شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى
12 – ئۆكتەبىردىن 15 – ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى قېتىم سوت ئېچىپ، ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى ئالتە چوڭ دېلو توغرىسىدا ئوچۇق سوت ئاچتى، قان قەرزگە بوغۇلغان 21جىنايەتچى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا تارتىلدى، جىنايى قىلمىشى ئېغىرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
بۇ ئالتە دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىق قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلغانلىق، ئادالەتنى ياقلىغانلىق، خەلقنىڭ رايىغا باققانلىق، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە باشقا جىنايەتچىلەرگە دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلىشقا، ئادالەتكە خىرىس قىلىشقا، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرغانلىق.
بۇ ئالتە دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىق سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇنغا چوقۇم رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى، دۆلەتنىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزىدىغان، باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان سالىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنىڭ جەزمەن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىك.
بۇ ئالتە دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىق ‹‹ئەمەلىيەتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم›› قىلىشتىن ئىبارەت قانۇن ئىجرا قىلىش روھىدا چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى نامايان قىلغانلىق؛ ‹‹ھەممە پۇقرا قانۇن تەتبىقلاشتا باپ – باراۋەر›› دېگەن قانۇنچىلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى نامايان قىلغانلىق؛ ‹‹كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش››تىن ئىبارەت جىنايى ئىشلار سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى نامايان قىلغانلىق.
12 – ئۆكتەبىر 1 – تۈركۈمدىكى دېلونى سوتلاش ۋاقتى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 100 كۈن بولغان پەيتكە توغرا كەلدى، سوتتا جىنايەتچىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلىرى پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق خەلقىئالەمگە ئاشكارىلاندى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن 100 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ ئېچىنىشلىق كېچىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز يەنىلا ئازابلانماي تۇرالمايمىز، جىنايەتچىلەرنىڭ شۇ كېچىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ تۈگىتەلمەيمىز.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن پاكىت بىزگە شۇنى ئېنىق تونۇتتىكى، بۇ ۋەقە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئەمەس، ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار. پولاتتەك پاكىتلار ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىۋاسىتە پىلانلىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە قوماندانلىق قىلغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇزاقتىن بۇيان، خەلقئارادىكى ھەر خىل دۈشمەن كۈچلەر گۈللەنگەن، بىرلىككە كەلگەن، ۋەزىيىتى مۇقىم سوتسىيالىستىك جۇڭگونى، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىماي كەلدى، ئۇلار دۆلىتىمىزنى غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش قارا نىيىتىدىن زادى يانمىدى. بۆلگۈنچى كۈچلەر ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايوننى بۆسۈش ئېغىزى قىلىش دۈشمەن كۈچلەرنىڭ رەزىل نەيرىڭى، شىنجاڭ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نۇقتىلىق بۆسۈش نىشانى بولۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ رەزىل قارا نىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئاغدۇرۇش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىزنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىش، بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنى پارچىلاش.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى دېلولارنى سوتلاش جەريانىدا، بىز ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشكە قاتناشقان زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ ۋاسىتىسىنىڭ نەقەدەر قەبىھلىكىنى، خورىكىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈردى. مانا بۇلار ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق، دېموكراتىيە، مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋالغان ساختا ئىنسانىي ھوقۇق، ساختا دېموكراتىيە، ھەقىقىي زوراۋانلىق، ھەقىقىي تېررورلۇق ئەپت – بەشىرىسىنى، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ھاياتلىق ۋە ئىنسانىي ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان رەزىل ماھىيىتىنى، ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىك، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش رەزىل جىنايى مەقسىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.
بۇلتۇر لاسادا يۈز بەرگەن ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى بىلەن بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىكەن، بىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدىكەنمىز، جۇڭگو قۇدرەتلىك بىرلىكىنى ساقلايدىكەن، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر جەزمەن ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ، توختىماي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدۇ ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەش، بۇ كۈرەش ھەتتا بەزىدە ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ، ئىرادىمىز بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ.
تارىخ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئانالىز قىلساق ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش ۋەزىيىتىنى ئىگىلىسەك، شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى: بىزنىڭ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر، دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىمىز مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى زور سىياسىي ئېلىشىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت كەسكىن سىياسىي كۈرەش. بۇ كۈرەش بىزدىن سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي بوشاشماي قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ.