باتۇرلار روھىغا چوقۇنۇش شامان دىنىنىڭ مۇھىم ئېتىقاد مەزمونلىرىنىڭ بىرى. شامان دىنىدا ئۇرۇق ياكى قەبىلە ئۈچۈن باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىمۇ باتۇر روھقا ئايلىنىدۇ: بۇ روھلار ئۇرۇق ياكى قەبىلە ئەزالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ياۋ روھى بىلەن ئەبەدىي كۈرەش قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ شامان دىنىدىكى باتۇرلار روھىنى ئۇلۇغلاش ۋە تەرغىب قىلىشنىڭ ئىدىيۋى مەنبەسى. شامان دىنىنىڭ پېرىخونلۇق پائالىيەتلىرىدە ئوقۇلىدىغان قەسىدىلەردىمۇ باشتىن - ئاخىر ياخشى روھلارنىڭ باتۇرلىقى ئەكىس ئېتىدۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، شامان دىنىنى باتۇرلۇق روھىنى تارقاتقۇچى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۇنكى باشقا سۈنئىي دىنلاردا مېھرىبانلىق، شۈكۈر - قانائەت ئىدىيىسىنى ئاساس قىلىدىغان دىنىي ئەقىدىلەر مۇھىم مەزمۇن قىلىنسا،شامان دىنىدا باتۇرلۇق ئىدىيىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. باتۇرلۇق چۈشەنچىسى شاماننىڭ بارلىق داۋالاش پائالىيەتلىرىدە ۋە شاماننىڭ بىمار داۋالىغان چاغدىكى ھەرىكەتلىرىدە ناھايتتى ئوبرازلىق ئىپادىلىندۇ.
شامان دىنى ئەقىدىلىرىدە باتۇرلۇق پىسخىكىسى ناھايتتى گەۋدىلىك بولغاچقا، مۇشۇ خىل ئەقىدە - ئېتىقاد مۇھىتىدا قانچىلغان قەھرىمانلار، باتۇر روھلار ۋە باتۇرلۇق ھەققىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ ماددى دېتاللىرى رېياللىقنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەپسانە - رىۋايەتلەردىكى قەھرىمان شەخىسلەرنىڭ ئىدىيۋى، پىسخىك تەربىيلىنىشىدە باتۇرلۇق پىسخىكىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۇنكى رىۋايەتلەردىكى باتۇر شەخىسلەر ئۆزلىرىنىڭ قانلىق كۈرەشلىرىدىكى غەلبىسىنى تەڭرىلەرنىڭ مەدەت بېرىشىدىن بولغان دەپ قارايدۇ. بۇ نۇقتىمۇ شامان دىنىنىڭ دىن پىسخىكىسىدىكى باتۇرلۇق ھەققىدىكى ئىدېئال ئامىللارنى گەۋدىلەندۇرۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تارىخىغا ئائىت ئېپوس ۋە يادنامىلەردىكى ئوغۇز خاقان، ئالىپ ئەرتۇڭا، كۆلتېكىن، تۇنيۇقۇق؛ قىرغىزلاردىكى«ماناس»داستانىدا مەدىھلەنگەن ماناس...قاتارلىق باتۇر خاقانلار، سەركەردىلەر شامانىزم مۇھىتىدا يېتلگەن،ۋۇجۇدىدا شامان دىنىنىڭ ئېتىقاد مەزمۇنلىرىدىكى باتۇرلۇق پىسخىكىسى ۋە باتۇرلار روھىغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى مۇجەسسەملەنگەن غالىب شەخىسلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى،شامان دىنىدىكى باتۇرلار روھىغا چوقۇنۇش باتۇرلۇق پىسخىكىسىنىڭ ئىدىيۋى مەنبەسى. باتۇرلار روھىغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئېتىقاد قارىشى ئاساسىدا باتۇرلۇق پىسخىكىسى شامان دىنىنىڭ دىن پىسخىكىسىغا ئايلانغان. شامان دىنىنىڭ پېرىخونلۇق پائالىيەتلىرىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك كۈرەش، يېڭىش، قوغلاپ چىقىرىش، باتۇر روھلارغا ئايلىنىش ئەسەبىي ھالدا تەرغىب قىلىنىدۇ. شاماننىڭ پېرىخۇنلۇق(پېرە ئويناپ كېسەل داۋالاش)پائالىيەتلىرىدىمۇ شامان ‹ئەسەبىيلەشكەن يامان روھلار›بىلەن كۈرەش قىلىدۇ.شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىكى شامانلارنىڭ «ئازايىم قوشىقى»دىمۇ ئىزچىل ھالدا ھەربىي قۇراللار بىلەن تۇلۇق قۇراللانغان باتۇر روھلارنىڭ جەڭلەردىكى باتۇلىقى،كۈچ - قۇدرىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.