باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرى›› نېمە ئۈچۈن قەلبنى شۇنچە لەرزىگە سالىدۇ؟

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-07-28 10:54

گاۋ فاڭ

     كىشىلەر يېقىندىن بېرى  تېلېۋىزور، رادىئودىن، ھەتتا يولدا ياكى تاكسىدا مەشھۇر مۇزىكانت دوۋلاڭ بىلەن كومپوزىتور نۇسرەت ۋاجىدىن مۇزىكىسىنى بىرلىكتە ئىشلىگەن، بو ۋېن تېكىستىنى يازغان يېڭى ناخشا ‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرى›› نى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدى. ناخشا يېقىملىق، جانلىق بولۇپ، كىشىگە باشقىچە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.

     ئىللىقلىق ھېس قىلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ شەھەردە دۈشمەن كۈچلەر پىلانلىغان، تەشكىللىگەن ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپىمىزگە، بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزدى.

     ‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن ناخشىدا ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدىكى ئالاھىدە ئىجادىيىتى، ئالاھىدە ھېسسىياتى بىلەن ئالاھىدە يۈرەك ساداسى ئىپادىلەنگەن. بۇ ناخشا ناھايىتى ۋاقتىدا ئىجاد قىلىندى. ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ناخشا لەرزان، مۇڭلۇق؛ ئىجادىيەتچى، ناخشىچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بەدىئىي سېھرىي كۈچ ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبداشلىقىدىن كەلگەن.

     ‹‹ 5 – ئىيۇل  ۋەقەسى›› قاباھەتلىك چۈش. ئۇ، بۇ شەھەرگە ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان خەلققە ئازاب ئېلىپ كەلدى. ئەمما ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن بۇ ۋەقە ھەرمىللەت خەلقنىڭ يۇرت – ماكانىنى قوغداش ئىرادىسىنى مىسلىسىز ئۇرغۇتۇپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ قەلب رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. شىنجاڭ ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ماكانى. بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى بۇزۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

     بۇ يازدا، بىز قازا قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ئىشلار ئۈچۈن ياش تۆكتۇق. خۇددى بۇ ناخشىدا ئېيتىلغاندەك، ئائىلىمىز بىر\ دۆلىتىمىز بۈيۈك جۇڭگو\ ئائىلە ئىناق بولسا ئىشلىرىمىز روناق تاپىدۇ\ سەن بار، مەنمۇ بار.

     نۇرغۇن كۈن ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەر دەسلەپكى ۋەھىمە، ئەندىشە ۋە تەشۋىشتىن قۇتۇلدى. ئازاب – ئوقۇبەت، ئايرىلىش، ئەندىشە ۋە قايغۇ كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ئەمەس. ئەمما، بۇلار ھەمىشە تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالىدۇ. بىز بەختسىزلىككە توغرا مۇئامىلە قىلساق، بۇ بەختسىزلىك بىزگە ئادەتتە ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىنى، يەنى جاسارەت، ئەقىدە، قەتئىيلىك، قەيسەرلىك، ئىتتىپاقلىق، كۈچ ئاتا قىلىدۇ... بۇلار بىزنىڭ بۇ زېمىندا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد، مەڭگۈ ياشىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرى›› نېمە ئۈچۈن قەلبنى شۇنچە لەرزىگە سالىدۇ؟

بىرلىك – ئورتاقلىق بەختىمىزنىڭ ئاساسى

مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن

مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى

ئىناقلىققا نېمە يەتسۇن!

ئىسلام دىنى تىنچلىقپەرۋەر دىن

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قەلب يارىسىنى سۆيگۈمىز بىلەن ئەملەيلى

ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرنى يېتىم قالدۇرۇپ ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىپ، كۆپ ساندىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号