باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مۇقىمسىزلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق شىنجاڭ خەلقىگە بالايى –ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-07-16 11:15

       11 – ئىيۇل ، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابدۇرازاق تۆمۈر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى ‹‹ 5–ئىيۇل ›› ۋەقەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى .

      ئابدۇرازاق تۆمۈر شىنجاڭدا ئىقتىساد ، جەمئىيەت ، مىللەت مەسىلىلرىنى ئۈزۈن مەزگىل تەتقىق قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس . ئۇ : يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ، بولۇپمۇ ، پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، دېدى . 

       11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى ئابدۇرازاق تۆمۈر : تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق ، شىنجاڭدا  ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاق ، سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغاندىلا ، ئىقتىسادىمىز تېز تەرەققىي قىلىپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ؛ قايسى ۋاقىتتا جەمئىيەتتە ئىتتىپاقسىزلىق ، مۇقىمسىزلىق كۆرۈلسە ، شۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ بېشىغا بالايى ئاپەت ياغقان ، دېدى . 

       لېكىن  بۇ قېتىمقى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسى ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ بىز  50 يىلدىن بۇيان بارلىققا كەلتۈرگەن باراۋەرلىك ، ئىتتىپاقلىق ، ھەمكارلىق ، ئىناقلىقدىن ئىبارەت قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى بۇزدى ، بۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ  پۇختا  ئاساسى ، شۇڭا ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىرىدىن ئېشىپ كەتتى . 

      ئابدۇرازاق تۆمۈر يەنە مۇنداق دېدى ، ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسى نۆۋەتتە ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي ، يەنە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ  كەلدى .

     11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى ئابدۇرازاق تۆمۈر : بۇ ۋەقە شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر كۆرسەتتى ، نۇرغۇن كارخانىچىلار شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرماقچى بولدى ، لېكىن ‹‹5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ خوجايىنلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسى سۇسلاشتى ، بىزنىڭ قورقىدىغىنىمىز ئۇلارنىڭ كەلمەسلىكى ، ئەگەر ئۇلار كەلمىسە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى زور زىيانغا  ئۇچرايدۇ ، دېدى .

     ئابدۇرازاق تۆمۈر ئاخىرىدا مۇنداق دېدى : ئۈرۈمچى ‹‹ 5 – ئىيۇل ›› ۋەقەسىنىڭ تېخىمۇ زور سەلبى تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بىر تەرەپتىن دەرھال قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ ، ئۇلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن ، ئاممىغا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، مۇقىملىقنى قوغداش تەشۋىق – تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ، خىزمەت قىلىش ئىشەنچىىسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك .

 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇقىمسىزلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق شىنجاڭ خەلقىگە بالايى –ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق يولى

‹‹ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى مېنىڭ ھاياتىم!››

تەشەببۇسنامە

پارتىيىلىك كادىرلار نەمۇنىلىك ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ئۇنسۇرلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى رەزىل قىلمىشلىرى

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئالاقىدار ئىدىيىلەرنى يېڭىلىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号