باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئاتالمىش ‹‹دىننى يوقىتىش›› قىپقىزىل يالغانچىلىق

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-08-04 16:43

— ‹‹5 – ئىيۇل ۋەقەسى››نى پىلانلىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول رابىيە قادىرنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر پاش قىلىش توغرىسىدا (10)

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

     رابىيە قادىر ئېقىمىدىكىلەر دائىم ئاتالمىش ‹‹دىنىي مەسىلە››دىن پايدىلىنىپ ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە ‹‹دىننى يوقاتماقچى››، ‹‹دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمىزنى چەكلىدى››، دەپ قارا چاپلىدى ھەم مەملىكىتىمىزنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلدى››، دەپ ھۇجۇم قىلدى. ئەمەلىيەتتە، پاكىت ئوتتۇرىغا قويۇلسىلا، بۇنىڭ  قىپقىزىل يالغانچىلىق، پىتنە – پاسات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دىننى تىلغا ئېلىپ پىتنە – پاسات توقۇشىدا باشقا غەرىزى بار.

     پارتىيىمىزنىڭ دىنىي سىياسىتى ماركسىزمنىڭ دىن توغرىسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيىسى بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى دىننىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ماركسىزملىق دىنىي قاراشنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى كونكرېت ئىپادىلىنىشى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ پۇقرالارنىڭ ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىش، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار؛ ھەم تۈرلۈك دىنغا ئېتىقاد قىلىش، ھەم خالىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار دېگەنلىك. ئاساسىي قانۇننىڭ كاپالىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۈتۈنلەي ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن دىنىي ئېتىقادىنى تاللىۋالغان، ھېچقانداق كىشى دىنغا ئېتىقاد قىلىش سەۋەبىدىن كەمسىتىلگەن ياكى نامۇۋاپىق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئەمەس. ئاپتونوم رايونىمىزدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما تەخمىنەن 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، دىنىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 29 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 26 مىڭدىن ئاشىدۇ؛ دىنىي سورۇن 24 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەسچىت 23 مىڭدىن ئارتۇق؛ ھازىر ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دىنىي زاتلار 1800 دىن ئاشىدۇ، ئۇلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا قوغداپ كەلدۇق. دىنىي زاتلارغا ھۆكۈمەت سىياسىي جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمىتىنى قوللاپ، تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؛ باسقۇچ، تۈركۈم بويىچە مەركەزلىك تەربىيىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دىنىي بىلىمى، ئىدىيىۋى، سىياسىي ھوشيارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش جەريانىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

     بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ يادىدا بار. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹‹5 – ئىيۇل ۋەقەسى››گە بىرمۇ دىنىي زات قاتناشمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىنىي ساھەدىكى زاتلار بۇ ۋەقەنى بەس – بەستە ئەيىبلىدى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ دىن سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى، دىنىي ساھەدىكى زاتلاردا سىياسىي ئاڭ بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇلار ئاق – قارىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، رابىيە قادىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ.

     مەملىكىتىمىز دىنىي ئىشلارنى مۇستەقىل باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق چەت ئەل دىنىي كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ؛ مەملىكىتىمىز ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق بىر دىننىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىمتىيازى يوق. پۇقرالار مەيلى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن – قىلمىسۇن ئوخشاشلا قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەيلى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغان ئامما بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹5–ئىيۇل ۋەقەسى››نى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا پارتىيىۋىلىكنى چېنىقتۇرۇش كېرەك

ئىتتىپاقلىق مۇقىملىقنىڭ، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ كاپالىتى

ئاتالمىش ‹‹دىننى يوقىتىش›› قىپقىزىل يالغانچىلىق

جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن

ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلىشىشى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلىدى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ساقلاشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك

‹‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى››نى تەرغىب قىلىش جىنايىتىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ

پارتىيىنىڭ كادىرلار سىياسىتىگە قارا چاپلاشتىكى رەزىل نىيەت


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号