باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئاياللار كۆپ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-10-15 11:01

     فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ستوكھولېم تېلېگراممىسى. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خېتا مىللېر مۇشۇ ھەپتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 4 – ئايال بولۇپ، 2009 – يىلى ئاياللار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش جەھەتتە رېكورت يارىتىلغان بىر يىل بولۇپ قالدى.

     دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئايال ئېلزابېت بلاكبۇرن ۋە ئامېرىكىلىق ئايال كارول گرادېر ئامېرىكىلىق ئالىم جېك شوستاك بىلەن بىللە نوبېل فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى ياكى تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىلىك ئايال ئادا يونات خىمىيە جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بىلەن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچئالىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛ پەيشەنبە كۈنى شۋېتسىيە ئەدەبىيات پەنلىرى ئاكادېمىيىسى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى مىلېرغا بەردى.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 2004 – يىلى ئاياللار نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن بولۇپ، ئۈچ ئايال نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

   ئومۇمەن ئېيتقاندا، نوبېل مۇكاپاتى تارىختا 39 ئايالغا 40 قېتىم نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەن بولۇپ، كيۇرى خانىم بۇ مۇكاپاتقا ئىككى قېتىم ئېرىشكەن.

 مەنبە: پايدىلىنىش خەۋىرى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئاياللار كۆپ

ھەققانىيەت ياقلانغان سوت

قانۇننىڭ نوپۇزىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئادىللىق ، ھەققانىيەتنى نامايان قىلايلى

ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ئۇرۇش ، چېقىش ، بۇلاش ، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە 1 – سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈشتىكى زەنجىرسىمان سۇيىقەستنى ئېنىق تونۇش كېرەك

‹‹5–ئىيۇل››ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايەت توغرىسىدا ئىزاھات

يىڭنە سانجىش دېلوسىدا سانجىلغان يىڭنە سالامەتلىككە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز ھوشۇر: ‹‹يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈش›› جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلغان ھېسابلىنىدۇ، دېدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号