باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> تارىخ - جۇغراپىيە

ئىلى ئوبلاستىدا يېڭىدىن بىر تۈركۈم مەدەنىي يادىكارلىقلار بايقالدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-06-09 16:59

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى  : ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردا 3–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرەشتە ، يېڭىدىن 553 ئورۇندا مەدەنىي يادىكارلىقلار بايقالدى.

     ئىلى ئوبلاستى بۇلتۇر 4–ئايدا باشلانغان 3–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يېتەرلىك مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتەردى . ھازىرغىچە ، ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى ئالتە ناھىيە (شەھەر)نىڭ دالا تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تاماملاپ ، قەدىمىي قەبرىدىن 22 مىڭ 848 نى ، قىيا تاش سىزمىسىدىن 21 نى،يايلاق تاش ئادىمىدىن بىرنى ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئىزناسىدىن 40 نى ، قەدىمكى قۇرۇلۇش خارابىسىدىن ئالتىنى تىزىملىدى . كۆنەس ناھىيىسىدىكى دالا تەكشۈرۈشتە ،  193 ئورۇندىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىمغا ئېلىپ ، يېڭىدىن 156 مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى بايقىدى . غۇلجا ناھىيىسىدىكى تەكشۈرۈشتە ، 106 ئورۇندىكى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 ى قايتا تەكشۈرۈلگەن ،96 سى يېڭىدىن بايقالغان . بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئابرال تېغىنىڭ جەنۇبى ئېدىرلىغىدا زور تۈركۈمدە قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالغان بولۇپ ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، بۇ قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ ۋاقتى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن .  

 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپونىيە جۇڭگو بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن ‹‹شېرىك›› توپلاۋاتىدۇ

پۈتۈن دۇنيادىكى AتىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى

‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى

‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سرىلانكىدىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرمەكچى

ئىراننىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى 130مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىگە تەھدىت بولدى

نۇرغۇن ئۆلكە،شەھەردە سۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ

ئوبامانىڭ گۋانتانامو مەسىلىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ۋاقىت كېتىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号