شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى :
جاۋ گۇاڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون 29 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يېقىندا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكىچلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ھازىر بۇ خىزمەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە ۋە تەھلىل قىلىندى، بىر قىسىم جايلارنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى ۋە ياخشى ئۇسۇللىرى خۇلاسىلەندى ۋە بۇ توغرىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكىچلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ‹‹26 – ئىيۇن ۋەقەسى›› ۋە ‹‹5 – ئىيۇل ۋەقەسى›› سەۋەبلىك ھەرقانداق تەسىرگە ئۇچرىسا بولمايدۇ، بېكىتىلىپ بولغان خىزمەت نىشانىدىن قەتئىي ئېغىشماي، مۇقىملىقنى ساقلاش جېڭىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان بۇ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز، رېئاللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.