باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق يولى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-07-14 16:28

— ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى

     مۇھەررىر ئىلاۋىسى: 7 –  ئاينىڭ 10 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى رابىيە باشچىلىقىدىكى‹‹د ئۇ ق›› ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدە ئاشكارىلانغان رەزىل قىلمىشلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان يامان غەرىزىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئورتاق قوغداش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقى‹‹ئۆگىنىش›› بېتىگە سۆھبەت يىغىنىدا ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بېرىلدى.

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش لازىم

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق

     ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۈرۈمچىدە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت  ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىمقى ۋەقە بىزنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى:

     بىرىنچى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوقۇم چوڭقۇر تونۇش لازىم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئاغدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئەكسىيەتچىل مەقسەتنى  ئاساس قىلغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تۈرلۈك ئامال – چارىلەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئاسان قولغا كەلمىگەن تىنچ، ئىتتىپاق ۋە ئىقتىساد راۋاجلانغان  ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى بالا –  قازاغا ئىتتىرمەكچى بولدى.

     ئىككىنچى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جاھانگىرلار،غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر تەربىيىلىگەن ۋە كۈشكۈرتكەن غالچا ئىكەنلىكىنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش لازىم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقىنى خەنزۇ كادىر، ئاممىسى بولماستىن، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىدۇر. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرىشى قانداقتۇر مىللەت مەسىلىسى ھەم دىن مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن بولغان ھايات – ماماتلىق كۈرەش. مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تىغ ئۇچىنى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن  ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىگە قاتناشقان جىنايەتچىلەرگە قارىتىش كېرەك. ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ قەدىرلىشى، تىغ ئۇچىنى ھەرگىز قېرىنداش مىللەتلەردىن بولغان ئاكا – ئۇكا،  ئاچا – سىڭىللىرىغا قاراتماسلىقى كېرەك.

     ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش لازىم. تارىخ دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى، خەلقىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئىكەنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانچە ياخشى بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتمۇ شۇنچە تېز بولىدىغانلىقى، ھەر مىللەت خەلقى شۇنچە كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغانلىقى؛ ئەكسىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، جەمئىيەت داۋالغۇپ، تەرەققىيات بىر ئىزىدا توختاپ،ھەر مىللەت خەلقى بالا – قازاغا يولۇقىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدى. ئىتتىپاقلىق غەلىبە، ئىتتىپاقلىق ھاياتلىق مەنبەسى، ئىتتىپاقلىق بەخت، بۆلۈنۈش قالايمىقانچىلىق ئاپەت. بىز چوقۇم مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشىمىز كېرەك.

     تۆتىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

     غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە قاراتقان غەربلەشتۈرۈش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكىتى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتى ھەرگىز توختاپ قالغىنى يوق. ئايرىم مەسىلىلەرنى چوڭايتىۋېتىش، ئاددى مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش، ئادەتتىكى مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى. بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە كۆرۈلگەن بۇنداق يېڭى ئەھۋال، يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى ئىدىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز؛ يېڭى كۈرەش ئەمەلىيىتىدە، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ يېڭى تارىخىي شارائىتتا، كەسكىن رىقابەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش خىزمەت ئاساسى ۋە ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

ئاساس قانۇن ۋە قانۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ پرىنسىپى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ فۇخۇەن

     ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش،چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى شىنجاڭدەك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدا، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى، شۇنداقلا  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ  تۈپ پرىنسىپى دۆلەتنىڭ ئاساس قانونى ۋە قانونىدىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزدە ھەر بىر پۇقرا مەيلى ئۇ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاساس قانون ۋە قانوندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق –  مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار قانوندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت. دۆلەتنىڭ ئاساس قانونى ۋە قانونىغا بويسۇنۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

     ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلغان جىنايەتچىلەر قانوننى دەپسەندە قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، بىگۇناھ پۇقرالارنى ۋەھشىيلەرچە ئۇردى ۋە ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قەبىھلىكى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇنداق جىنايى قىلمىشلارنى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشى جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىش. ئۇلار ھېچقانداق مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،ئەكسىچە ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

     بىز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ بىر ئوچۇم جىنايەتچىلەرنى چوقۇم قانون بويىچە قاتتىق جازالايدىغانلىقىغا  ئىشىنىمىز. ھەر مىللەت خەلقى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل، مۇنبەت تۇپراقتا، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەم بارغانسېرى زامانىۋىلىشىۋاتقان شەھەردە بىللە ياشايمىز. بىزنىڭ تۈپ مەنپەئىتىمىز بىردەك. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئاسان قولغا كەلمىگەن قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ۋە خاتىرجەم ۋەزىيىتىمىزنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز كېرەك. بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پىتنە – ئىغۋالارغا ئىشەنمەي ھەم پىتنە – ئىغۋا تارقاتماي، ئىشنى ئۆزىمىزدىن،ھازىردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ –  سۆز ۋە ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. بولۇپمۇ پارتىيىلىك كادىرلار ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى  كېرەك.

ئىتتىپاقلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لا دىشېڭ

     شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇپ، 13 ئاساسىي مىللەت، 55 مىللەت تەركىبىي بار. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولۇپ، تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس. بۇ شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك، پەرقلىق ئىجتىمائىي ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا خىزمەتلەردە غەلىبىگە ئېرىشىشنىڭ جان تومۇرى.

     ھازىر ئېلىمىزدە ‹‹مىللەتلەر مەسىلىسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىياتى مەسىلىسىنى،شۇنداقلا مىللەتلەر ھەم مىللەتلەر بىلەن سىنىپلار، دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولدى››. بۇنداق ئەھۋال شىنجاڭدا تېخىمۇ گەۋدىلىك، مىللەتلەر زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى جىددى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە ،مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، بۇنىڭدىن سىرت ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللىي مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ئىتتىپاقلىققا، ئىناقلىققا ۋە  مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ‹‹غەربلەشتۈرۈشى››، ‹‹بۆلگۈنچىلىك قىلىشى›› غا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

     ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش،كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەردى. رابىيە باشچىلىقىدىكى‹‹دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى›› شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن، بۆلگۈنچىلىك قىلىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلىپ، ‹‹5 – ئىيۇل›› ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنى سادىر قىلدى، بۇ ۋەقەنىڭ ۋەھشىيلىكى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ.

     ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى بىزگە رابىيە گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ قەبىھلىكى، نەيرەڭۋازلىقى ۋە مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا بىز كۈرەش قىلىش سەۋىيىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە، مېخانىزمىمىزنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەربە بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

     بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋەتنى چوقۇم تۈگىتەلەيمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا  جەريان كېتىدۇ ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تىرىشىشىغا شۇنداقلا بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

رابىيە ئۇيغۇرلار ئالدىدا مەڭگۈ گۇناھكار

 شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇرات غېنىزات

     ‹‹5 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى رابىيە قاتارلىق‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› چېگرا سىرتىدا قوماندانلىق قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللىگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ۋەقەسى. توپىلاڭچىلارنىڭ ۋەھشىيلىكى، ئەسەبىيلىكى رابىيە ۋەكىللىكىدىكى ‹‹د ئۇ ق›› نىڭ ساختا ئىنسانىي ھوقۇقى، ساختا دېموكراتىيىسىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلىدى،ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك،زوراۋانلىق قىلىش ئەپت –  بەشىرىسىنى ھەقىقىي ئاشكارىلىدى.

     خۇددى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى بېكىتىلگەندەك، بۇ مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى دۆلەت بىرلىكىنى قوغداش ياكى ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدۇر. رابىيە گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ مەقسىتى مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىش. ئۇلار تەستە قولغا كەلگەن باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش غەرىزىدە بولماقتا. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغانسېرى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق،ئىتتىپاقلىقى شۇنچە كۈچىيىپ، رابىيە گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى بازىرىنى شۇنچە كاساتلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاپ، ئاتالمىش ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› قۇرۇش شېرىن چۈشىمۇ خام خىيالغا ئايلىنىدۇ.

     ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدە ھەر مىللەت كىشىلىرى قان – قېرىنداشتەك بولۇپ، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ،ھايات – ماماتلىق خەتەرلىك پەيتتە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ،ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، توپىلاڭچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرغانلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاق، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلىبداش ئۆتۈشتەك ئىجتىمائىي ئاساسىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى. بۆلگۈنچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. رابىيە گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ مۇشۇ ۋەقە ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلىماقچى بولۇشى خام خىيال. بۇ چوقۇم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار ھامان مەغلۇپ بولىدۇ.

     رابىيە ئۆزىنى مىللىي مەنپەئەتنى قوغداشنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسەتمەكتە، ئەمما، ماھىيەتتە، ئۇ تارىخنى كەينىگە چېكىندۈرمەكچى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئالدىدا مەڭگۈ گۇناھكار. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى رابىيە گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ساختا ئىنسانىي ھوقۇقى، ساختا دېموكراتىيىسىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. ئۇلارنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشى ۋەتەنگە، شۇنداقلا ئۆز مىللىتىگە قىلىنغان ئاسىيلىق. ئۇ دۆلەت ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تەربىيىلەش مۇھىتىنى ياخشىلايلى

 شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە – سانائەت ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تۇرغۇن توختى

     شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىزگە ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ‹‹5 – ئىيۇل›› دىكىدەك جىنايى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. قېرىنداش مىللەتلەر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشى، دۈشمەنلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.

     بىز‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھازىرقى پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ دوستانە ئۆتۈشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلىرى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

     بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، ئىدىيىۋى، سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،سىياسىي ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. ئېنىق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، مەكتەپتىكى مەمۇرى كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىر، ئوقۇتقۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قاراتمىلىقى بولغان تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىش بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياۋروپادا مۇتەئەسسىپ كۈچلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى

كرىزىس بولۇۋاتقان شارائىتتا ئۆي باھاسىدا نېمە ئۈچۈن ‹‹تارىخىي رېكورت››يارىتىلدى ؟

نىجاد نېمە ئۈچۈن يەنە ئىراننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى ؟

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا نورمال بولمىغان ھاۋارايى ئۆزگىرىشى كۆپ بولۇپ كەلكۈن ، قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتى كەسكىن بولىدۇ

ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىگە بوي بەرمەيلى

ياپونىيە جۇڭگو بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن ‹‹شېرىك›› توپلاۋاتىدۇ

پۈتۈن دۇنيادىكى AتىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى

‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号