باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

دۇنيادا ياشانغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-07-28 12:39

[فرانسىيە ‹‹كرېست گېزىتى››تور پونكىتىنىڭ ماقالىسى ] ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقات دوكلاتىدا : دۇنيادا 65 ياشتىن ئاشقانلار ئىگىلىگەن نىسبەت تېز ئاشماقتا ، بۇ ئەھۋال يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىچە كېڭىيىۋاتىدۇ ، دېيىلدى .

  ئامېرىكا نوپۇسنى ستاتىستىكا قىلىش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا : 2040 – يىلىغا بارغاندا ، دۇنيا ئاھالىسى 9 مىليارد 300 مىليون كىشىگە يېتىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياشتىن ئاشقانلار ئىگىلىگەن نىسبەت بىر ھەسسە ئېشىپ ، بۇرۇنقى %7 تىن %14 كە يېتىدۇ . دۇنيادا ياشانغانلار 2010 – يىلىدىن كېيىن تېز كۆپىيىدۇ ، 2015 – يىلىغا بارغاندا 65 ياشتىن ئاشقانلار ئىگىلىگەن نىسبەت بەش ياشتىن تۆۋەنلەر ئىگىلىگەن نىسبەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ ، بۇ ئىنسانلار تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ، دېيىلدى .

  نىسبەت جەھەتتىن قارىغاندا ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ياشانغانلار ئىگىلىگەن ئىگىلىگەن نىسبەت سەل يۇقىرى بولغان ، لېكىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ  تېز ئېشىۋېتىپتۇ .

   35 دۆلەتتە ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن تەڭ كۆرۈلگەن . 2040 – يىلىغا بارغاندا ، روسىيىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 24 مىليون كىشى ئازىيىپ ، %21 تۆۋەنلەيدىكەن . ياپونىيىنىڭ نوپۇسىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن، مۆلچەرلىنىشچە ، 23 مىليون كىشى ئازىيىشى مۇمكىنكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىللە 65 ياشتىن ئاشقانلار ئىگىلىگەن نىسبەت ھازىرقى %22.6 تىن %34.4 كە يېتىپ ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن .

   نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۇچراۋاتقان ياشانغانلار كۆپىيىش تەھدىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىۋاتىدۇ . جەنۇبىي ئافرىقىدا 2040 – يىلىغا بارغاندا ، نوپۇس 8 مىليون كىشى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن .

 مەنبە: پايدىلىنىش خەۋىرى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۇنيادا ياشانغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ

ساداقەتسىز خوتۇن، لاياقەتسىز ئانا

ئاتالمىش ‹‹مەنىۋى ئانا››نىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلايلى

دېموكراتىيە، ئىنسانىي ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللاندى

ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى ئىجتىمائىي ئامانلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرى›› نېمە ئۈچۈن قەلبنى شۇنچە لەرزىگە سالىدۇ؟

بىرلىك – ئورتاقلىق بەختىمىزنىڭ ئاساسى

مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号