باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

‹‹ئۆتۈشتۈرۈپ ئۇلاش››پوزىتسىيىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ياردەم قىلايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-08-10 11:27

مائارىپ مىنىستىرلىكى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشلەيدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بولۇپمۇ ئوقۇش پۇلى نېسى قالغان، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمىتى ئەمەلىيلەشمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىپلومى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى تۇتۇپ قېلىشنى قاتتىق چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. 1 – ئىيۇلغىچە، مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %68كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن. بىراق، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، % 68لىك ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ  % 32ى، يەنى 1 مىليون 960 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمىتى تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    بۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق، بۇ تارماقلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ داۋاملىق ئالاھىدە خىزمەت سالمىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئەتراپلىق خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، 1 – سېنتەبىرگىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ دەسلەپكى قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %70كە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

   شاڭخەيدىكى مائارىپ تارماقلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ‹‹ئۆتۈشتۈرۈپ ئۇلاش›› پوزىتسىيىسى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مائارىپ كومىتېتى بىر قەدەمنى كېچىكىپ بېسىش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىر قەدەمنى ئالدىن بېسىش››، يەنى مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلماي تۇرۇپلا ئارىلىشىش باشلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى جايلار، تارماقلارنىڭ ‹‹چېگرىنى ئېنىق ئايرىش›› پوزىتسىيىسى بىلەن ئۆز تەۋەلىكىگىلا مەسئۇل بولۇپ، ئىشنى بىر – بىرىگە ئىتتىرمەسلىكىنى، ئەكسىچە ‹‹ئۆتۈشتۈرۈپ ئۇلاش›› پوزىتسىيىسى بىلەن مەكتەپ پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ مەكتەپتىن خاتىرجەم ئايرىلىپ، بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى توپ تەپكەنگە ئەمەس، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا ئوخشايدۇ، كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىردەم تەڭ يۈگۈرۈش كېرەك.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹ئۆتۈشتۈرۈپ ئۇلاش››پوزىتسىيىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ياردەم قىلايلى

دالاي لامانىڭ چەت ئەلدىكى توپىلاڭچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىگە نەزەر

دىل يارىسىنى ساقايتىپ، بىرلىكتە گۈزەل ماكان بەرپا قىلايلى

پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۈكسەك ئورتاق ئىدىيىۋى تونۇش ھاسىل قىلايلى

رەزىللىك تەڭرىتېغىنى قانداقمۇ تەۋرىتەلىسۇن؟

‹‹5–ئىيۇل ۋەقەسى››نى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا پارتىيىۋىلىكنى چېنىقتۇرۇش كېرەك

ئىتتىپاقلىق مۇقىملىقنىڭ، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ كاپالىتى

ئاتالمىش ‹‹دىننى يوقىتىش›› قىپقىزىل يالغانچىلىق


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号