— شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ لىپىڭ ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
ساۋ خۇيجۈەننىڭ 2 – سېنتەبىر ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلار يىڭنە سانجىلغان 476 كىشىنى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 89 كىشىنىڭ بەدىنىدە روشەن يىڭنە سانجىلغان ئىز بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىنىڭ بەدىنىدىن يىڭنە سانجىلغان ئىز تېپىلمىغان، شۇڭا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ لىپىڭ يىڭنە سانجىش دېلوسىغا چېتىشلىق تېببىي ساھەگە ئالاقىدار سوئاللارغا چۈشەنچە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈلۈشىچە، يىڭنە سانجىش دېلوسىدا سانجىلغان يىڭنە سالامەتلىككە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. ھازىر قان ئارقىلىق تارقىلىدىغان ۋىرۇسلاردىن، ئاساسلىقى، ئەيدىز ۋىرۇسى، ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بار. ئەمما بۇنداق ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىش ئۈچۈن يىڭنە چوقۇم تېرىگە چوڭقۇر سانجىلىپ، كۆرۈنەرلىك قان چىقىشى شەرت. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يىڭنە چوڭقۇر سانجىلىپ زەخىملەندۈرگەن ئەھۋالدىمۇ، ئادەم تېنىنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئاران %0.3 ئۆپچۆرىسىدە بولىدىكەن. ھازىر دوختۇرخانىلار قوبۇل قىلىپ تەكشۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تېرىنىڭ يىڭنە سانجىلىپ زەخىملىنىش دەرىجىسى ئومۇمەن يېنىكرەك، يىڭنە سانجىلغان ئىز كىچىك، كۆپ قىسمى يىڭنە ئۈچى چوڭلۇقىدىكى يۈزە تېرە زەخمىسى بولۇپ، ئىنتايىن ئاز كىشىدىن قان چىققان بولسىمۇ، مىقدارى ئىنتايىن ئاز، قىسمەنلىرىدە يىڭنە سانجىلغان قىسمەن جاينى قايتا – قايتا بېسىش سەۋەبىدىن قىلدام تومۇرلار يېرىلىپ، قان سىرغىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ھازىر يىڭنە سانجىلغان كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن ئاز. 2000 – يىلىدىن بۇيان كەسپىي خەۋپ تۈپەيلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يىڭنە سانجىلىپ زەخىملەنگەن 167 تېببىي خادىم ۋە خەلق ساقچىسى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن بىرىمۇ يۇقۇملانمىغان.
بۇنىڭدىن باشقا چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تېگىشلىكى، ھازىر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقان يىڭنە سانجىلغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىدىن ئەيدىز، ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بويىچە قان ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئەگەر ھازىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولسا، بۇ قېتىمقى يىڭنە سانجىشتا ئەمەس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇقۇملانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ۋىرۇس بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆپىيىپ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت نەتىجە چىقىشىغا، ئاز دېگەندە بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.
ئۇ شەھەر ئاھالىسىنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر يىڭنە سانجىلىپ زەخىملەندۈرۈلسىڭىز، دەرھال داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، زەخمە ئورنىنى تەكشۈرتۈڭ؛ ئەگەر شۇ چاغدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە شارائىتىڭىز يار بەرمىسە، زەخمە بولغان ئورۇننى سىقىش ھەم سوپۇن سۈيى، پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ؛ ئەگەر زەخمە چوڭقۇرراق بولسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ.