جۇڭخۇا ئېلى ئۇلۇغ ھەم مېھرىبان ئانا.ئۇ ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە 56 قەھرىمان مىللەتنى ئاپىرىدە قىلدى، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتتى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈ سۇلمايدىغان چىنار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە بۇرچى. ئۈرۈمچىدە ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھالقىلىق پەيتتە، ھەرمىللەت ئاممىسى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى، ئۇ ئاددى ئەمما چوڭقۇر ھەقىقەتنى – جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك ئائىلىسىدە خەنزۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى.
1963 – يىلى، ياڭجۇ تېببىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەن بىر ياش ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان، قۇم – بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان پامىر ئېگىزلىكىگە كېلىپ، دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە دوختۇر بولدى.
نەچچە ئون يىل ئۆتتى، ئېگىزلىكنىڭ ناچار مۇھىتى چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن بۇ يىگىتنى قورقىتالمىدى، ئۇ قىرغىز چارۋىچىلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئاغرىققا ئامال، ئۆلۈمگە سەۋەب قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى، جاسارىتى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئۇ ئۇلۇغچات ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان سابىق باشلىقى ۋۇ دېڭيۈن. سۈزلەشكە توغرا كەلسە، ۋۇ دېڭيۈنگە ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان،مۇستەھكەملىگەنلەر توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا ئىنتايىن كۆپ.
23 ياشلىق خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 18 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەۋلانجانغا بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى.
بەكرى قايىر سۇغا چۈشۈپ كەتكەن خەنزۇ ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇغا ئۆزىنى ئېتىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.
يەر تەۋرەش ئاپىتىدە داۋۇت ھاشىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي، يۇرتداشلىرىنى قۇتقۇزدى...
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىدى، ئورتاق گۈللەندى، راۋاجلاندى. خەنزۇ قېرىنداشلار ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا مېھرىبانلىق قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارمۇ خەنزۇ قېرىنداشلارغا چەكسىز غەمخورلۇق قىلدى.
قارلىق تاغدىكى ئازادلىق ئارمىيە چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىغا يېڭى كۆكتات ۋە خەت – چەكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، شىزاڭ يادۇڭ ناھىيىسى شيايادۇڭ يېزىسى رېنچىڭگاڭ كەنتىدىكى زاڭزۇ ئانا سىرىنچۈجېن، دېجى ۋە پۇسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى جاپالىق تاغ يوللىرىدا ھارماي قاتنىدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا چېگرىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىدىن، تۆھپە قوشۇش روھىدىن تەسىرلەنگەن ئۈچ زاڭزۇ قىزى سىرىنچۈجېن، دېجى، پۇسى يادۇڭ چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىغا كۆكتات، خەت – چەك يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت جاپالىق ئىشنى ئۈستىگە ئالدى ،بۇئۈچ زاڭزۇ قىز ئەگرى – توقاي تاغ يوللىرىدا 20 نەچچە يىل مېڭىپ، ئەجرىدىن خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلار قەلىبداشلىقىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.
چىمەنزار يايلاقتىن گۈزەل، مۇنبەت چېگرا رايونغىچە، دولقۇنلۇق جەنۇبىي دېڭزىدىن قار قاپلىغان شىمالىي جۇڭگوغىچە بولغان بىپايان زېمىندا 56 مىللەت ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولدى. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق راۋاجلىنىش، گۈللىنىش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
ئورتاق راۋاجلىنىش، ئورتاق كۈرەش قىلىش، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش غەلىبىنىڭ كاپالىتىدۇر . قازاق دانىشمەنلىرى ‹‹پادىدىن ئايرىلغاننى بۆرە يەيدۇ؛ ئاكا – ئۇكىلار ئىتتىپاقلاشسا ئاتلىق بولۇر، ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتسە، تاماق بولۇر›› دەپ ياخشى ئېيتقان.
تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەرمىللەت خەلقى قان – قېرىنداش.
تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدا ئەڭ يىراق تاغ باغرىدىكى تاجىك بالىلىرىمۇ زامانىۋى مەكتەپلەردە ئىلغار پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ.
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بۇ يەردە ‹‹ئات ئۈستى باشلانغۇچ مەكتىپى››، چېدىر باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلاردىن بولۇپ 60 نەچچىلا ئوقۇتۇش نۇقتىسى بولىدىغان، بالىلار تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قۇمنى دوسكا قىلىپ، ياغاچ بىلەن خەت يازىدىغان.
راسكام كەنتىدە 20 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان پەرۋانە لېتىپ: ‹‹ھازىر ناھىيىمىزدە جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلدى، بالىلارتاغدىن چۈشۈپ مەكتەپتە ئوقۇماقتا،›› دېدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 30 يىللىق مۇساپىگە نەزەر سالساق شۇنى كۆرۈمىزكى، دېڭىز بويىدىكى رايونلار تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغاچقا، دۆلەتنىڭ چەت – يىراق رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ياردەم بېرىش كۈچى ئاشتى، چەت – يىراق رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۈرتكە بولۇش رولى كۈندىن – كۈنگە گەۋدىلەندى.
بىرلىكتە جان تىكىپ كۈرەش قىلىمىز، كەلگۈسىى ئىقبالنى تەڭ يارىتىمىز، 56مىللەت 56گۈل، 56 قېرىنداشتۇر بىر ئائىلە........ بۇ يىقىملىق ناخشا كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.
كىشىلەر ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى خەتەرلىك پەيتتە ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، خەنزۇ قېرىنداشلارنى قۇتقۇزۇۋالغانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مىسال شۇكى، 60ياشلار چامىسىدىكى مۇھەممەد كېرەم بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتدىشى جۈرئەت ياسىن 22 خەنزۇ كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى، كېچىچە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
كىشىلەر مانا مۇشۇنداق پەيتتە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىگە قاراشلىق ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ چېچىغا ئاق سانجىغان خىزمەتچىسى خاسىيەت ئاچا يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇدا ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئىشلىدى.
كىشىلەر ‹‹ئېرىشكەن ياردەمنىڭ زىيانكەشلىكتىن كۆپ بولغانلىقى›› نى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاممىسى بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئۈز ئارا ھەمدەم بولۇپ، شاڭخەي ‹‹نەنخۇي›› ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ مېيدۇڭ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەچى كەنتىدىكى 51ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان ئابدۇقىيۇم ئىبراھىم: ‹‹ <5 – ئىيۇل> ۋەقەسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا ئورنىتىلغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ،›› دېدى.
بوران – چاپقۇنلۇق يامغۇردىن كېيىن ھامان قۇياش پارلايدۇ.جاپانى تەڭ تارتقان 56مىللەت ئۆز ئارا يار – يۆلەك بولۇپ، قېرىنداشلارچە مېھىر – مۇھەببەت ئورناتتى.
بۇلتۇر 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، لاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى كەچتە، لىنكودۇڭ يولىدا خەنزۇ ئاتا – بالا زورۋانلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇلغان. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لوساڭ سىرىن بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، زوراۋانلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلغان، لوساڭ سىرىن ھوشىدىن كەتكەن بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇۋالغان ھەم بېشىدىكى بىخەتەرلىك قالپىقىنى بالىنىڭ ئاتىسىغا كىيگۈزۈپ قويغان، بىراق ئۇنىڭ بېشى تاياق زەربىسىدە يارىلانغان.
‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىدە پارتىيە – گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زات لوساڭ شەندەن ئۆلۈمدىن قورقماي، 100نەچچە خەنزۇ، خۇيزۇ كىشىنى قۇتقۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرگەن. لوساڭ شەندەن ‹‹بىز 56مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز››، دېگەن.
يۈرىكىمنى تۇتقۇزاي ساڭا، چۈنكى بىزلەر قېرىنداش،
يۈرىكىڭنى تۇتقۇزغىن ماڭا، بىز ئۈلپەتداش ھەم ئاداش.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەننىڭ مىللىي 6 – ليەنى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ.
ليەنجاڭ ئېرلان قازاق ، ئۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيىسىدىن كەلگەن. بىرىنچى پەينىڭ پەيجاڭى ئەنۋەر ئۇيغۇر ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دۇنياغا مەشھۇر قىزىل مىڭئۆي يۇرتىدىن كەلگەن. مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچى دولىگان مۇڭغۇل، ئۇ بورتالا يايلىقىدىن كەلگەن، بۇ ليەندە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، مۇڭغۇل، قىرغىز، تاتار، شىبە قاتارلىق ھەر مىللەت ياشلىرى بار.
‹‹56مىللەت 56گۈل، 56 قېرىنداشتۇر بىر ئائىلە؛ 56 تىلنى مۇجەسسەملىگەندە ھاسىل بولۇر جۇڭخۇانى سۆيىمەن دېگەن جۈملە ..............››
ۋەتىنىمىزدىكى 56مىللەت خەلقى قان – قېرىنداش ،ئۇلار باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، خوجايىنلارغا خاس سالاھىيەت بىلەن مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ يېڭى تۇرمۇشنى ياراتماقتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالماقتا.