نېفىت باھاسى ئىككى ھەپتە ئۆسكەندىن كېيىن، چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىسكىلاتتىكى سودا نېفىت زاپىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئېشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 29 – ئىيۇل نيۇ – يورك بازىرىدا ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 63.35 دوللارغا چۈشۈپ، %6 تۆۋەنلەپ، ئۈچ ئايدىن بۇيانقى كۈندىلىك چۈشۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى ياراتتى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر: ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلىشىشى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگەن ئاساسلىق ئامىل، دەپ كۆرسەتتى.
نەچچە ئايدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلىغى تاۋار زاكاز مال بازىرىغا قايتىپ كەلدى. تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، نېفىت باھاسى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆستى. بىراق خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ھەر قېتىم ئۆسۈشى نۇرغۇن غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، ئېھتىياجنىڭ ئاجىز بولۇشى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش ئەگىپ كەتمەي، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىدى.
ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق ئېنېرگىيە ئاخبارات مەھكىمىسى 29 – ئىيۇل ئېلان قىلغان ھەپتىلىك ئىسكىلات زاپىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 24 – ئىيۇلغىچە بولغان بىر ھەپتىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىسكىلاتتىكى سودا نېفىت زاپىسى 5 مىليون 100 مىڭ باك كۆپىيىپ، بۇ يىل 4 – ئايدىن بۇيان ئەڭ كۆپ ئېشىپ، تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. ھازىر، ئامېرىكىنىڭ ئىسكىلاتتىكى سودا نېفىت زاپىسى 347 مىليون 800 مىڭ باكقا يېتىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %9.5 كۆپ بولغان.
‹‹ باچ ›› تاۋار چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋاسىتىچىسى كىرستوف بايرو مۇنداق دېدى: ‹‹نېفىتنىڭ ئىسكىلاتتىكى زاپىسىنىڭ ئېشىشى ئېھتىياجنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدىن قارىغاندا، بولۇپمۇ زىيادە يۇقىرى نېفىت باھاسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تولىمۇ ئاجىز بولغان ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ 70 دوللاردىن يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرالىشى تەس››.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال دۆلىتى بولغان ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كرىزىس تېخى ئاياغلاشمىدى. ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا يۇقىرى بولغاچقا، ئامېرىكىلىقلار داۋاملىق تېجەشلىك بىلەن كۈن كەچۈرمەكتە. ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئۇدا نەچچە ئاي تۆۋەنلەش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىستېمال تەلىپى كۈچلۈك ئەمەس، ئېنېرگىيە ئىستېمالى نورمال ھالەتكە كەلمىدى.
ئېنېرگىيە ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 2008 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 تۆۋەنلىگەن، شۇنداقتىمۇ بېنزېنغا بولغان ئېھتىياج يەنىلا بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن ئىكەن. بۇ ئاپپاراتنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يازدا بېنزىننىڭ كۈندىلىك ئېھتىياج مىقدارىدا روشەن ئېشىش بولماي، 9 مىليون 160 مىڭ باكتىن 9 مىليون 200 مىڭ باكقىچە بولغان سەۋىيىنى ساقلايدىكەن. بۇ، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل ھەيدەش يۇقىرى دولقۇنى شەكىللىنىدىغان پەسىلدىمۇ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىساد خارابلىشىش ۋە ئىشسىزلىق كۆپىيىش بېسىمى ئاستىدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئېھتىياج ئاشمىغان، ئىسكىلات زاپىسى ئاشقان ئەھۋالدا، ئامېرىكىدىكى چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىپ، ئازغىنە پايدىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى، بۇمۇ نېفىتنىڭ ئىسكىلات زاپىسىنىڭ ئېشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ‹‹مېرلىن›› ئاكسىيىسى دۇنيا تاۋار تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى فرانسىسكو برانىك: نېفىتنىڭ كۆپلەپ ئىسكىلاتقا كىرىشى، تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىشى نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات شىركىتىنىڭ لېدىرى مىخائېل لىنچ : ھازىر ئىسكىلاتتىكى نېفىتنىڭ بەك كۆپ بولۇشى بازاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولماقتا، نېفىت باھاسى بۇ ھەپتىمۇ ئىسكىلاتتىكى نېفىت تۈگىگىچە چۈشۈشى مۇمكىن، دېدى.