت – بەشىرىسى قاتتىق پاش قىلىندى.

    يولداش دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹خەلققە دېموكراتىيە، دۈشمەنگە دىكتاتورا يۈرگۈزۈش خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسى بولىدۇ. خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنىڭ قۇدرىتىنى ئىشقا سېلىپ، خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ھەققانىي ئىش، قائىدىگە توغرا كەلمەيدىغان ھېچ يېرى يوق››، دېگەن. بۇ قېتىم قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە جىنايەتچىنى سوتلىدى، دېلوغا قاراپ چىقىش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار جىنايەتچىلەر كۆپلەپ پاش قىلىنىدۇ. ئاسماندا تور، يەردە قاپقان بار، بىرىمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. بىز قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىدە، پارتىيە ئىشلىرى، خەلق مەنپەئىتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، ھەم ئۇۋال قىلماي، ھەم قويۇۋەتمەي، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىسى، كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قانۇننى دەپسەندە قىلغانلار چوقۇم قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار – ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن رېشىت: ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ قىلمىشلىرىدا روشەن سىياسىي غەرەز بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور زىيان سالدى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار جىنايىتى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر خىل جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرى ئىچىدە خاراكتېرى ئەڭ ئېغىر، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان قەستەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، زوراۋان جىنايەتچىلەر دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى، تېررورلۇق جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، توپلىشىپ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، مال – مۈلۈكنى ۋەيران قىلىش جىنايىتى، قاتناشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى شەكىللەندۈردى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، قانۇن بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

     قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك قورال ۋە دۆلەت ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلانغان پرىنسىپ، شۇنداقلا ئۇ ھەر بىر پۇقرانىڭ قەلبىدىكى قەتئىي ئېتىقاد بولۇشى كېرەك. سوتلانغان زوراۋان جىنايەتچىلەر تەپ تارتماي، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشىنى قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرى ئىگىلەپ بولالمايدۇ، دەپ ئويلىغان، ج خ تارماقلىرىنىڭ تەھقىقلىشى ۋە ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بۇ توپىلاڭچىلار جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن ھامان قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا تارتىلىدۇ. قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى توپىلاڭچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى.

     خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى ياڭ جېڭ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۈچ چوڭ دېلوغا چېتىشلىق يەتتە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە 1 – سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ سوتلىدى ھەم ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ، ‹‹5 – ئىيۇل ۋەقەسى››دىكى نۇرغۇن دېلو، نۇرغۇن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاز بىر قىسمى. گەرچە تۈرلۈك ئامىل سەۋەبىدىن ئەمدى ھۆكۈم چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن، تۇنجى تۈركۈمدىكى دېلوغا چىقىرىلغان ھۆكۈمدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى، ج خ ۋە سىياسى – قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاممىغا تايىنىپ، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش، جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاشتىكى قەتئىي پوزىتسىيىسى ۋە ئۈنۈمىنى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگودا قانۇننىڭ ھەر قانداق ھەددىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشقا قارىتا ھەققانىيەت، ئىززەت – ئابرۇي ۋە خەلق ئىرادىسىنى ئىپادىلەشتە نامايان قىلغان زور كۈچ – قۇدرىتىنى ئېنىق كۆرۈۋالدۇق.

    جازا ھۆكۈم قىلىنغان يەتتە جاۋابكارنىڭ ئالتىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بۇلارغا جازا ھۆكۈم قىلىشتا پاكىت ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتلار يېتەرلىك، قانۇنىي رەسمىيەتلەر تولۇق، جىنايەت بېكىتىپ جازالاش ئۆلچىمى توغرا بولدى. زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغان بىر جاۋابكارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، جازالاش بىلەن كەڭچىلىك قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن قانۇن يۈرگۈزۈش پرىنسىپى ۋە قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيى نامايان قىلىندى.

     قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت – بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېتىپ ئىمىن: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12 – ئۆكتەبىر ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۈچ چوڭ دېلوغا چېتىشلىق يەتتە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە 1 – سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ سوتلىدى ھەم ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەتنى مۇھىم بىلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىپ، بىر تۈركۈم تېررورچى زوراۋان جىنايەتچىنى ئېغىرلىتىپ ھەم تېز سوتلىدى. بۇ قېتىمقى سوت قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتلىك نوپۇزىنى نامايان قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تولۇق ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولارنى بېجىرىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ، سوت، تەپتىش تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، ‹‹5 – ئىيۇل›› دېلوسىنى تەشكىللىگۈچى، پىلانلىغۇچى، قوماندانلىق قىلغۇچى، تايانچ رول ئوينىغۇچىلارنى تېپىپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش بىلەن بىللە، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق، تەرتىپ قاتتىق، قانۇنىي ئاساسلىرى يېتەرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جىنايەتچىلەرگە ئېغىرلىتىپ، تېز ۋە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، خەلقنى ھەقىقىي خاتىرجەم قىلدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى قانۇن كافېدىراسىنىڭ مۇدىرى چېن چىبياۋ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۈچ چوڭ دېلوغا چېتىشلىق يەتتە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە 1 – سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ سوتلاپ ھەم ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئېلىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى نامايان قىلدى، بۇ پرىنسىپلار خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان پرىنسىپلار. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە ئالاقىدار تۇنجى تۈركۈمدىكى جىنايەتچى ئۇنسۇرنى جازالاش ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈردى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زوراۋان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايلى

قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايلى

بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئاياللار كۆپ

ھەققانىيەت ياقلانغان سوت

قانۇننىڭ نوپۇزىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئادىللىق ، ھەققانىيەتنى نامايان قىلايلى

ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ئۇرۇش ، چېقىش ، بۇلاش ، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە 1 – سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈشتىكى زەنجىرسىمان سۇيىقەستنى ئېنىق تونۇش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号