باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> تارىخ - جۇغراپىيە

دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابە – يارغول قەدىمكى شەھىرى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-06-04 11:42
 
 

     يارغول قەدىمكى شەھىرى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقتىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى بولۇپ ، تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن ئون كىلومېتىر غەربىدىكى يار ئېغىزى غولىغا جايلاشقان . خارابە جايلاشقان تۆپىلىك تىك قىيالىق بولۇپ ، نىسپىي ئېگىزلىكى 20~30 مېتىرگە يەتكەچكە ، قىيانىڭ گىرۋىكىدىكى مۇداپىئە توساق تېمىدىن باشقا ، ئادەتتىكىدەك سېپىللار يوق . بۇ تۆپىلىك تال يوپۇرمىقى شەكلىدە بولۇپ ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1700 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە ئەڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدۇ . قۇرلۇشلار ئاساسەن شەھەر خارابىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 360 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . شەھەرنىڭ جەنۇبىي ، شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىدا ياردىن ئېچىلغان قوۋۇق بار . جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن شەرقىي قوۋۇق قەدىمكى شەھەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ ، شەھەرنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ يول جەنۇبىي ۋە شەرقىي قوۋۇقلار بىلەن تۇتىشىدۇ ھەمدە قۇرلۇشلار مەركەزلەشكەن رايوندىكى 47 تار كوچىنىمۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ، پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئاھالىلەر ئولتۇردىغان قورۇ – جايلارنىڭ ئىشىكلىرى بىۋاستە چوڭ يولغا قارىتىپ ئېچىلماي ، بەلكى تار كوچىلار ئارقىلىق چوڭ يولغا تۇتاشتۇرۇلغان .

       ھازىر ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلاردىن ئوخشىمايدىغان بىناكارلىق تېخنىكىسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، يەرنى كولاپ تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى ئالغاندا ، بۇنىڭدا تام ئورنى قالدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچى – سىرتى كولانغاندىن كېيىن تام شەكىللىنىدۇ ، بۇ ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تېخنىكا ۋە ئاساسلىق قۇرلۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە خاڭداش ، لاي دۆۋلەش ، كېسەك – چالمىلار بىلەن قوپۇرۇش ، گەمە كولاش قاتارلىق تېخنىكىلارمۇ بولۇپ ، ئۇلار ئوخشىمايدىغان رول تەرتىپى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلغان . يارغول تۆپىلىكىنىڭ شىمالىدا ، يەنە تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە قىيپاش يوللۇق ، ئۆڭكۈرسىمان لەھەتلىك نەچچە ئون قەبرە بار . بۇ قەدىمكى شەھەر مەمىلكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .

 مەنبە:  تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۈتۈن دۇنيادىكى AتىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى

‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى

‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سرىلانكىدىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرمەكچى

ئىراننىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى 130مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىگە تەھدىت بولدى

نۇرغۇن ئۆلكە،شەھەردە سۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ

ئوبامانىڭ گۋانتانامو مەسىلىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ۋاقىت كېتىدۇ

پاكىستان بىلەن تالىبان كوچا ئۇرۇشى قىلىشقا باشلىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号