ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنىدىكى دەرەخلەرگە چوقۇنۇش خېلى چوڭقۇر ئىدىيۋى ئاساسقا ئىگە ئېتىقادلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ خىل ئېتىقادنىڭ مەنىۋى تەسىرىمۇ تا بۈگۈنگە قەدەر بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى چۈشەنچىسىدە خېلى چوڭقۇر ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
لىنشۇ:”دەرەخلەرگە چوقۇنۇش ھايۋانلارغا چوقۇنۇشتىن بىر قەدەركېيىن گپەيدا بولغان ھەمدە بەزى ئېتىقادنىڭ دائىرسى ھايۋان ئېتىقادىغا ئوخشاش ئۇنچە كەڭ بولمىغان. شۇڭا ئىپتىدائى دىندا ئۇنىڭ ئورنىمۇ ئانچە گەۋدىلىك ھادا ئىپادىلەنمەيدۇ “ دەپ قارىغان. ئەمما ئويغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا دەرەخ ئېتىقادىنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئوخشاشلا گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى تەسىر دائىرسىمۇ خېلى كەڭ بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ دەسلەپ تاغلار بىلەن ئورمانلار گىرەلىشىپ كەتكەن كەڭ دالىلاردا ياشىغان. يېغىش، ئوۋلاشنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىلەن ياشىغان ئىپتىدائىي دەۋرلەردە دەرەخلەرنىڭ ياۋا مېۋىلىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق مەنبەسى بولغان. ئىپتىدائىي ئىنسانلاردا ئوۋلاش ئېڭى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئوۋلاش پائالىيىتىدە دەرەخ ۋە دەرەخ شاخلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قوغدىنىش قۇرالى بولغان، يەنى”ھايۋانلار ۋاقىت تەرتىپى جەھەتتە ئىنسانىيەتتىن بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا، ھايۋانلار سان ۋە كۈچ - قۇۋۋەت جەھەتتە تازا روناق تېپىپ گۈللەنگەن دەۋردە ئىدى. كىلاسسىك دەۋر شائىرلىرى تەسۋىرلىگەن ئىنسانىيەت قەبىلىلىرى دەرەخزارلىقلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە ئورمانلىقلار ئىچىدە ياشىغان، ئۇلار ئاشۇ ماكانلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن كۈرەش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار ئۆز تىرىكچىلىكىنى تەبىئىي مېۋىلەر بىلەن قامدىغان. ئىنسانىيەت يېڭىلا دۇنياغا كەلگەندە ئۇلاردا تەجرىبىمۇ، قۇرال - ياراغمۇ يوق، ئەتراپى پۈتۈنلەي يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن تولغانىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئامان - ئېسەن ساقلاش ئۈچۈن دەرەخلەرنىڭ ئۈستىنى ماكان تۇتقان بۇلۇشى، كەم دېگەندە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شۇنداق قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن“. ۋارۋارلىق دەۋرىدە ئەجدادلار ئاساسەن دەرەخلەرنىڭ ياۋا مېۋىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قامدىغان، يەنى ئەڭ دەسلەپ دەرەخلەر ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى زۆرۆر شەرت بىلەن تەمىن ئەتكەن. نەتىجىدە دەرەخ ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئېڭىدا دەرەخلەرگە بېقىنغان. شۇ ئاساستا ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئېڭىدا دەرەخلەر”قۇتقازغۇچى“،”قۇغدىغۇچى“ دەپ قارىلىدىغان ئىدىيىۋى چۈشەنچىلەر شەكىللەنگەن. كېيىن بەزى دەرەخلەر ئەجدادلارنىڭ”ئەجداد“ چۈشەنچىسىنىڭ ئوبىيېكتىغا ئايلانغان.
تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا دەرەخلەر ھەققىدىكى ئىدىيۋى چۈشەنچىلەر تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىپ بارغان. يەنى ئىپتىدائىي ئىنسانلار دەل - دەرەخلەرنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىنى سىرلىق چۈشەنچىلەرگە باغلاپ تەپەككۈر قىلىشقا باشلىغان. دەرەخلەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى، ئۆسۈشى، نەچچە ئەسىر ھەتتا نەچچە ئون ئەسىر ياشىشى، كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك بۇلۇشى، دەرەخلەرنىڭ يەنە ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ چۈشىدە ئايان بۇلۇشى، بەزى دەرەخلەرنىڭ مېۋە بېرىشى، بەزى دەرەخلەرنىڭ مېۋە بەرمەسلىكى، شۇنىڭدەك دەرەخلەرنىڭ پەسىللەردىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق تەبىئىي قانۇنىيەتلەر ئىپتىدائىي ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلار بۇ خىل قانۇنىيەتلىك تەبىئىي ھادىسلەرنى تەبىئەتىتىن تاشقىرى يەنە بىر خىل ھاياتلىق چۈشەنچىسىگە باغلاپ تەپەككۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئېڭىدا دەرەخلەردىمۇ روھ بولىدىكەن دەيدىغان ئىدىيۋى چۈشەنچە پەيدا بولغان. نەتىجىدە دەرەخلەرگە ئىلاھ سۈپىتىدە چوقۇنۇش ئېتىقادى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان، سىرلىقلاشقان. ئەڭ دەسلەپتە دەرەخلەرگە چوقۇنۇش دەرەخلەرنىڭ ماددى ھالىتىگە چوقۇنۇش بولغان بولسا، ئانىمىزم چۈشەنچىسى شەكىللەنگەن دەۋردىكى دەرەخلەر روھىغا چوقۇنۇشنى ئىدىيۋى مەزمۇن قىلغان.
ھازىرمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا مۇئەييەن بىر دەرەختىن پەرزەنت تىلەيدىغان ئادەتلەر بار. ئۇلار يالغۇز قېرى دەرەخلەرنى،قەبرىستانلىقتىكى دەرەخلەرنى”روھ بار“ دەپ قاراپ كەسمەيدۇ. چۇنكى مۇنداق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ تاشلىسا، كەسكۈچىنىڭ قۇلى تۇتماس، پۇتى باسماس بۇلۇپ قالارمىش، ئەگەر مۇنداق دەرەخنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلىسا، كەسكۈچى ئۆلۈپ كېتەرمىش. شۇڭاھازىرمۇ مۇنداق دەرەخلەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلاھىي دەرەخ دەپ قارىلىپ قوغدالماقتا. مۇنداق سىرلىق دەرەخلەرنى قۇمۇل، تۇرپان ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنلىرىدا ھېلىھەم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
بەزى ئۇيغۇرلار شامانلار بەزى دەرەخلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھى قىلغان. يەنى دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى بەزى شامانلار ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى بىرەر يالغۇز دەرەخنى ياكى مەلۇم بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقتىكى دەرەخنى ئۆزىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھىي قىلىپ، ئۇنىڭ شېخىغا ئاق تۇغ قاداپ قويىدۇ ھەم قەرەللىك ھالدا ئۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە بىرەر مالنى ئۆلتۈرۈپ قان قىلىپ بۇي سېلىپ تۇرىدۇ. يېزاـ قىشلاق ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھازىرمۇ”مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە كىشىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەڭ يېقىن بولغان مېۋىسىز دەرەخلەردە ياخشى روھلار بولىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش دائىرىسىدىن يىراقراق تۇرىدىغان يالغۇز دەرەخلەر(توغراق،تېرەك)نى كۆپىنچە يامان روھلار ئىگىلىۋالىدۇ. كىشىلەر مۇنداق دەرەخنىڭ يېنىدىن كېچىسى ئۆتۈپ قالسا ياكى مۇنداق دەرەخنىڭ ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىپ قالسا ۋە ياكى مۇنداق دەرەخلەرگە قارىتىپ تىللاپ، تۈكۈرۈپ قالسا، دەرەخنى ئىگىلىۋالغان يامان روھلار كىشىنى زەخمىلەندۈرۈپ، كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قۇيىدۇ“ دەيدىغان چۈشەنچىلەر بار. شامانلارنىڭ داۋالاش پېرىخۇنلۇقىدىمۇ مۇشۇ خىل چۈشەنچىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۇلىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدىكى دەرەخلەرگە چوقۇنۇش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ھېلىمۇ چوڭقۇر ئېدىيۋى ئاساسقا ئىگە.
1.سۆگەت دەرىخىنى ئۇلۇغلاش
سۆگەت دەرىخى ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىلاھىي دەرەخ. سۆگەت دەرىخى دەرەخلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن كۆكىرىدىغان، ئاسانلا تۇتىدىغان دەرەخ. گەرچە سۆگەت دەرىخى مېۋىسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەجدادلار تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن. شۇ سەۋەبتىن”سۆگەت دەرىخىدە ياخشى روھلار بولىدۇ“ دەپ قارالغان. ھازىرمۇ ئۇيغۇر شامانلار”سۆگەت دەرىخىدە ياخشى روھلار بار“ دەپ قاراپ، يالغۇز سۆگەتكە ئاتاپ قەرەللىڭ بۇي سېلىپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا شامان بىمار تېنىگە كىرىۋالغان يامان روھلارنى قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتىدىكى پېرىخۇنلۇققا قىرىق تال سۆگەت نوتىسىدىن تەييارلانغان كىچىك سۈپۈرگە بىلەن بىمارنىڭ بەدىنىگە ئۇرۇپ، سىيرىپ قەسىدە ئوقۇيدۇ. يېزىلاردا يەنە باھار كەلگەندە كىچىك قىزلار بوستان بولغان سۆگەتنىڭ نوتىسىدىن پوستىنى سويۇپ ئېلىپ يەتتە تال ياكى توققۇز تال ئۆرۈمە چاچ ياساپ”بوستان چاچ“ تىلەش مەنىسىدە بېشىغا ئېسىۋالىدۇ.
2.ئۈجمە دەرىخىنى ئۇلۇغلاش
ئۈجمە دەرىخىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىلاھىي دەرەخ. بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈجمە دەرىخى ھەممىدىن بۇرۇن مېۋە بېرىدۇ. يەنە بىر ئېتىقاد چۈشەنچىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈجمە دەرىخى ياخشى روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارىلىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھېلىمۇ”ئۈجمە دەرىخى قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ، يەنى ئۇ روھلارنىڭ تۇرالغۇسى، ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئۇششاق قۇشلار روھلىرى ماكانلاشقان دەپ قارايدۇ.ئەگەر ئۈجمە دەرىخى ئىشىىكنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، ئىشىكنى باشقا تەرەپتىن ئاچسا ئاچىدۇكى، ھەرگىز ئۈجمە دەرىخىنى كېسىۋەتمەيدۇ ياكى يۆتكىۋەتمەيدۇ“. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا كىشىلەر ھويلىسىغا ئۈجمە دەرىخى تىكىپ ئۆستۈردىغان ئادەتنى يېقىنقى دەۋرىلەرگىچە ساقلاپ قالغان. بۇ خىل ئادەت ئۈجمە دەرىخىنى ئۇلۇغلاش چۈشەنچىسىنى ئىدىيۋى مەنبە قىلغان.
3.توغراق دەرىخىنى ئۇلۇغلاش
توغراق دەرىخى ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە بىر قەدەر چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە دەرەخ. دولان دەرياسى ۋادىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا يالغۇز، چوڭ توغراق دەرىخىنى روھ ياكى جىن - دىۋىلەر ماكانلىشىۋالغان دەپ قاراپ، مۇنداق توغراققا ئاتاپ بۇي سالىدىغان ئادەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ھەرقانداق قۇرۇلۇش بۇنداق توغراق بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلار قۇرۇلۇش پىلانىنى ئۆزگەرتسە ئۆزگەرتىدۇكى، ھەرگىز توغراقنى كېسىۋەتمەيدۇ. يەنى ھېچكىم بۇنداق توغراقنى كېسىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئادەتتە مۇنداق”ئىلاھىي“ توغراقنى كېسىۋەتمەيدۇ. يەنى ھېچكىم بۇنداق توغراقنى كېسىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئادەتتە مۇنداق ”ئىلاھىي“ توغراقنى قوغدايدۇ، توغراق دەرىخىنىڭ ئەتراپىغا تەرەت قىلمايدۇ، بۇنداق توغراق دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى خالىغانچە سۇندۇرمايدۇ. بۇنداق توغراق دەرىخىگە كىم چېقىلسا، ئۇنى كېسىۋەتسە، شۇ ئادەمنىڭ پۇت - قۇلى تۇتماس، باسماس بۇلۇپ قالىدۇ ياكى ساراڭ بۇلۇپ قالىدۇ ۋە ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇندىن باشقا قەبرىستانلىقتىكى توغراق دەرىخىمۇ ئوخشاشلا قوغدىلىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا چېقىلمايدۇ. دولان ئويغۇرلىرى ئارىسىدىكى بەزى شامانلارنىڭ جىن - پەرىلىرى مەلۇم بىر تۈپ توغراق دەرىخىگە ماكانلاشقان دەپ قارىلىدۇ. يەنى بۇنداق توغراق دەرىخى شاماننىڭ”قوغدىغۇچى ئىلاھى دەرىخى“نىڭ ئوبىيكتى قىلىنغان. شۇڭا شامان مۇنداق توغراقنىڭ ئۈستىگە ئاق تۇغ قاداپ، قەرەللىك ھالدا ئۇنىڭ تۈۋىگە”قان قىلىش“ ئارقىلىق”قوغدىغۇچى ئىلاھى“غا نەزىر قىلىپ تۇرىدۇ.
4.تېرەك دەرىخىنى ئۇلۇغلاش
تېرەك دەرىخىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. تېرەك دەرىخى مېۋىسىز دەرەخ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلىلا يېقىن. شۇڭا كىشىلەر”تېرەك دەرىخىدىمۇ ياخشى روھلار بار“ دەپ قارىغان. يەنە بەزى چۈشەنچىلەردە يالغۇز تېرەك دەرىخى جىن - ئالۋاستىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندۇ دەپ قارىلىدۇ. كىشىلەر بۇنداق قاراشىنىڭ ئوبىيكتى بولغان يالغۇز قېرى تېرەك دەرىخىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ، ھۆرمەتسىزلىك قىلمايدۇ، ئەكىسچە ئۇنى قوغدايدۇ. بىمار شاماننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇنداق تېرەكنىڭ تۈۋىگە بۇي سالىدۇ. قەبرىستانلىق دائىرسى ئىچىدىكى تېرەكلەرمۇ ”روھلار بار تېرەك“ دەپ قارىلىپ قوغدىلىدۇ.
ئادەتتە مېيىتنى قەبرىگە قويغاندىن كېيىن، كىشىلەر تېرەك شېخىغا بىر دانە تۇغنى چىگىپ قەبرە بېشىغا قادايدۇ. بۇ ”ئەلەم“ دەپ ئاتىلىدۇ. ھەريىللىق قۇربان ھېيىت كۈنى كىشىلەر تۇپراق بېشىغا چىققاندا، قەبرە بېشىدىكى ”ئەلەم“نى يېڭىلايدۇ، كونىلىرىمۇ ئۆز ئورنىدا قاداقلىق تۇرۇۋېرىدۇ، ئەمما ”ئەلەم“ دەستىسى چوقۇم تېرەك شېىخىدىن ياسىلىدۇ. باشقا دەرەخنىڭ شاخلىرى تۇغ دەستىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇ خىل ئادەت جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئادەتلەر يەنىلا ”تېرەك دەرىخىدە روھ بار“ دەيدىغان چۈشەنچىنى ئىدىيۋى ئاساس قىلغان.
5.چىلان، جىگدە، شاپتۇل، ئۆرۈك، ئالما، ئانار قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش
چىلان، جىگدە، شاپتۇل، ئۆرۈك، ئالما، ئانار قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا ناھايتتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدىكى مۇھىم ئورنىنى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ ئىپتىدائىي جەمىئەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى چەكلىك ماددىي تۇرمۇش شارائىتى بەلگىلىگەن. يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مېۋىلىك دەرەخلەر ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇزۇقلۇق مەنبەسى، شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان. ئەڭ تۆۋەن ياشاش شارائىتىدا ئۇلار پەقەت ياۋا مېۋىلەرنى يىغىش ئارقىلىق ھاياتلىق پائالىيىتىنى ماددى ئۇزۇقلۇق شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا مېۋىلىك دەرەخلەر ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇرىدا”قوغدىغۇچى ئىلاھ“قا ئايلانغان. ئانىمىزم شارائىتىدا مېۋىلىك دەرەخلەر ياخشى روھ چۈشەنچىسىگە باغلانغان. چۇنكى، ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىدا پەقەت ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىگە پايدىلىق بولغانلىكى ئوبىيېكتىپ شەئىيلەرنىڭ ھەممىسى ”ياخشىلىق ئىلاھى“،”ياخشى روھ“ چۈشەنچىلىرىگە ئىگە قىلىنغان. ئەكىسچە، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئوبىيېكتىپ شەئىيلەرنىڭ ھەممىسى”يامانلىق ئىلاھى“،”يامان روھ“ چۈشەنچىلىرىگە ئىگە قىلىنغان. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنىدا مېۋىلىك دەرەخلەر ياخشى روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارالغان. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا يالغۇز، قېرى مېۋىلىك دەرەخلەرنى جىن - ئالۋاستىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان دەرەخ دەپ قارايدىغان ئىدىيىۋى چۈشەنچىلەر ئۇچرىمايدۇ.
داۋالاشنى ــ بىمار تېنىدىكى يامان روھلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ”پېرە ئويۇنى“دىمۇ تۇغ چىگكەندە، شامانلار ئارغامچا(تۇغ)نىڭ ئۈستى تەرىپىگە يەتتە پۇتاقلىق چىلان شېخىنى ياكى شاپتۇل شېخىنى قىستۇرىدۇ. ئارغامچە (تۇغ)نىڭ ئاستىنقى ئۇچىنى ئۆرۈك ياكى شاپتۇل شېخىدىن ياسالغان قوزۇققا باغلايدۇ. ئۇندىن باشقا بىمارنى ”پاكلايدىغان“ ئوتنىمۇ جىگدە، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئوتۇنىغا ئوت يېقىش ئارقىلىق تەييارلايدۇ. بۇ خىل پائالىىيەتلەردە پۈتۈنلەي مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىشلىتىشتىكى مەقسەتمۇ دەل بىمار تېنىدىكى يامان روھلارنى مېۋىلىك دەرەخلەردىكى ياخشى روھلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىشتۇر. ھازىرمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەنە تۇيۇقسىز مىجەزى بۇزۇلۇپ، بەل - پۇتى ئاخرىپ قالسا، ئانار، ئۆرۈك قېقى(گۈلە)، شاپتۇل قېقى، ئالما، ئامۇت، چىلان، جىگدە، ياڭاق قاتارلىقلارنى بىرەر موللىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئايەت ئوقۇتۇپ، ”دېمىدە“ قىلىپ يەيدىغان ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ مېۋىلەرگە مەزمۇن جەھەتتە ئىسلام دىنى ئايەتلىرى ئوقۇلسىمۇ، ئەمما يەنە بىر مەنىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئادەت مېۋىلەرنى ياخشى روھلار بۇلۇپ، ئۇلار بەدەندىكى يامان روھلارنىڭ كېسەللىك تەسىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ دەيدىغان ئىدىيۋى چۈشەنچىنى مەنىۋى ئاساس قىلغان. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئانار يېگەندە، ئانارنىڭ پوستىنى خالىغان جايغا تاشلىۋەتمەي،تەكچىگە ياكى دەسسىلىپ كەتمەيدىغان جايغا قۇيۇپ قۇيىدۇ. بەزىدە ئانار پوستىنى كۆيدۈرۈپ روھلارغا بوي سالىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش بولسا ”مېۋىلىك دەرەخلەردە ياخشى روھلار بولىدۇ“ دەيدىغان ئېتىقاد چۈشەنچىسىنى نەزەرىيۋى ئاساس قىلغان ھالدا شەكىللەنگەن.