باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ئۇرۇش ، چېقىش ، بۇلاش ، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە 1 – سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-10-13 10:59

   ساۋ خۇيجۈەن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12 – ئۆكتەبىر قانۇن بويىچە ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى دېلوغا چېتىشلىق يەتتە جاۋابكارنى 1 – سوتتا ئوچۇق سوت سوتلىدى ھەم ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋاھىت، غېنى يۈسۈپ، ئابدۇللا مەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر، ئالىم مەتيۈسۈپتىن ئىبارەت جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر ئالتە جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ جاۋابكار تاھىرجان ئابلىمىتنىڭ زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغاچقا، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى.

   سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كەچتە، جاۋابكار ئابدۇكېرىم ئابدۇۋاھىت ئۈرۈمچىدىكى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدە ‹‹ئىتتىپاق›› يولىدا يول بويى ئۇرۇپ، چېقىپ، كۆيدۈرۈپ، ئۆلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەنجەر تىقىش، كۇلۇچ بىلەن باش قىسمىغا قايتا – قايتا ئۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بەش بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرگەن، ئارقىدىن يەنە ئاۋات كوچىدىكى ئىمارەتنى كۆيدۈرۈپ، 260 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال – مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئىمارەتكە يوشۇرۇنۇۋالغان 13 ئامما بىنادىن سەكرەپ قېچىپ قۇتۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئابدۇكېرىم ئابدۇۋاھىتنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشى ۋە ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك، دەپ قارىلىپ، قەستەن قاتىللىق جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋاھىتقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.

   2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كەچتە، جاۋابكار غېنى يۈسۈپ جاۋابكار ئابدۇللا مەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇرلارنى باشلاپ، شايكا بولۇپ كالتەك، تاش قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ، ئىلگىرى – كېيىن ‹‹جۇڭۋەن›› يولى ئەتراپىدىكى تۆت ئورۇندا ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۆت بىگۇناھ ئاممىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان. غېنى يۈسۈپ يەنە باشقا زوراۋانلارنى باشلاپ بىر بىگۇناھ ئاممىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان ھەم دۇكان، ئاپتوموبىل قاتارلىق مۈلۈكلەرنى چاققان ۋە بۇلىغان. شۇ كۈنى كەچتە ئابدۇللا مەتتوختى يەنە باشقىلار بىلەن بىللە ‹‹جۇڭۋەن›› يولى 447 – نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان تەڭرىتاغ ئاشلىق – ياغ دۇكىنىغا ئوت قويۇپ، دۇكانغا يوشۇرۇنۇۋالغان بەش بىگۇناھ ئاممىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن، 1 مىليون 370 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. سوتتاقاراپ چىقىش ئارقىلىق غېنى يۈسۈپ قاتارلىق تۆت جاۋابكارنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇنىڭ ئىچىدىكى غېنى يۈسۈپ توپلىشىپ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىكى باش جىنايەتچى، باشقا ئۈچ جاۋابكار ئوخشاشلا ئاساسلىق رول ئوينىغان، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك، دەپ قارىلىپ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن غېنى يۈسۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، ئوت قويۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئابدۇللا مەتتوختى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

   2009 – يىلى 5 – ئىيۇل سائەت 22 لەردە، ئالىم مەتيۈسۈپ، تاھىرجان ئابلىمىتتىن ئىبارەت ئىككى جاۋابكار ‹‹نەنۋەن›› كوچىسى، شىمالىي ‹‹ئىتتىپاق›› يولى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ بىگۇناھ ئاممىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ھەم يان تېلېفون قاتارلىق مال – مۈلۈكلەرنى بۇلىغان؛ ئالىم مەتيۈسۈپ يەنە باشقىلار بىلەن بىللە، ئىككى بىگۇناھ ئاممىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆيگە ئوت قويۇپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال – مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سوتتا قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئالىم مەتيۈسۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، تاھىرجان ئابلىمىتقىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقرار قىلغانلىقى ھەم ج خ ئورگانلىرىغا ھەمكارلىشىپ، مۇھىم ئەيىبكارنى تۇتۇشتا زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىپ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن تاھىرجان ئابلىمىت مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

   سوت ئېچىپ سوراق قىلىشتا ئەيىبلىگۈچى نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جەسەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى ھەم كۆپ ۋاسىتىلىق ۋىدىئو سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، سوتتا دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ نازارەت سىنى قاتارلىق ۋىدىئو ماتېرىياللىرىنى قويدى، جاۋابكارلار ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىقرار قىلدى ھەم ئۆزلىرىنى ئاقلىدى، ئادۋوكات سوتتا ئاقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى، مۇخبىر ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قاتارلىق 400 دىن ئارتۇق كىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۈچ سوتخانىسىدا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

   باشقا دەۋا قاتناشچىلىرىنىڭ دەۋا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سىرتتىن ئاڭلىغان ئاممىنىڭ دېلو ئەھۋالى ۋە سوت قىلىش جەريانىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، سوت جاۋابكارلارنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى قوللىنىشى ھەم ئەگەشمە تەرجىمە بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ئۇرۇش ، چېقىش ، بۇلاش ، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە 1 – سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈشتىكى زەنجىرسىمان سۇيىقەستنى ئېنىق تونۇش كېرەك

‹‹5–ئىيۇل››ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايەت توغرىسىدا ئىزاھات

يىڭنە سانجىش دېلوسىدا سانجىلغان يىڭنە سالامەتلىككە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز ھوشۇر: ‹‹يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈش›› جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلغان ھېسابلىنىدۇ، دېدى

كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ تۇتايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيلى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 3 – تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号