باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ئومۇمىيەتتىن ئىگىلەيلى ۋە پىلانلايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-09-03 11:09

— باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

     باش شۇجى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن ئىگىلەش ۋە پىلانلاشتا تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،  بىر قولدا ئىسلاھات، تەرەققىياتنى، بىر قولدا ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى تۇتۇشتا باشتىن  –  ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇشىنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

     يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش››مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات  قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىل  ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش –  گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى  مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، گۈللەنگەن، باي، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ نىشانىغا يىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

     بۇ ئومۇمىي تەلەپ بويىچە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹ئۈچتە تەۋرەنمەسلىك››نى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

     بىرىنچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلىنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىماي، بارلىق چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.  

     ئىككىنچى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى جەزمەن  چىڭ تۇتۇش، ئۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ›› دېگەن ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى يېتەكچى ئىدىيە، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، كادىرلارنى سەپلەش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، ماددىي سېلىنما قاتارلىق ھەر تەرەپتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىدىن پۇختا مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزملىق ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     بىز دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى چوڭقۇر يولغا قويغان قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇشتا تىرىشىپ يېڭى قەدەم تاشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. 

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹5–ئىيۇل››ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايەت توغرىسىدا ئىزاھات

يىڭنە سانجىش دېلوسىدا سانجىلغان يىڭنە سالامەتلىككە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز ھوشۇر: ‹‹يىڭنە سانجىپ زەخىملەندۈرۈش›› جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلغان ھېسابلىنىدۇ، دېدى

يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ئومۇمىيەتتىن ئىگىلەيلى ۋە پىلانلايلى

كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ تۇتايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيلى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 3 – تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش كېرەك

كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئۆزگەرتىپ، ئاھالىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن قوللىشىغا ئېرىشىش


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号